ھىندىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دېرىكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى، «ھىندىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى، ئەمەلىيەتتە ھىندىستاننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مىللىي مەنپەئەتىگە پايدىلىقتۇر» دېدى.
ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنداق دېدى: «ھىندىستاننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تاشقىي سىياسەتتە تەرەپسىز تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز، دېگەن پرىنسىپ بويىچە مېڭىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ھەتتا يېقىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتىنىڭ يىغىنىدىمۇ ھىندىستان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تەرەپسىزلىكنى تاللىدى، يەنى ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچتى. بىز ھىندىستاننىڭ بۇ خىل پوزىتىسىيەسىنى ئۆزگەرتىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدۇق، شۇنداقلا ھىندىستاندا بۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئىمكانىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھىس قىلدۇق. ئەگەر بىز ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ، توغرا قەدەملەر بېسىپ، ھىندىستاننىڭ تاراتقۇلىرىنى، سىياسەتچىلىرىنى، ئىقتىسادشۇناسلارنى ۋە ھىندىستاننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىنسانلارنى قايىل قىلىلالىساق، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن. مېنىڭچە، ھىندىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى، ئەمەلىيەتتە ھىندىستاننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. بىز بۇ نوقتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشماقچىمىز، بىزنىڭ بۇ مەقسەتكە يېتىشىمىز ئۈچۈن كۆپ تىرىشىچانلىقلارنى كۆرسىتىشىمىزگە توغر كېلىدۇ.»
ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھىندىستان زىيارىتى جەرىيانىدا، ھىندىستاننىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى سابىق مىنىستىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى نونۇڭ ئېرىڭ(Nononv Ering) ، پارلامېنت ئەزاسى سۇجىت كومار (Sujeet Kumar) قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچراشقان، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئۇلارغا ئۆزى يازغان «قىزىل قىيامەت: خىتاينىڭ تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنى سۈمۈرۈشى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ناملىق كىتاب، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتى ۋە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيىسى»نىڭ قارارىنى تەقدىم قىلغان.
ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى، 21-ئۆكتەبىر كۈنى ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىر بولغان «ABP خەۋەرلىرى» (ABP NEWS) تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان پروگراممىسىغا قاتناشقان. ئۇ، بۇ روگراممىدا ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك ئەھۋاللارنى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ ناھەق قامالغانلىقىنى، لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇرغان.

ئۇ ئۆزىنىڭ 1986 - يىلىدىن بۇيان ۋەتىنىگە قايتالمىغانلىقىنى، ئائىلىسىدىكى ئاتا - ئانلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن 5 يىلدىن بۇيان ئالاقە قىلالمىغانلىقىنى، بىگۇناھ ئىنىسىنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، سىڭلىسىنىڭ جازا لاگېرغا ناھەق قامىلىپ، يولدىشى ۋە باللىرىدىن ئايرىلغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق شەخسىي كەچمىشلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پروگراممىغا قاتناشقان ھىندىستانلىق ژۇرنالىست شوبنا ياداۋا (Shobhna Yadava) ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ پاجىئەلەرگە قاتتىق ئېچىنىپ، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى، يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 1949 - يىلىدىن بۇيان نەچچە ئون قېتىم ئاتوم بومبىسى سىنىقى قىلغانلىقىنى، مىليونلىغان خىتاينى شەرقىي تۈركسىتانغا كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرگەنلىكى، شۇنداقلا بۈگۈن ئۇيغۇرلارنى يۇق قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى جازا لاگېرلارغا قاماپ زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر پروگراممىغا قاتناشقان ھىندىستانلىق ژۇرنالىست ۋە تەتقىقاتچى ئاشىش كۇمار سىڭ (Ashish Kumar Singh) ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنچىلا كۆپ خىتاينى مەيلى ئۇيغۇر دىيارىغا بولسۇن ياكى تىبەتكە بولسۇن، كۆچۈرۈپ كېلىپ يەرلەشتۈرۈشىنىڭ ھىندىستان ئۈچۈن چوڭ بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
يۇتۇب قانىلىدا 33 مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بولغان «ABP خەۋەرلىرى» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۇ پروگراممىسىدا، ژۇرنالىست جۇرنو پراناي (Journo Pranay) تېلېۋىزىيە ئىكرانىدا ئۇيغۇرلار بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆز قىلغان. ئۇ «نېمە ئۈچۈن خىتاي ئۇيغۇرلارغا بۇنچە زۇلۇم قىلىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، ئۇ يەردىن بەك كۆپ مىقداردا كۆمۈر، نېفىت ۋە تەبىئي گاز چىقىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۈچۈن يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.
ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھىندىستان زىيارىتىنى 16-ئۆكتەبىر كۈنى باشلىغان بولۇپ، 22 - ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكاغا قايتىدىكەن.