ھىندونېزىيە پروفېسسورى: «بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغدىشىمىز ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىمىزدۇر»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2023.04.04
ablikin-idris-hindoneziye-3.jpg ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس(ئوڭدىن ئىككىنچى) ئەپەندى جاكارتادىكى مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى 4-ئاپرېل، ھىندونېزىيە.
RFA/Erkin Tarim

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ھىندونېزىيەدە بىر قاتار پائالىيەت پروگراممىسىنى باشلىدى. 4-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى جاكارتادىكى مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى مەسسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئىدى. مەزكۇر يىغىندا ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچى ھەققىدە توختالغان مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئاسەپ سەتىئاۋان مۇنداق دېدى: «ھىندونېزىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئېنىق ئەمەس. ھەتتا ھىندونېزىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ‹ئۇيغۇرلار غەرب ئاخباراتلىرى ۋە ئامېرىكا تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك ئەمەس› دېگەن پوزىتسىيەدە بولغان. شۇڭا بىز مۇھەممەدىيە جامائىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىمىز ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىشىمىز كېرەككى، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى ئاكتىپ ھالدا قوللاشقا مەجبۇرلىشىمىز كېرەك. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىمىزغا يېزىلغان. ئۇنداقتا بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغدىشىمىز ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. شۇنداقلا ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە مەسئۇلىيىتى ناھايىتى ئېغىر».

جاكارتادىكى مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى دوكلات بەرمەكتە. 2023-يىلى 4-ئاپرېل، ھىندونېزىيە.
جاكارتادىكى مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى دوكلات بەرمەكتە. 2023-يىلى 4-ئاپرېل، ھىندونېزىيە.
RFA/Erkin Tarim

بۇ يىغىندا يەنە مالايسىيا ABIM ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خايىرۇل ئانۋار، ھىندونېزىيەنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى سابىق باش ئەلچىسى مۇھەممەد ئارسۇچىن، ھىندونېزىيەنىڭ دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خادىمى ئائات سۇريا سائافات قاتارلىقلار سۆز قىلغانىدى.

شۇ كۈنى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس جاكارتادا ھىندونېزىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئارسۇل سانى ئەپەندى ۋە باشقا بىر قىسىم ئەربابلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئارسۇل سانى ئەپەندى ئۇنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ سۆھبەتلەشكەن. كۆرۈشۈشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار ھەققىدە ئابدۇلھېكىم ئىدرىس رادىيومىزغا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئارسۇل سانىدىن ھىندونېزىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارىشىنى سورىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا مەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۆزىدىن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ دەپ سورىدىم. ئۇ، ‹ئەلۋەتتە خەۋىرىم بار. تۈنۈگۈن ئامېرىكانىڭ جاكارتادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ ئىپتار زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلدىم. ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ گېپى بولدى. ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار مېنى زىيارەت قىلغاندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزى بولدى. خىتاي ئەلچىسى مېنى ئۇيغۇر رايونىغا تەكلىپ قىلدى. ئەمما مەن بۇ تەكلىپنى رەت قىلدىم. چۈنكى مەن ئۇ يەرگە بېرىپ خىتاينىڭ ياسىغان يالغانلىرىغا شېرىك بولۇپ قالماي دېدىم›، دەپ جاۋاب بەردى».

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى جاكارتادا ھىندونېزىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جازاۇل فاۋاىد ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. 2023-يىلى 4-ئاپرېل، ھىندونېزىيە.
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى جاكارتادا ھىندونېزىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جازاۇل فاۋاىد ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. 2023-يىلى 4-ئاپرېل، ھىندونېزىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى ھىندونېزىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىگە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى تەييارلىغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بايان قىلىنغان دوكلاتنى سۇنغان. بۇلاردىن سىرت ئۇ، ھازىرغىچە 10 دۆلەت پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، ھېچ قانداق مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ پارلامېنتىنىڭ بۇنداق بىر قارار قوبۇل قىلمىغانلىقىنى، ھىندونېزىيە پارلامېنتىنىڭ بۇنداق بىر قارارنى ئويلىشىشىنى، مۇزاكىرە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

نۆۋەتتە، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىمىگەن بولۇپ، ھىندونېزىيەمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بولغان قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم 270 مىليوندىن كۆپ نوپۇسقا ئىگە ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادىكى پائالىيىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بولۇپمۇ ئۇ، مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بولۇپ ئۆتكەن مەخسۇس ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت يىغىننىڭ ئۈنۈملۈك ۋە تارىخىي بىر يىغىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىي بۇ قېتىم ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتادىن باشقا يەنە 5 چوڭ شەھرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىلىدىغان دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇش پروگراممىسىنى باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.