ھىندونېزىيە ئەلچىسى 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن

0:00 / 0:00

ھىندونېزىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىسى دوكتۇر لالۇ مۇھەممەت ئىقبال ئەپەندى 19-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلى روزى ئەپەندى ۋە باش كاتىپى نۇرەتتىن ئىزباسار ئەپەندىلەرنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ، ئىككى ئاي بۇرۇن ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 3 ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.

نۇرەتتىن ئىزباسار ئەپەندى ھىندونېزىيە ئەلچىسى لالۇ مۇھەممەت ئىقبال ئەپەندىنىڭ 3 ئۇيغۇرنى ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋالدىن كېيىنرەك خەۋەردار بولغانلىقىنى ئېيىتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز بۇ توغرىلىق تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ھىندونېزىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى لالۇ مۇھەممەت ئىقبال ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇنىڭ كاتىپى تېلېفونىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئەلچى ھازىر باشقا دۆلەتتە بولغاچقا، بىزنى تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەركىن ئەپەندى جۈمە كۈنى بىزمۇ ئەلچىخانىدا ئىدۇق. توغرا دېدىڭىز، ئەلچىمىز 3 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلدى، لېكىن ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان بولغاچقا نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكىنى راستىنىلا بىلمەيمەن. ئەلچىمىز ھازىر تۈركىيە سىرتىدا شۇڭا 12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن كېيىن تېلېفون قىلسىڭىز كۆرۈشتۈرەلەيمەن. ئەپسۇس سىز سورىغان ئىشتىن خەۋىرىم يوق».

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2015-يىلى قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ يېقىندا قويۇپ بېرىلگەن، 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۈچىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغانلىقىغا بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ۋە ھىندونېزىيە دائىرىلىرى بۇ ھەقتە تېخى رەسمىي مەلۇمات بەرمىگەنىدى. لېكىن ئۆتكەن ئاي تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ھىندونېزىيەنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى. نۇرەتتىن ئىزباسار ئەپەندى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىنلا ھىندونېزىيە ئەلچىخانىسىغا خەت يېزىپ كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، كۆپ قېتىم يېزىشىش نەتىجىسىدە 19-نويابىر كۈنىگە كۆرۈشۈش ۋاقتى بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھىندونېزىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لالۇ مۇھەممەت ئىقبال ئەپەندى ئۇيغۇر ھەيئەتتىن، چەتئەلدىكى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇنداق سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا سوئاللارنى سورىغان. نۇرەتتىن ئىزباسار ئەپەندى باش ئەلچىنىڭ سوئاللىرىغا ئىسپاتلار بىلەن جاۋاب بەرگەنلىكىنى، باش ئەلچىنىڭمۇ قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

لالۇ مۇھەممەت ئىقبال ئەپەندى ئۇيغۇر ھەيئەتتىن «تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟» دەپ سورىغان. بۇ سوئال كۆپ سورۇنلاردا ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرىغا سورىلىۋاتقان سوئاللاردىن بىرىدۇر. ئۇنداقتا تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا ئاكتىپ ھالدا ئىگە چىقسا، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولارمۇ؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ توغرىلىق كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

بۇنىڭ بىلەن خەۋەرلەردە خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى يېزىلغان تۆت مەھبۇستىن ئەخمەت بوزئوغلاننىڭ نۆۋەتتە تېخى ھىندونېزىيەدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئېنىق بولغان بولدى. ھىندونېزىيە ئەلچىسىنىڭ سۆزى بىلەن ئەخمەت مەھمۇت، ئالتىنغى بايرام، ئابدۇلباسىت تۈزەر قاتارلىق 3 ئۇيغۇرنىڭ ئىككى ئاي بۇرۇن خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى جەزملەشكەن بولدى.