تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە 2015-يىلدىن بېرى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى بار «ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى» 22-فېۋرال بۇ مەكتەپنىڭ ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ تارماقلىرى تەرىپىدىن رەسمىي تاقالغانلىقى، 21-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى مەكتەپكە كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى. لېكىن ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارسىنىڭ باشلىقى 23-فېۋرال رادىئومىز مۇخبىرىغا «ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى» نىڭ تاقالغانلىقىنى رەت قىلدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بۇ ھادىسە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ، بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىكەن. بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 22-فېۋرال تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىمۇ بۇ مەكتەپنىڭ تاقالغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلىغىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈپ خەۋىرىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. «ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مۇدىرى لوقمانجان ئابدۇللا ۋە بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ رادىئومىزغا ئېيتىشىچە، مەكتەپ ئىستانبۇل مائارىپ تارماقلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن 21-فېۋرالدىن باشلاپ رەسمىي تاقىلىپ، بارلىق دەرسلىرىنى توختاتقان.
لوقمانجان ئابدۇللا، ئىستانبۇل مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۆزىنى چاقىرتىپ، مەكتەپنىڭ پائالىيىتىنى توختىتىشنى بۇيرۇغانلىقى، چۈنكى خىتاينىڭ بۇ مەكتەپنى تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا شىكايەت قىلىپ، ئۇلارنى تۈركىيەنىڭ رەسمىي مائارىپ پروگراممىسىغا خىلاپ ئۆز ئالدىغا مائارىپ شەكىللەندۈرۈشىگە يول قويۇش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، دائىرىلەر يەنە بۇ مەكتەپنىڭ تۈركىيە قانۇنلىرىغا خىلاپ ھېچقانداق ھەرىكىتى بولمىسىمۇ، بىراق ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىدىن چۈشكەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئېيتقان.
بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 23-فېۋرال ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لەۋەنت يازىجىغا (Levent Yazici) تېلېفون قىلىپ، مەكتەپنىڭ تاقىلىش سەۋەبىنى سورىغان ئىدۇق. لېكىن لەۋەنت يازىجى «نېمىشقا تاقايدىكەنمىز، تاقىغىنىمىز يوق. سىز كىم بولىسىز، سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز نېمە……. بۇ مەسىلە بىلەن مېنىڭ ئالاقەم يوق. بۇنى بىر تەكشۈرۈپ بېقىپ، شۇنىڭغا قاراپ بىر نېمە دەرمىز» دېدى. ئۇ بىزنىڭ ئىلگىرىلەپ سورىغان سوئاللىرىمىزغا قارىتا يەنىلا «بۇ مەسىلىدىن خەۋىرىم يوق. ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىم يوق. تەكشۈرۈپ كۆرۈشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
بۇ مەكتەپنىڭ تاقىلىشىغا 22-فېۋرال تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان بەزى ئۆكتىچى پارتىيەلەر قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرگەن. تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە-ئيى پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئايخان ئەرەل (Ayhan Erel) بۇ ۋەقەگە قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ توغرىلىق ئۆزىنىڭ پارلامېنتتا مائارىپ مىنىستىرىغا رەسمىي سوئال تەكلىپى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئايخان ئەرەل 22-فېۋرال مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دەيدۇ: «مەن سوئال تەكلىپى سۈپىتىدە دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرىغا سۇنىمەن. بىز بۇنىڭغا قارشى. شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا زاتەن ئۇ يەردىكى تۇغقانلىرىمىز زۇلۇم ۋە ئىسكەنجە ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. بىز تۈركىيە دۆلىتى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى مەكتەپلىرىنى تاقىساق ئۇلارنىڭ قول-قانىتىنى سۇندۇرۇپ، يالغۇز قالدۇرىمىز. ئۇلارنىڭ كەيپىياتى ۋە نىشانى يوققا چىقمامدۇ؟ بۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ».
«ئيىى» پارتىيەسىنىڭ يەنە بىر پارلامېنت ئەزاسى خايرەتتىن نۇھئوغلۇ (Hayrettin Nuhoglu) مەكتەپنىڭ تاقالماسلىقى كېرەكلىكى، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ھەرقانداق ئىشتا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خايرەتتىن نۇھئوغلۇ 22-فېۋرال تېلېفوندا مۇخبىرىمىزغا «بىز شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ھەرقانداق ئىش بولسا مۇتلەق رەۋىشتە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىمىز. قولىمىزدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىمىز. چۈشىنىشلىك بولدىمۇ؟ نېمە بولسا بولسۇن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دائىم يېنىدا بولىمىز……. بىز قولىمىزدىن قانداش ئىش كەلسە قىلىمىز. مەكتەپ تاقالماسلىقى كېرەك، بىز بۇنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىپ كۆرۈمىز» دېدى.
«ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى» ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار نىسبەتەن توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا جايلاشقان بولۇپ، مەكتەپ «ھىرا مەدەنىيەت-مائارىپ ۋەخپىسى» نىڭ قارمىقىدا ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتەپ دۆلەت مەكتەپلىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرنىڭ ئانا تىلى ۋە قوشۇمچە پەنلەرنى ئۈگىنىدىغان دەرسخانىسى بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا ئالاقىلىشىدىغان، دۆلەت مەكتەپلىرىگە تۇرۇشلۇق گۇۋاھنامىسى يوق كىرەلمىگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇن بولۇپ كەلگەنىدى. شۇڭا، مەزكۇر مەكتەپنىڭ تاقىلىشى بۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىمۇ قاتتىق بىئارام قىلغان.
نۇرىيە خانىم ئىككى پەرزەنتى تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەكتىپىدە ئوقۇسىمۇ، لېكىن مەكتەپتىن سىرتقى ۋاقتىدا قوشۇمچە «ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى» گە بارىدىغان ئۇيغۇر مۇھاجىرى. ئۇ 22-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ «ھىرا مەكتىپى» نى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ئوغلۇم ئىككىسى ئەتىگەندە دۆلەتنىڭ نورمال مەكتىپىگە باراتتى. 2 دىن 40 تە مەكتەپتىن يانىدۇ. ئۆيگە كېلىپ 3 يېرىمگىچە تامىقىنى يەپ، 3 يېرىمدە ھىرادا دەرس باشلايتتى……. بالىلار ئۆزىنىڭ تىلىدا گەپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئويۇنىنى ئويناپ قىلغاچقا ھەممىسى بەك ياخشى كۆرەتتى.»
نۇرىيە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھىرا مەكتىپىنىڭ تاقىلىشى بالىلارنىڭ «كۆڭلىنى بەك يېرىم» قىلغان. نۇرىيە خانىم: «مەن ئۇنىمىغانتىم ئەسلىدە، بالام بولدى تەتىلدە ئوقۇڭلار، تەتىلدە بىكار 3 تەتىل بولىدۇ. تەتىلدە ئوقۇڭلار ماۋۇ ۋاقىتتا بەك جىددىي بولۇپ قالىسىلەر دېسەم، ياق، بىزنى ئاپارمىدىڭىز، دەپ ئاخىرى مەن ئۆيىمىزگە يىراقراق بولسىمۇ ئاپىراتتىم. بالىلارنىڭ بەك بارغۇسى بار، كۆڭلى بەك يېرىم. ئامال يوق ئۆيدە زېرىكىپ كېتىۋاتىدۇ» دېدى.
مەكتەپ مۇدىر لوقمانجان ئابدۇللانىڭ ئېيتىشىچە، مەكتەپ تاقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۈمىدىنى يەنىلا ئۈزمىگەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمزا توپلاپ، ھۆكۈمەتكە سۇنماقچى بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈردى.
لوقمانجان ئابدۇللا: «بۇ ئىشقا كەلگەندە مەن ئويلاپ قالدىم، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىزدەنسەك يوچۇقلار چىقىپ قالارمۇ، دېگەن ئۈمىدۋارلىقىمىزنى يەنىلا ئۈزمىدۇق. ھەتتا ئانا-ئانا ۋە بالىلارنىڭ ئىمزاسىنى توپلاپ…. . بىز تۈركىيە جۇمھۇريىتىنى سۈيىمىز، تۈركىيە مائارىپ سىستېمىسىنى قوللايمىز، لېكىن ئانا ئانا تىلىمىزنىمۇ سۆيىمىز، بۇنى داۋاملاشتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېگەن شەكىلدە ئىمزا توپلاپ سۇنماقچى بولۇۋاتىمىز.»
لوقمانجانىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى مائارىپ تارماقلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئۇنى مائارىپ ئىدارىسىگە چاقىرتقاندا ئۇنىڭ يازما ئىپادە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. دائىرىلەر «بۇ ئورۇن رەسمىي ئۆز ئالدىغا بىر مەكتەپ ئەمەس، بەلكى بالىلارنىڭ دەرستىن كېيىنكى بوش ۋاقتىدىكى قوشۇمچە مائارىپى، دېگەنگە يازما چۈشەنچە بېرىشى» نى تەلەپ قىلغان.
لوقمانجان ئابدۇللا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىپادەمنى ئايرىم ئالدى. ئىمزا قويدۇرۇپ ئېلىپ قالدى. بۇ يەردە بىزنىڭ پائالىيىتىمىزنىڭ خاراكتېرىنى چۈشەندۈرۈپ بەر، بۇ يەردە سىياسىي پائالىيەت قىلمىغان، بۇ رەسمىي ئۆز ئالدىغا مەكتەپ شەكلىدە ئەمەس، دەرستىن يانغاندىن كېيىنكى بالىلارنىڭ بوش ۋاقتىدىكى قوشۇمچە مائارىپ، دېگەنگە چۈشەنچە بەر، دېدى».
«ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى» نىڭ ئورنى «كېلەچەك پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ باش مىنىستىر ۋاقتىدا بېرىلگەن. بۇ مەكتەپنىڭ تاقىلىشى 22-فېۋرال مەزكۇر ئۆكتىچى پارتىيەنىڭمۇ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. مەزكۇر پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سالچۇك ئۆزداغ( Salcuk Ozdag )ئىستانبۇل مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى «ئۇسۇلسىزلىق» دەپ ئەيىبلىگەن.
سالچۇك ئۆزداغ: «بۇنى ئۇسۇلسىز قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭغا رەسمىي يازما ئۇقتۇرۇش چىقارسا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىنىدۇ. تۈركىيەدە قانۇن سىياسىيلاشقان بولسىمۇ، لېكىن بېرلىندا سوتچىلار بار، دېگەندەك ئەنقەرە، ئىستانبۇل، تۈركىيەدىمۇ سوتچىلار، تەپتىشلەر بار. بۇنىڭدىن تەپ تارتىدۇ. بۇ خەلقئاراغا تېما بولىدۇ، دەپ ئەنسىرىگەچكە يەڭ ئىچىدە بۇ خىل بېسىم بىلەن مەكتەپنى بىز تاقىمىدۇق، ئۆزى تاقالدى، دېمەكچى» دېگەن.
سالچۇك ئۆزداغنىڭ ئېيتىشىچە، ئىستانبۇل مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەكتەپنى ئۆزۈڭلار تاقاڭلار دېگىنى «قانۇنسىز ئىش قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى» ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىستانبۇل دۆلەتلىك مائارىپ ئىدارىسى قانۇننى سۇيىئىستېمال قىلىپ، رەسمىي يازما ئۇقتۇرۇش بىلەن بۇ مەكتەپنى ئۆزى تاقىماي، غەيرىي رەسمىي رەۋىشتە سەن تاقايسەن، دېگەن بولسا، بۇ ئۇنىڭ قانۇنسىز ئىش بېجىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ۋە ئىسپاتى. بۇمۇ ئۇنىڭ جەمئىيەتكە ۋە قانۇنچىلارغا ئاشكارىلىنىشىدۇر».
بۇ ۋەقە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ پات-پات تۇتقۇن قىلىنىپ، كۆچمەنلەر مەركەزلىرىگە قامالغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنىپ، ۋاقىتلىق گۇۋاھنامىگە ئۆزگەرتىلىۋاتقان، بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينى ياقلايدىغان سىياسەتچىلەرگە «ھاقارەت قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى «ئۇيغۇرلارنى سۇيىئىستېمال قىلماقتا» دەپ ئامېرىكانى ئەيىبلەۋاتقان، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت بوشلۇقى بارغانسېرى تارىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى بىر قېتىملىق يىغىنىدا: ««ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە تۈركىيەنى كونترول قىلماقچى. بىر سىياسىي پارتىيە كونترول قىلىش جەھەتتە بۇ مەسىلىگە ئىگىدارلىق قىلدى. لېكىن بىز ئۇيغۇر تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ھەر خىل مۇلازىمەتلەرنى قىلىۋاتىمىز» دېگەن.