خىتاينىڭ تۈركىيەگە قاراتقان «ۋىرۇس دىپلوماتىيەسى» ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» دىكى بىرلىك سەپ خىزمەتلىرى (1)

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.03.17
خىتاينىڭ تۈركىيەگە قاراتقان «ۋىرۇس دىپلوماتىيەسى» ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» دىكى بىرلىك سەپ خىزمەتلىرى (1) تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭ_ 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى
AP

چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، نۆۋەتتە مەخسۇس ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتاي سىياسىتى ھەققىدە تەتقىقات  بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئاندىرى كىلىمەس ئەپەندى جېيمىس توۋن فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا «شىنجاڭ كرىزىسى ۋە كورونا ۋىرۇسى مەزگىلىدىكى خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتى»، «خىتاينىڭ ‹شىنجاڭ تەشۋىقاتى› ۋە خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى بىرلىك سەپ خىزمەتلىرى» سەرلەۋھىلىك ئىككى قىسىملىق ماقالە ئېلان قىلغان.

مەزكۇر ماقالىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ئاپتور تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئورناتقان كورونا ۋىرۇسىنى كونترول قىلىش ھەمكارلىقىنىڭ تۈركىيە ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇشى ئۈچۈن ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تۈركىيەنىڭ ئاندا-ساندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى ئەيىبلەپ قويۇشى، تۈركىيەنىڭ تاشقىي سىياسىتىگە ھېچقانچە تەسىر كۆرسەتمىگەن. مەسىلەن، گەرچە تۈركىيە 2020-يىلى ئۆكتەبىردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى  ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا 39 دۆلەت ئىمزالىغان خىتايغا قارشى بىرلەشمە كېلىشىمگە  ئىمزا قويمىغان.

ماقالىدە يەنە 2016-يىلدىن باشلاپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى نورمال ھاياتىنى بەربات قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كېڭەيمىچىلىكنىڭ يېڭى دەۋرىنى جاكارلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى خىتاي كومپارتىيەسىگە يېڭى پۇرسەت ۋە ئىستراتېگىيەلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى مەنپەئەتىنى كېڭەيتىشكە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.

2020-يىلى 8-ئاپرېل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ  تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بولغان تور سۆھبىتىدە «ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە باشقا ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردە ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە قوللاش» نى ئىلگىرى سۈرىمىز،  ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسلىق بىخەتەرلىك مەسىلىسى، دېگەن ئىدى. 

«سىنوۋاك» ناملىق خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنا 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ ئەنقەرەگە كېلىشكە باشلىغان. ۋاكسىنا ئەۋەتىلىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 2017-يىلى مايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدا ئىمزالانغان «جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى تەستىقلىغان. تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەجلىسى گەرچە بۇ كېلىشىمنى تېخى تەستىقلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىش تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى نىشانلىق ھالدا ساراسىمگە سالغان. چۈنكى بۇ كېلىشىمنامىگە ئاساسەن پەقەت ئىككى دۆلەتنىڭ بىرىدىلا «قانۇنسىز» دەپ قارالغان قىلمىشلارنى سادىر قىلغان كىشىلەر يەنە بىر تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «شۇنىڭ بىلەن خىتاي رەسمىي ھالدا ئاتالمىش ‹ۋاكسىنا دىپلوماتىيەسى› ئارقىلىق ئاممىۋى ساغلاملىقنى سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىش مەقسىتىگە يەتتى. بۇ دىپلوماتىيە ئاساسلىقى تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ  ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىدلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى توختىتىشتا ياردەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان.»

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى ئاندرى كىلىمەس ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، كورونا ۋىرۇسى مەزگىلى بىر كرىزىس ھەم بىر بىر پۇرسەت مەزگىلى بولدى. خىتاي بۇ پۇرسەتتىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. خىتاي بۇ مەزگىلدە ‹ۋاكسىنا دىپلوماتىيەسى› ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتتى ۋە بەزى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچلەندۈردى. تۈركىيەدە تېخىمۇ سىستېمىلىق، كونكىرېت ھەرىكەت قىلدى. مەسىلەن، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ‹بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە بىرلىشىش› تەشۋىقاتى بويىچە، 2020-يىلىدا خىتاي تۈركىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا نەچچە قېتىم تببىي ماسكا ئىئانە قىلغان.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى سىياسەتلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمى بىۋاسىتە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك. ئۇلار ھەرخىل تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىي سىياسىتىنىڭ تۈركىيە خەلقى ئارىسىدا خىتايغا قارشى پىكىر ئېقىمى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. خىتاي تۈركىيەدە ‹شىنجاڭ كرىزىسى› نى كونترول قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن سەرمايە ۋە كۈچ سەرپ قىلىۋاتىدۇ.»

ماقالىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا، خىتاينىڭ تۈركىيەگە بولغان بېسىمى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك «ئاممىۋى ساغلاملىق» سىستېمىسىنى، «خەلقئارا ھەمكارلىق» سىياسىتىنى ۋە «ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيىتى» نى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دېيىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ۋىرۇس يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمكارلىقىنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە دائىر ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈركىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېتىلىپ بىر قانچە ئاي ساقچىخانىدا، قايتۇرۇش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئەھۋاللار يۈر بەرگەن ئىدى.

تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ‹شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى› نى كۈنتەرتىپتىن چىقىرىۋېتىش يولىنى تاللىغان.»

10-مارت كۈنى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «ئىيى» پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تۈركىيە پارلامېنتىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنغان بولۇپ، بۇ تەكلىپ  ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەت قىلىشى ۋە ئىتتىپاقداش پارتىيە بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىشى نەتىجىسىدە رەت قىلىنغانىدى. 

پروگراممىمىزنىڭ خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بىرلىك سەپ خىزمەتلىرى ھەققىدىكى ئىككىنچى بۆلۈمى داۋاملىق دىققىتىڭلاردا بولىدۇ. 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.