«ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» قاتارلىق كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 18-مارت كۈنى «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ گۇيشياڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئائىت تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان داڭلىق تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزنى «ئۇيغۇرلار ھەققىدە يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ، شىنجاڭدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلەرنىڭ جازالىنىشىغا سەۋەب بولدى»دەپ ئەيبلىگەن ھەمدە شىنجاڭدىكى بەزى شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ، ئادرىيان زېنىزنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغۇزۇش، شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ يوقالغان ئىناۋىتى ۋە ئۇچرىغان ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ شۈ گۇيشياڭ بىر نەچچە قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىدا ئادرىيان زېنىزنى «بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاگېرلارغا سولاندى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشى چەكلەندى دەپ رېئاللىقنى بۇرمىلىدى»دەپ ئەيبلىگەنىدى. ئەمەلىيەتتە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى ۋە سىرتقا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي يوشۇرۇپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە لاگېرلار مەسىلىسى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى قاتارلىقلار بار ئىدى. يېقىندا ئۇ تېخى CBN تېلىۋېزىيىسىنىڭ بىر پروگراممىسىدا، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىشنىڭ چوڭلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت، دىن ۋە تىل ئالاقىسىنى ئازايتىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ ناھايىتى ئاسانلا خىتاينىڭ مېڭە يۇيۇش ئوبيېكتلىرىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ «زىياننى تۆلىتىش ئۈچۈن» تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزنى سوتقا بەرمەكچى بولغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇنى قوللايدىغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئادرىيان زېنىز ئۈستىدىن داۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئادرىيان زېنىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەتقىقاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرىنى پاكىتلىرى بىلەن ئاشكارىلاپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەچكە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىزچىل بىئارام بولۇپ كەلگەن ۋە ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە تەھدىت سېلىشنى توختاتمىغان. ئادرىيان زېنىزنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان ۋە ئەيبلىگەن چەت ئەللىك تەتقىقاتچى ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى مەھمۇت ئابدۇۋەلىنى سۆزلىتىپ، ئادرىيان زېنىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىگە رەددىيە بەرگۈزگەن. ئۇ خىتاي تەشۋىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ساختا مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر، ھەتتا خىتاينىڭ نوپۇسىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئادرىيان زېنىزغا سوئال قويغان.
بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە خىتاي تەشۋىقات ئورۇنلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە قەشقەردىن گۈلبوستان دېگەن ئايالنى سۆزلىتىپ، يېزىلاردا ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئىككى- ئۈچتىن بالىسى بارلىقىنى، مەجبۇرىي تۇغۇتنى چەكلەشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ ئادرىيان زېنىزنى يالغانچىغا چىقارماقچى بولغان.
ئاندىن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەتمۇ تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزغا رەددىيە بېرىپ، «سانلىق مەلۇماتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆپ قىسمى تۇغماس قىلىنغانلىقتەك ساختا كۆرۈنۈش پەيدا قىلدى» دەپ ئەيبلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن ئۇ يەردىكى قاباھەتلىك كەچمىشلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئۇيغۇر ئايال شاھىتلارنىڭ بۇرۇنقى ئەرلىرىنى سۆزلىتىپ، ئايال شاھىتلارغا پەسكەشلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغان.
ئادرىيان زېنىز 18-مارت كۈنى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق يازغان: «خىتاي ھۆكۈمىتى 3 سائەت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ مەن ئۆز تەتقىقاتىمدا ئىسپات كۆرسەتكەن ئۇيغۇر شاھىتلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇيغۇر ئايال شاھىتلىرىغا ھۇجۇم قىلىنغان بىر ۋىدىيودا ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئەرلىرى ئۇلارنى ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن».
ئادرىيان زېنىز خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماڭا قىلغانلىرى گويا ئۇلار جان تالىشىۋاتقاندەك تەسىر بەرمەكتە. ئۇلار ئۇيغۇر شاھىتلارغا بارغانسېرى شەرمەندىلەرچە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئىنتايىن يىرگىنچلىك قىلمىشتۇر». ئۇ يەنە خىتايغا يۈرگۈزۈلگەن ئىقتىسادىي جازا ئېلىپ كەلگەن بېسىم ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ قىلمىشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىشى ھەمدە 2022-يىل خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش سادالىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ قېتىم دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنى توپلاپ ئۇيغۇر رايونىغا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشى، جۈملىدىن ئادرىيان زېنىزنى ئەيبلىشى مۇشۇنىڭ بىلەن 5-قېتىملىقى ئىكەن. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھەر قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرۇلۇق ئىچكى ۋە تاشقى بېسىملارغا ئۇچرىغاندا مۇشۇنداق ئاخبارات ئېلان قىلىشى يىغىنى ئېچىپ ئۆزىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولىدىكەن ھەمدە ئۆزلىرى «خىتاينىڭ دۈشمىنى» دەپ ئاتىغان ئادرىيان زېنىزغا ئوخشاش تەتقىقاتچىلارغا ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىدىكەن. بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى خىتاينىڭ تېخىمۇ زەھەرخەندىلىك ۋە شەرمەندىلىك بىلەن قىلغان ھۇجۇمى ھېسابلىنىدىكەن.