خوڭكوڭدىكى مىليون كىشىلىك نامايىش ۋە خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرىنىڭ بايانلىرى
2019.06.10
9-ئىيۇن خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى» گە قارشى نامايىش دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنماقتا. نامايىشنى خوڭكوڭدىكى «يەرلىكلەر دېموكراتىيە فرونتى» قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشچىلارنىڭ سانى خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بايانىدا «240 مىڭ كىشى» دېيىلگەن بولسىمۇ، بەزى ئاخبارات قاناللىرى «مىليون كىشىلىك نامايىش» دەپ خەۋەر تارقاتماقتا.
خەۋەرلەرگە كۆرە، بۇ قېتىمقى نامايىش 2017-يىلى خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن 100 مىڭ كىشىلىك «مەركەزنى ئىشغال قىلىش» نامايىشىدىن كېيىنكى كۆلىمى ئەڭ زور نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. 2017-يىلىدىكى نامايىش 1997-يىلى خوڭكوڭ ئەنگلىيەنىڭ قولىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ خوڭكوڭنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن خوڭكوڭ دېموكراتىيىسىگە سېلىۋاتقان زىيانلىرىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مۇنداق ئىزاھلانماقتا: «ئەگەر خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ‹قاچقۇنلار نىزامى› غا تۈزىتىش كىرگۈزسە خوڭكوڭ پۇقرالىرى ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىكى، بىخەتەرلىكى تەھلىكىگە ئۇچرايدۇ. خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە مۇھىتى تېخىمۇ تارىيىدۇ. خىتاي ۋەدە قىلغان ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› سىياسىتى ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلىشىدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹قاچقۇنلار نىزامى› غا بىنائەن خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۆكتىچىلەر خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بۇ تۇتقۇنلار سوتتا ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. ئاقىۋەتتە خوڭكوڭنىڭ مۇستەبىت كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ رېجىمى ئاستىدىكى ئۆلكىلەردىن پەرقى قالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ‘قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىگە قارشى تۇرۇش لازىم.»
جەنۇبىي موڭغۇلىيە مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ گېرمانىيەدىكى ۋەكىلى تەمسىلتو ئەپەندى بۇ نامايىش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «دېموكراتىك گۇرۇھلار، خىتاي ئۆكتىچىلىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياخشى پارتىيە بولمىغاچ ھەممىمىز ئازاب چېكىۋاتىمىز، ئۇنى ئىسلاھ قىلساق، دېموكراتىيەلەشتۈرەلىسەك كۈنلىرىمىز ياخشى ئۆتىدۇ، دەپ قارايدۇ. خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ زور نامايىشمۇ كومپارتىيەنىڭ چەكلىمىلىرىنى ئازايتىپ راھەت ھايات كۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمما خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى تۈپتىن يوقالمىسا، خىتاي خەلقىنىڭ بۇ مەقسەتلىرى ھاسىل بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇيغۇر، تىبەت جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەرنىڭ مەقسىتى يالغۇز كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە ھاياتقا خاتىمە بېرىش، خىتاي ئىستېلاسىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئوتتۇرىدا پەرق بار.»
9-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيەدىكى مەشھۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» مەزكۇر نامايىش توغرىسىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنى بەربات قىلماقچى» سەرلەۋھىلىك بىر زىيارەت ماقالىسى ئېلان قىلدى. ماقالىدا گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرىدىن راي ۋوڭ زىيارەت قىلىنغان.
راي ۋوڭ مۇخبىرنىڭ «سىز نېمە ئۈچۈن گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەش قارارىغا كەلدىڭىز؟» دېگەن تۇنجى سوئالىغا: «گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش بىلەن مەشھۇر بولغان بىر دۆلەت شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بىر دۆلەت،» دەپ جاۋاب بەرگەن.
ماقالىدا خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى سىياسەتلىرىنىڭ بارغانسېرى ئەشەددىيلىشىۋاتقانلىقى، ئەنگلىيەنىڭ قولىدىكى ئالدىنقى بىر ئەۋلاد خوڭكوڭلۇقلار باشتىن كۆچۈرگەن دېموكراتىيە، ئەركىنلىككە تولغان ھاياتنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكى، يېڭى ئەۋلادنى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەبىت سىياسىتى كۈتۈۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ خوڭكوڭنى پۈتۈنلەي بەربات قىلىش يولىغا قەدەم باسقانلىقى بايان قىلىنغان.
مەزكۇر ماقالىنىڭ زىيارەت ئوبېكتى بولغان خوڭكوڭ زىيالىيسى راي ۋوڭنىڭ بىزگە مەلۇملۇق بىر ھېكايىسى بار.
راي ۋوڭ خوڭكوڭدىكى «يەرلىكلەر دېموكراتىيە فرونتى» ناملىق خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى باياناتچىلىرىدىن بىرى. 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇ 2 نەپەر ھەمراھى بىلەن د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى باش شتابىغا «مۇستەقىللىق كۈرىشى توغرىسىدا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش» ئۈچۈن كەلگەندە بىز ئۇلارنى زىيارەت قىلغان ئىدۇق.
راي ۋوڭنىڭ ئەينى چاغدا بىزگە بىلدۈرۈشىچە، خوڭكوڭدىكى «يەرلىكلەر دېموكراتىيە فرونتى» تەشكىلاتى 2015-يىلى 1-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدە بۇ تەشكىلاتنىڭ 60 نەپەر ئەزاسى 2014-يىلى 28-سېنتەبىر كۈنى خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن «كۈنلۈك ئىنقىلابى» ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئىكەن.
ئەينى زاماندىكى «كۈنلۈك ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەتكە خوڭكوڭ ياشلىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان. بۇ ھەرىكەت ھەپتىلەرگە سوزۇلۇپ، ئاخىرى ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار كېلىپ چىققان. كۆپلىگەن ياشلار قولغا ئېلىنغان. مەزكۇر تەشكىلات خوڭكوڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن «رادىكال، ئايرىمىچى، يۇرتۋاز» دېگەندەك ناملار بىلەن قارىلانغان. بىر قىسىم ياشلار 6 ئايدىن 8 ئايغىچە قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغان. راي ۋوڭ نامايىشتا ئوينىغان رولى ۋە نۇتۇقلىرى بىلەن خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ چولپىنىغا ئايلانغان.
راي ۋوڭ ئىلگىرى 5 قېتىم خوڭكوڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئاخىرقى قېتىمدا 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى قولغا ئېلىنغان. ئەمما سوتنىڭ ھۆكۈمى چىققۇچە قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ 2017-يىلى ئۆكتەبىردە د ئۇ ق ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلىپ خوڭكوڭغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن «تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپسەن» دەپ خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق سوئال-سوراقلىرىغا دۇچ كەلگەن. ئۇلار شۇ يىلىنىڭ ئاخىرى سوتنىڭ ھۆكۈمى چىقمايلا خوڭكوڭنى تەرك ئېتىپ، گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولغان ۋە پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل كۆرۈلگەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شۇ قېتىمقى سۆھبەتكە ئىجابىي باھا بەرگەن ئىدى.
راي ۋوڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا شۇلارنى تىلغا ئالغان: «2017-يىلى خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگىنىگە 20 يىل بولدى. خوڭكوڭدا دەسلەپتە ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ، خوڭكوڭنى خوڭكوڭلۇقلار ئىدارە قىلاتتى، خوڭكوڭدا ئالىي ئاپتونومىيە تۈزۈمى بار ئىدى. بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىمىز، ئەركىنلىكىمىز، قانۇن-تۈزۈملىرىمىز، دېموكراتىيىمىز كاپالەتكە ئىگە ئىدى. ئەمما خوڭكوڭ خىتاينىڭ قولىغا قايتقان 20 يىلغا نەزەر سالساق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. خىتاي ھاكىمىيىتى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمايلا قالماستىن، خوڭكوڭنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەركىنلىكىگە زىيانكەشلىك قىلدى. 2014-يىلىدىن باشلاپ سۈكۈت ئىچىدىكى خوڭكوڭلۇقلار قەددىنى كۆتۈرۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىككە بولغان باستۇرۇشلىرىغا قارشى كۈرەش دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇردى. 2014-يىلىدىكى ‹كۈنلۈك ئىنقىلابى› دىن كېيىن خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ئىستەكلىرى كۈچىيىپ باردى. 2015-ۋە 2016-يىللىرى مۇستەقىللىق ئىستىكىدىكى ياشلارنىڭ قوشۇنى زور دەرىجىدە كېڭەيدى. خوڭكوڭ خەلقى جۇڭگولۇقلارغا كېرەك بولۇۋاتقىنىنىڭ خوڭكوڭ ئىكەنلىكىنى، ئەمما خوڭكوڭلۇقلار ئەمەسلىكىنى بارغانسېرى چۇڭقۇر چۈشىنىپ يەتتى. ھازىر خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك مۇستەقىللىق تەرەپدارى.»
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خىتاي ھاكىمىيىتى تەدرىجىي ھالدا ھەر خىل سىياسىي بېسىملار ۋە مەدەنىي باستۇرۇشلار ئارقىلىق خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئايرىم تىلىنى يوقىتىش، مەدەنىيىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، ئاخىرقى ھېسابتا خوڭكوڭلۇقلارنى يۇتۇۋەتمەكچى بولغان. 2016-يىلىغىچە 6. 5 مىليون نوپۇسلۇق خوڭكوڭغا كىرگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى 800 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ، خوڭكوڭ نوپۇسىنىڭ 10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان، بۇ كۆچمەن خىتايلار خوڭكوڭ مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماستىن، خوڭكوڭنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى ۋە بىخەتەرلىكىگىمۇ زىيانلار ئېلىپ كەلگەن.»
«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 9-ئىيۇندىكى نامايىش توغرىسىدا ئېلان قىلغان «خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنى بەربات قىلماقچى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە بۇ قېتىمقى نامايىشنى «مىليون كىشىلىك نامايىش» دەپ ئاتىغان.