ئەنگلىيەدىكى «Index on Censorship» يەنى «سېنزورا كۆرسەتكۈچى» ناملىق تەشكىلات دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنى، ئەركىن مۇنازىرىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تەتقىق قىلىدىغان ئورگان بولۇپ، ئۇلار 10-فېۋرال كۈنى «خىتاينىڭ ئۇزۇن قولى-ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جىمىقتۇرۇلۇشى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق قىلىپ ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا دىققەت تارتتى. كەڭ كۆلەملىك بۇ دوكلاتتا ئەنگلىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە قاتارلىق ياۋروپانىڭ ھەرقايسى ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ سەرگۈزەشتىسى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن شۇنچە ئۇزاق ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تەپسىلىي يورۇتۇپ بەرگەن.
دوكلاتتا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەر «ئائىلىسىدىكىلەردىن ئەنسىرەش»، «جاسۇسلۇق»، «تەھدىت ۋە قورقۇنچ سېلىش» قاتارلىق ماۋزۇلارغا ئايرىلغان بولۇپ، ئۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ بىلەنلا قالماي يەنە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادرېسى، پاسپورتى ۋە كىملىكىنىڭ رەسىمى قاتارلىق خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى بېرىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
گېرمانىيەدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇرلاردىن بىرى بۇ ئورگانغا «مەن ئۆزۈم خالىغان ئەركىنلىكنى ھەرگىز ھېس قىلىپ باقمىدىم. مەن بوينۇمدا خىتاينىڭ زەنجىرى باردەكلا ھېس قىلىمەن» دېگەن. ئۇ يەنە «بىز بۇ يەردە گەپ قىلمىساق ۋىجدان ئازابىغا قالىمىز، گەپ قىلساق قورقۇنچ ئاستىدا قالىمىز» دېيىش ئارقىلىق چەتئەللەردە ياشاۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئورتاق ۋەزىيىتىنى يورۇتۇپ بەرگەن.
دوكلاتتا مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «. . . خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشى ئۇنىڭ چېگراسىدىن ھالقىپ، ياۋروپاغا كېڭەيگەن. ياۋروپادا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ياشايدىغانلىقىنى ئېنىقلاش تەس، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۆلچەرىچە، تەخمىنەن 12 يېرىم مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىن، خىتاينىڭ تەھدىت ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دەل ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان گوللاندىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بېلگىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيەدىمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ».
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق تەقىبىگە ئۇچرىشى بىر يېڭى ئەھۋال بولمىسىمۇ ئۇ 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى قاتتىق كۈچەيتىشى نەتىجىسىدە يەنىمۇ كەڭ كۆلەملەشكەنلىكتىن دىققەت قوزغاشقا باشلىغانىدى.
ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بۇ دوكلاتتا زىيارەت قىلىنغان شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مەزكۇر «سېنزورا كۆرسەتكۈچى» تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە دوكلات تەييارلىشىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەقىبىگە ئۇچراش مەسىلىسىنىڭ يېـتەرلىك دىققەتگە ئېرىشىشى ئۈچۈن پايدىلىقلىقىنى ئېيتتى.
«سېنزورا كۆرسەتكۈچى» تەشكىلاتى دوكلاتىنىڭ «ياۋروپادا ئۇيغۇرلارنى كىم قوغداۋاتىدۇ؟» دېگەن قىسمىدا ياۋروپادىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھازىر بۇ مەسىلىگە قانداق چارە قوللىنىۋاتقانلىقىى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلار ئالدى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ «چەتئەل، ئورتاقلىق ۋە تەرەققىيات مىنىستىرلىقى» دىن ئەھۋالنى سورىغان. مىنسىتىرلىق بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابىدا: «بىز ئۇيغۇر دىئاسپورا ئەزالىرى ئۇچراۋاتقان بۇ ئەھۋالنى بىلىمىز، بىز بۇنى يېقىندىن كۆزىتىشنى داۋام قىلىمىز» دېگەن. ئەمما بۇ تەشكىلات ئۇلاردىن ھازىرغىچە مۇشۇنداق ۋەقەدىن قانچىسىنىڭ قەيت قىلىنغانلىقىنى سورىغىنىدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ئۇچۇرلارنى قەيت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ھالبۇكى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى كاترىن ۋېست بۇ تەشكىلاتقا قىلغان سۆزىدە «بۇ مىنىستىرلىقنىڭ يۇقىرىقىدەك ۋەقەلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆزىتىپ، بۇنىڭ كۆلىمىنى ئېنىقلاپ چىقىشى ئىنتايىن مۇھىم. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق جىمىقتۇرۇلۇشىغا قاراپ تۇرماسلىقىمىز كېرەك. ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارنىڭ قورقۇتۇشى، ئۆچ ئېلىشى ۋە ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندىمۇ سۆزىدە ئەنگىلىيەدىكى «ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى» دە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىنىۋاتقانلىقى يەكۈنى چىققان بىر شارائىت ئاستىدا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن: «قوبۇل قىلىش تەس
بولسىمۇ بىراق نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىلىك قوللىشى ۋە ھەرىكىتىدىن ئۈمىدسىز ھالدا داۋاملىق تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. 2021-يىلى، ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەخمىنەن% 66 ى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنى بۇ تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىككە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭمۇ كۆپ قېتىم نوۋرېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان بېسىمنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا يەتكۈزگەن بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە بۇ ۋەقەنى ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك بىر نەتىجە چىقمىغانلىقىنى ئېيتتى.
دەرۋەقە دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراش ۋەقەسىنى بېرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكى دېيىلگەن بولۇپ، ئەنگلىيەدىكى رەھىمە خانىم دوكلاتتا يەر ئالغان سۆزىدە مەسىلىنى شەھەرلىك ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسلىكى، يەنى بۇنىڭغا ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
رەھىمە مەھمۇت خانىم سۆزىدە «شەھەر ساقچىلىرى بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلالمايدۇ. ئۇيغۇر ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ھۆكۈمەتنىڭ ھەمكارلىقىغا موھتاج» دېگەن.
گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى Margarete Bause مۇ «سېنزورا كۆرسەتكۈچى» گە قىلغان سۆزىدە گېرمانىيەدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى بىلىنىدىغان بىر ئىشلىقى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس بۇنىڭغا ئايرىغان بىر ئالاقىلىشىش نۇقتىسى يوقلىغىنى ئېيتقان.
گوللاندىيە تەپتىش مەھكىمىسى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەرزلىرى بويىچە بۇنىڭغا داۋا ئاچقىلى بولسىمۇ، ئەمما بۇنى تولۇق تەكشۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، چۈنكى خىتايغا تۇتۇشىدىغان داۋالاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى سەمەت ئابلا ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە شۇنىڭدەك باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەسلىدە بۇ مەسىلىنى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلاردا كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي تەرەپنى ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەكلىكىنى، كەسكىن تەدبىر قوللانغاندىلا خىتاينى چېكىندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«سېنزورا كۆرسەتكۈچى» تەشكىلاتى دوكلاتىدا گەرچە گوللاندىيە تەپتىش مەھكىمىسىدە بولغاندەك بۇ ئىشلارنىڭ دەرھال نەتىجىسى چىقمىسىمۇ ئەمما بۇنىڭ تەكشۈرۈپ ئارخىپلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇلار دوكلاتى ئاخىرىدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى بەرگەن: «بۇ ئەھۋاللارنىڭ نەتىجىگە ئېرىشمەسلىكى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ ھەمدە كەلگۈسىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئەرز قىلىشتىن ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئەمما ئەرز-شىكايەتلەرنى تولۇق تەكشۈرگىلى بولمىسىمۇ، ياۋروپادىكى ساقچى قىسىملىرى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى سانلىق مەلۇمات توپلاپ، چوقۇم مەسىلىنىڭ كۆلىمىنى تەكشۈرۈپ چىقىشى كېرەك. . . ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان خىرىسنى مۇۋاپىق تۈرگە ئايرىشنىڭ كەمچىل بولۇشى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەھۋالنى ھەقىقىي مەنىدە ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىگە قانچىلىك دەرىجىدە ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى ئەتراپلىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ يەنە دىپلومات ۋە تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ».
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بۇ بېسىمىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان تەھدىت ئەمەس، بەلكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى، ئۇنىڭ قىممەت قارىشىغا قىلىنىۋاتقان تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇنى تېزرەك چۈشىنىپ، خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەركىنلىكىگە پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتىگە مۇۋاپىق يوسۇندا تەدبىر ئېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.