ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە قۇل ئەمگىكىنى توختىتىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويغان بولسىمۇ، خىتاي يەنىلا ئۆزىنىڭ بۇ جىنايى ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ ۋەزىيەتنى تونۇپ يەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان نۆۋەتتىكى سىياسىتىنى قوللاش بىلەن بىرگە، يېڭى قانۇن لايىھەسى تۈزۈش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم قىلىپ، بۇ زوراۋانلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتىكەن.
26-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا خۇدسون ئىنستىتۇتى ئالىي تەتقىقاتچىلىرىدىن نۇرى تۈركەل، ئېرىك بروۋن قاتارلىقلار ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى يوڭ كىم بىلەن تور سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتتە ئاۋام پالاتا ئەزاسى يوڭ كىم خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كېڭەيمىچىلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئوينايدىغان رولى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەلگۈسىدە يەنە قانداق يېڭى تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن بېسىم قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. سىزنىڭچە دۆلەت مەجلىسى بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتەلەيدۇ؟ سىزنىڭچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كېيىنكى قەدەمدە خىتاي كومپارتىيەسىنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك؟» دەپ سورىغاندا پارلامېنت ئەزاسى يوڭ كىم ئۇيغۇرلارغا ئائىت يېڭى قانۇن لايىھەسى تۈزۈشنىڭ تەخىرسىز ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«سىز ئېيتقاندەك، بايدېن ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن بۈگۈنگىچە بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى قوللاندى. خىتاي كومپارتىيەسىمۇ ئاكتىپ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ھالبۇكى، بىز خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاپ قويۇش بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى ياكى ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇشىمىز كېرەك. بىز يەنە ھۆكۈمەت ئارقىلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز لازىم. بۇ ھەر قايسى ئورگانلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق، ئامېرىكىدىن ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى قاراتمىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۆزىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە يۇمشاق كۈچىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالغا كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پات يېقىندا «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى تونۇشتۇرىمەن، بۇنى مەن دۆلەت مەجلىسىدىكى سەپداشلىرىم ۋە ئاسىيا كومىتېتى رەئىسى ئامى بېرا بىلەن بىرلىكتە قىلىمەن. بۇ قانۇن لايىھەسى ئالدىمىزدىكى ئۇزاق مۇددەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى سىياسىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەن بۇ قانۇن لايىھەسىدىكى بىر نەچچە ماددىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. بۇ ماددىلارغا ئاساسەن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىدا ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى تەيىنلىنىدۇ، ئۇ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى دىپلوماتىيە مۇنبىرىدە تەسىر قوزغاپ، ئۇلارنىڭ قانۇن مەسىلىلىرىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرىدۇ. ئاندىن بىزنىڭ بەزى دىپلوماتىيە خادىملىرىمىزنى ئۇيغۇر تىلى بويىچە تەربىيەلەش تەلەپ قىلىندى، بىز يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەلچىمىزنى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى ۋە ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قوللىشى ھەققىدە يوليورۇق بېرىمىز. ناھايىتى روشەنكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلماقتا، ئەمما بىزنىڭ قوللانغان ھەرىكەتلىرىمىز شىنجاڭدىكى زوراۋانلىقنى تېخى توختىتالىغىنى يوق. شۇڭا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمەت بۇنىڭ ئۈچۈن دەرھال تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك».
نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە: «سىزمۇ بىلسىڭىز كېرەك، قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى ئىشلەپچىقىرىشتا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ھازىر ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى، بولۇپمۇ مۇھىتقا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئامېرىكالىقلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ. سىزنىڭچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىلىمات ئۆزگىرىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى، پرېزىدېنت بايدىن ئېيتقاندەك، بىر يېشىل ئىنقىلاب باشلىشى كېرەكمۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئاۋام پالاتا ئەزاسى يوڭ كىلىمات مەسىلىسىنى دەپ كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كىلىمات ئۆزگىرىشى خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ناھايىتى مۇھىم مەسىلە. ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنى دەپ زامانىۋى قۇللۇق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى بىزنىڭ كىلىمات ئەلچىمىز، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بىزنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىمىز ۋە باشقا ئېنېرگىيە يېڭىلاش تېخنىكىمىزدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان نۇرغۇن خىتاي مەھسۇلاتلىرى قۇل ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق ئىكەن. شۇڭا مېنىڭچە، بىز ئىنسانلارنى ئېزىش، قۇل قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق پايدا تاپىدىغان كەسىپلەرنى قانۇنلاشتۇرماسلىقىمىز كېرەك. شۇڭا مەن بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىنى شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە چېتىلىپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرغىنىدىن تولىمۇ مەمنۇنمەن. مەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھىسى» نى دەرھال ماقۇللاشقا چاقىرىمەن. مەن بۇ قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈشكە قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى، بۇ قانۇن لايىھىسى بىزنىڭ ئىستېمالچىلىرىمىز، كارخانىلىرىمىز ۋە تەمىنلەش لىنىيەمىزنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ».
جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى يوڭ كىم خانىم جەنۇبىي كورېيەدە تۇغۇلغان ئامېرىكالىق سىياسەتچى بولۇپ، كالىفورنىيە شىتاتىدىن سايلانغان يېڭى دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئىكەن. ئۇ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئاسىيا كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ جەنۇبىي كورېيە، خوڭكوڭ، تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سىياسەت، قانۇن تۈزۈش ئىشلىرىغا قاتنىشىدىكەن.