كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: «خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇققا دۇنياۋى تەھدىت»

0:00 / 0:00

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلىدىغان يىللىق دوكلاتىنى 14-يانۋار كۈنى نيۇ-يوركتىكى مەركىزىدە ئېلان قىلدى.

2020-يىللىق دوكلاتنىڭ ئىسمى بولسا «خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇققا دۇنياۋى تەھدىت» دەپ ئاتالغان. دوكلاتنىڭ ئىسمىدىنلا مەلۇم بولغىنىدەك كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ۋە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى خىتاينىڭ دۇنيادىكى دېموكراتىيەدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ئېقىمغا پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

مەزكۇر ئورگاننىڭ دىرېكتورى كەن روس دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى بېسىم قىلىش ئارقىلىق ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئەمدى بۇ كۈچىنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۆلەملىك نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، مۇتلەق كونتروللۇقنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەمدىلىكتە ئۇ ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك كۈچىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنى زۇلۇم سىياسىتى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتماقچى بولۇۋاتقان يەرشارىۋى تىرىشچانلىقلارنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر چوقۇم بىرلىكتە بېيجىڭنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇشى كېرەك»، دېدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆز ئىچىدىكى 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت سېلىپلا قالماي، دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان سىستېمىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەممە كىشىنىڭ ھوقۇقىغا تەھدىت پەيدا قىلماقتا. مەسىلەن، ۋېنسۇئىلا ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلقلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئۇلارنى قوغدىشىغا مۇھتاج بولۇپ تۇرغاندا خىتاي ب د ت دا بۇ ھەقتىكى قارارلارنىڭ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. مانا بۇ، بىزنىڭ بۇ قېتىملىق دوكلاتىمىز ئارقىلىق يورۇتماقچى بولغان مۇھىم نوقتىمىز. ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار چوقۇم بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى كېرەك».

دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى لاگېرغا قامىغانلىقى، ئۇلارنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ، زور سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرغانلىقى، ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا سولانغان بالىلارنىڭ «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە يىغىۋېلىنغانلىقى، لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ نۆۋەتتە زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىدەك مەزمۇنلار تەپسىلى ئورۇن ئالغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دىرېكتورى كەن روس باياناتتىكى سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان لاگېرلارغا قارىتا خەلقئارادا يېتەرلىك ئىنكاس چىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ؛ «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› ۋە باشقا قۇرۇلۇشلارنى ۋەدە قىلىپ، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتىنى سېتىۋالغانلىقىنى، خىتاينىڭ يەنە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە شىركەتلەرنى خىتاي بازىرىدىن چەكلەش تەھدىتى ئارقىلىق جىمىقتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن بىر ئاۋاز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنىڭ ختىئاينىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە بۇنىڭدا خىتاينىڭ بەلگىلىك نەتىجە قازانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھەتتا ب د ت باش سېكرىتارى ئانتونىيۇ گۇترەس چېغىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زور كۆلەملىك تۇتقۇننى ئاياقلاشتۇرۇشقا ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا چاقىرىشنى رەت قىلدى»، دېدى.

ئۇ سۆزىدە: «بۇ ۋاقىت، خىتاينىڭ دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇمىنى ئاياقلاشتۇرۇدىغان ۋاقىتتۇر» دەپ چاقىرىق قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەسلى بۇ يىللىق دوكلاتىنى 6 ئايدىن بېرى بېيجىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى دېموكراتىك نامايىشلار داۋام قىلىۋاتقان خوڭكوڭدا ئېلان قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، مەزكۇر ئورگاننىڭ دىرېكتورى كەن روس 12-يانۋار كۈنى خوڭكوڭ ئايرودرومىدىن كىرگۈزۈلمىگەن. 13-يانۋار كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇئاڭ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا: «بىر كىشىنىڭ خوڭكوڭغا كىرىش-كىرمەسلىكىگە قارار بېرىش جوڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى» دېيىش ئارقىلىق، كەن روسنىڭ خوڭكوڭغا كىرىشىنىڭ ئەسلى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئارقىدىن يەنە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» مەخسۇس كەن روس ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىغا ھۇجۇم قىلىپ: «كەن روس، ئۇ ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى كۆرمەسكە سالدى» دېگەن. كەن روس شۇ كۈنى تىۋىتتىر ئارقىلىق بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «شۇنداق مەن خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى بىر مىليوندەك مۇسۇلماننى تۇتقۇن قىلىش، نازارەت دۆلىتى قۇرۇش، ئۆكتىچى ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيەسىنى چەكلەشتەك ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق «تەرەققىياتلىرى» نى تەنقىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن خوڭكوڭدىن چەكلىدى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 14-يانۋار كۈنى نيۇ-يوركتىكى دوكلات ئېلان قىلىنغان مەيدانغىمۇ بىر دىپلومات ئەۋەتىش ئارقىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان. خىتاي دىپلومات كەن روسنىڭ سۆزىگە ئارىلاشقان بولسىمۇ، ئۆزى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەيلا مەيداندىن چىقىپ كەتكەن.

سوفى رىچاردسون خانىم بولسا خىتاي بۇ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق دەل بىزنىڭ دوكلات ئارقىلىق دېمەكچى بولغانلىرىمىزنى تولۇق نامايەن قىلىپ بەردى، دەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر قانچە كۈندىكى ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بىزنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىمىزنى ئىسپاتلىدى. خوڭكوڭنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن چېگرادىن كىرگۈچىلەرگە خوڭكوڭ قارار بېرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ، خىتاي ئەمەس. بىراق، كەن روسنىڭ خوڭكوڭغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش ۋە نيۇ-يوركتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كاشىلا چىقىرىش ئارقىلىق بېيجىڭ دەل بىزنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىمىزنى يورۇتۇپ بەردى».

سوفى رىچارسون سۆزىدە يەنە بۇ دوكلاتنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ئاللىقاچان ھېس قىلىنغان تەھدىتنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «دوكلاتىمىزنىڭ ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى خىرىسقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېدى.