«ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نىڭ ياردەم چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان ئۇيغۇرلار بىر مىليون تۈرك لىراسىغا يېقىن پۇل ئىئانە قىلغان.
ۋۇخەندىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنيادا 170 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپلا قالماي، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئاچ-يالىڭاچ قېلىشىغىمۇ سەۋەب بولماقتا. قازاقىستاندىن قالسا ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپ ئولتۇراقلاشقان تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىق مۇھاجىرەتتىكى 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتى قىيىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نى قۇرۇپ چىققان ۋە مەزكۇر ياردەم مەركىزى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى پۇل ئىئانە قىلىشقا چاقىرغانىدى. 20 كۈن ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ 1 مىليون تۈرك لىراسى، يەنى 140 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا پۇل ئىئانە قىلغان. «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەم سەپەرۋەرلىكىگە ئاۋاز قوشۇشى نەتىجىسىدە 1 مىليون تۈرك لىراسىغا يېقىن مەبلەغ توپلانغانلىقىنى، تەكىتلىدى.
«ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» 18 دۆلەتتە ۋاكالەتچى بەلگىلىگەن بولۇپ، مەزكۇر ۋەكىللەر 17-ئاپرېل يەنى جۈمە كۈنى تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، ياردەم تەلەپ قىلغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىپ چىققان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر «مەركەز» دە د ئۇ ق ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت مەركەزنىڭ 1600 ئەتراپىدا ئائىلە بىلەن 400 ئوقۇغۇچىغا بىرىنچى باسقۇچتا ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيەدىكى كۆچمەن ئۇيغۇرلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى بىلەن ھەقسىز داۋالىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كورونا ۋىرۇسى تۈركىيەدە يامراشقا باشلىغاندىن كېيىن بەزىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى، تىجارەتلىرىنىڭ توختاپ قېلىشى تۈپەيلىدىن ئۇلار تۇرمۇشتا قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماقتا. ئۇنداقتا «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نېمىلەرنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ياردەم ئالىدىغانلارنىڭ سالاھىيىتى بېكىتمەكتە؟. ئادۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى 22-ئاپرېل كۈنىدىن تارتىپ ياردەملەرنى تارقىتىشقا باشلايدىغانلىقىنى، ئېھتىياجى بار كىشى سانىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا رامزان ئېيىدىمۇ ئىئانە توپلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا ئالدى بىلەن كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش جەھەتتىن قىينىلىپ قالغانلىقىنى، مۈشكۈلات ئىچىدە قالغان مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش مەقسىتىدە «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ چاقىرىققا ئاۋاز قوشقانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، تېخى ئىئانە قىلمىغانلارنىڭ ئىئانە قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى جىددىي ئېھتىياجى بار كىشىلەرگە ئالدىن ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىشى كېرەكلىكىنى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۇلارغىمۇ ياردەم تارقىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يىغىلغان مەبلەغنىڭ كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى، ئەمما تۈركىيەدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىغا قارىغاندا بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ئىئانە بېرىشنى خالىغانلارنىڭ رامزان ئېيى جەريانىدا فىترە ۋە زاكاتىنىمۇ بەرسە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 30 دىن ئارتۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى تېلېفون يىغىنىغا قاتنىشىپ «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» قۇرۇش توغرىسىدا بىردەك قارار قوبۇل قىلغانىدى. 31-مارت كۈنى بولسا مەخسۇس مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى مەزكۇر مەركەزگە پۇل ئىئانە قىلىش ھەققىدە چاقىرىق قىلغانىدى. مۇنداق ئىئانە توپلاش ۋە ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ يەنە ئامېرىكا، كانادا شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىنمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
0:00 / 0:00