بۇ يىل 5-ئايدا يېڭىساردا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان 19 ياشلىق ئىبراھىم قاسىمنىڭ كانادالىق يوتۇپچى گۈلى مەخسۇتقا قالدۇرغان ئاۋاز خاتىرىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ يېڭىساردا ئۆزى بىلەن تەڭ قۇراملىق ياشلارنىڭ سەۋەبسىزلا لاگېرغا ئەكېتىلىۋاتقانلىقى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقىلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغاندىن كېيىن، بۇ قىسمەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۆزىگە نۆۋەت كېلىشتىن بۇرۇن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن، شۇنداقلا گۈلى مەخسۇتتىن يول سورىغان.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلار، 19 ياشلىق ئىبراھىم قاسىمنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتىن بۇرۇن، يەنى فۇجيەندىن يېڭىسارغا قايتقان ۋاقتىدا، يەنى بۇ يىل 1-ئايدا كانادالىق يوتۇپچى گۈلى مەخسۇتقا قالدۇرغان ئېھتىيات سۆزلىرى. مەلۇم بولۇشىچە، ئىبراھىم قاسىم، 2018-يىلى كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان ۋەزىيەتكە قاراپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى لاگېرغا ئەكېتىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ پەقەتلا بىر ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ۋە ئۆزىگە نۆۋەت كېلىشنىڭ ئالدىدا چەتئەلگە چىقىپ كېتىشىنىڭ كويىغا چۈشكەن. دېيىلىشىچە، ئۇ دەسلەپتە تاشقورغان ئارقىلىق تاجىكىستانغا چىقىپ كېتىشنى، كېيىن يەنە غۇلجا ئارقىلىق قازاقىستانغا چىقىپ كېتىشنى ئويلىغان؛ ئەمما ئۇ ئۇيغۇر رايونىدا چېگرا بويىدىكى يەرلەرنىڭ تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ھەتتا يېڭىساردىمۇ مەھەللىدىن مەھەللىگە ئۆتۈشنىڭ قىيىنلىقى سەۋەبىدىن بۇ پىلانلىرىدىن ۋاز كەچكەن. شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ 16 ياشلىق نەۋرە ئىنىسى مۇھەممەد مەمتىمىن لاگېرغا ئەكېتىلگەن. بۇنىڭدىن جىددىيلەشكەن ئىبراھىم قاسىم، خىتاينىڭ جەنۇبتىكى ئۆلكىلىرى ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا چىقىپ كېتىشنى پىلانلىغان ۋە نامەلۇم يوللار بىلەن خىتاينىڭ جەنۇبتىكى ئۆلكىلىرىگە يېتىپ بارغان. ئۇ ئۇزۇن ئىزدىنىشلەردىن كېيىن ئۆزىنى خوڭكوڭغا يولغا سېلىپ قويالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئەتكەسچىگە يولۇققان؛ ئەمما ئۇ خوڭكوڭغا چىققاندىن كېيىن باشقا دۆلەتكە چىقىپ كېتىش مۇمكىنچىلىك بار-يوقلۇقى ھەققىدە بېشى قاتقان. ئۇ كومپيۇتېر مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، ئىنتېرنېتتا تامدىن ئاتلاش ئارقىلىق تورغا چىقىپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ چەتكە چىقىش يوللىرىنى ئۆگەنمەكچى بولغان ھەم بۇ ھەقتە يوتۇپچى گۈلى مەخسۇتتىن يول سورىغان.
خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىك ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، 2017-يىلدىن بۇرۇن خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇئاڭشى ۋە يۈننەن ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان بەلگىلىك ساندا ئۇيغۇرلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك تونۇشلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرادىن قېچىپ ئۆتىشىگە ياردەم قىلغان؛ ئەمما 2017-يىلىغا كەلگەندە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە رايوننىڭ ئەلمى-تەلمىنى بىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئاساسەن دېگۈدەك قالمىغانلىقى ئۈچۈن، بېشىغا كۈن چۈشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرادىن قېچىشىمۇ مۈمكىنسىزلەشكەن. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئىبراھىم قاسىمنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىش پىلانى سۇغا چىلاشقان؛ شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ پىلاندىن ۋاز كەچمىگەن. ئۇ فۇجيەن ئۆلكىسىگە بېرىپ بىر مەھەل جان ساقلاشنىڭ يولىنى تۇتقان ۋە پۇرسەت كۈتكەن. بۇ يىل 1-ئايغا كەلگەندە ئۇ كەنت ساقچىلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلغان. تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ يېڭىسارغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ساقچىخانىغا بىرقانچە قېتىم چاقىرتىلغان ۋە 5-ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدىكى بىر قېتىملىق بۇ قېتىمقى چاقىرتىلىشىدا، ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك 14 ياش بىلەن بىرلىكتە چاقىرتىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىپادىسىگە قاراپ 6 ئايدىن 5 يىلغىچە تەربىيەلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. كەنت ساقچىسىنىڭ دېيىشىچە، ئىبراھىم قاسىم مۇشۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
يوتۇپچى گۈلى مەخسۇت، ئىبراھىم قاسىم بىلەن ئېلىپ بارغان بىرقانچە ئايلىق سۆھبەت خاتىرىلىرىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ غايىلىك ۋە ئىرادىلىك بىر ياش ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلىشتىن قورقۇپ ئەمەس بەلكى لاگېر ۋەزىيىتىنى ئۆز ئۆلۈمى ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يۇقىرىدا، 19 ياشلىق ئىبراھىم قاسىمنىڭ ئۆلۈۋېلىشتىن ئاۋۋال چەتئەلگە چىقىپ كېتىش ئۈچۈن بىر مەزگىل ئۇرۇنۇپ باققانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.