ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى مۇھاكىمە قىلىندى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى نۆۋەتتە ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا تىرەك بولۇۋاتقان ئىچكە ئەزا ئوغرىلىقى، ئىچكى ئەزا سودىسى ۋە ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكىنىڭ بىر-بىرىگە باغلانغان ھالدا غايەت زور سىستېمىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى تېخى يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا تەپسىلىي قاراپ چىقىلغان ئىدى. بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇشنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ساھەگە بۇ قاباھەتنىڭ خەتىرىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە 26-مارت كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا بۇ تېما ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ساھىبخانىلىق قىلغان بۇ پائالىيەتتە ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەمدە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. شۇنداقلا نۆۋەتتە بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ يېڭى مەزمۇنى بولغان ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقى ۋە ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يامراۋاتقانلىقى، بۇنى چەكلىمىگەندە بۇنىڭ يەنە بىر چوڭ تارىخىي پاجىئەنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالىدىغانلىقى بايان قىلىندى. يىغىن زالىغا چۆرىدەپ قويۇلغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» تېمىسىدىكى ئارخىپلار توپلىمىدىن ئېلىنغان سۈرەتلەر يەنە بىر ياقتىن مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ جانلىق كارتىنىسى سۈپتىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. يىغىن رىياسەتچىسى سابرىنا خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ «ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشتىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىمۇ ساق قويمايۋاتىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 26-مارت، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 26-مارت، ۋاشىنگتون. (RFA/Shehrizat)

خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ خادىملار دىرېكتورى پېرۇ توزى (Piero Tozzi) مۇ شۇ قاتاردا سۆز ئالدى. ئۇ يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم نۇقتىلارنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە نۆۋەتتە ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقىنىڭ نىشانى فالۇنگوڭچىلاردىن ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ «ھالال ئىچكى ئەزا» نامىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ لاگېرلاردا بىھۇدە قۇربانلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بولسا ئىزچىل تۈردە خەلقئارا سورۇنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنىڭ ئاخىرىدا «دۇنيانىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇشى تېخى يېتەرلىك ئەمەس. بىز بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىنى تېخىمۇ كەڭ ساھەگە بىلدۈرۈشىمىز، شۇنداقلا بۇنى ئۈنۈملۈك تۈردە چەكلەش ئۈچۈن ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىغا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى تېزدىن قانۇنغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم» دېدى. .

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق دۇنيا جامائىتىنى ئۆز ئېغزىغا قارىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقى مەسىلىسىدىمۇ بۇ ئىشلار شۇنداق بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. يەنە كېلىپ بۇنىڭدا غەرب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى بۇنىڭغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغاپ كەلمەكتە. ئەنە شۇ يوسۇندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش» ھەرىكىتىدە 15 مىليون كىشىنىڭ بىئولوگىيەلىك ئەۋرىشكىسىنى توپلاشنىڭ نۆۋەتتە كۆپلەپ بىلىنىۋاتقان ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىغا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىدىن، شۇنىڭدەك مۇتەخەسسىسلەر ۋە شاھىتلارنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولماقتا. مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا كۆرسىتىلگەن «خىتايدىكى ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقى» تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمدا بۇ ھەقتىكى بەزى ئەھۋاللار تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلغانلار. 2024-يىلى 26-مارت، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلغانلار. 2024-يىلى 26-مارت، ۋاشىنگتون. (RFA/Shehrizat)

فىلىمدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقى ئەمەلىيەتتە 1970-يىللىرىلا باشلىنىپ بولغان. شۇ ۋاقىتلاردا ياش ۋە ساغلام سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرى «ئوۋ نىشانى» بولغان بولسا كېيىنچە ھاراق-تاماكىدىن يىراق تۇرىدىغان فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى بۇنىڭغا نىشان بولغان. 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشقا باشلىغان ھەمدە تېزلا ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقىنىڭ يېڭى نىشانى بولۇپ قالغان.

خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان بۇ رايوندا كۆپلىگەن قاباھەتلەر بىرىنىڭ ئارقىسىدىن يەنە بىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ كەلگەن. نۆۋەتتىكى ئىچكە ئەزا ئوغرىلىقى ۋە ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى دەل مۇشۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ يېڭى مىساللىرىدۇر. «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ئابراخام ئارمستروڭ (Abraham Armstrong) مۇشۇ نۇقتىلارنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ: «بۇ ئۇچۇرلار ھازىر بىزگە بىر زور قاباھەتتىن بېشارەت بېرىۋاتىدۇ. ھېلىھەم بولسىمۇ بۇنىڭغا چەك قويۇشنىڭ پەيتى كەلدى» دېدى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقىدا كۆپ تەرەپلىمە تاشقى ئامىللار مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تاشقى بازارنىڭ ئېھتىياجىدىن باشقا كۆپلىگەن ئامىللارمۇ مەۋجۇت. بولۇپمۇ تاشقى دۇنيانىڭ خىتاينى بۇ ساھەدىكى دوختۇرلار قوشۇنى بويىچە تەربىيەلىشى، ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىسە قاتارلىقلارمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان ھالقىلاردىن بولۇپ قالماقتا. ‍ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئۆمەر قانات، ئەلفىدار ئىلتەبىر قاتارلىقلار ئۆزىگە بېرىلگەن سۆز نۆۋىتىدە مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك بۇ ساھەگە ھەممىلا ساھە كۈچ چىقىرىش، ھېچ بولمىغاندا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايونلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان پالاتا ئەزالىرىغا مەكتۇپ يېزىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنىڭ دېرىكىنى قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدىن كېيىن ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پېرۇ توززى ئەپەندى بۇ ساھەدىكى كۆپلىگەن مۈشكۈلاتلارنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە بۇ جەھەتتىكى بەزى زۆرۈر تەدبىرلەر توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھازىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان ‹ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىنى توختىتىش› تېمىسىدىكى قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا تۇرۇپ قالغىلى بىر يىلغا يېقىنلاشتى. ھازىر بۇ قانۇن لايىھىسى ماڭسا بولاتتى، بولسا ئۇنى ئاۋازغا قويسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. ئەمما ئۇ ھازىر بىر ئىزدا تۇرۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ بىز ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى. يەنە بىرى بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇنبىرىدە ئۆز ئاۋازىمىزنى چىقىرىش ۋە تەسىرىمىزنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئاۋاز بېرىشتە مەغلۇپ بولۇشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىشىم لازىم. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئاۋاز بېرىشتە 17 ئاۋازغا قارشى 19 ئاۋاز تاشلاندى، 11 دۆلەت ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. مەسىلەن ئالساق، ئۇكرا’‍ئىنا شۇنداق قىلدى. بىز ئۇلارغا ئاز ياردەم قىلدۇقمۇ؟ ئەگەر بىز جەنۋەدە دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرالىغان بولساق بۇنداق ئىشلار يۈز بەرمەيتتى. ھازىر ئاڭلىساق بىرەر دۆلەت بىزگە ئەگەشمەكچى بولسا دەرھاللا خىتاينىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىدىكەن. بىز بۇنىڭغا قارشى بىر تەدبىر ئالمىساق بولمايدىغان يەرگە كەلدى.»

ئىچكى ئەزالارنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى بىلەن ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقىنىڭ بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشى بولۇشى نۆۋەتتە خىتايدا ئەڭ گەۋدىلىك بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئابراخام ئارمستروڭ بۇ ھەقتىكى رادىيو زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇنىڭدىكى يەنە بىر مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەبىئىتىدە ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھېچقانداق ئىنساننىڭ ھېچقاچان ئىنسان قاتارىدا كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي كومپارتىيەسى بىر كوممۇنىستىك پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختىكى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتلەر قىلىپ باققان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ. بىز بۇنى كۆرۈۋاتىمىز. ھازىر ئۇلار ئۆزىگە پۇقرا سانىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئوغرىلاۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك ئاشۇ ‍ئىنسانلارغا خۇدا ياكى تەبىئەت ئاتا قىلغان، ئۇلارنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ھەقلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇۋاتىدۇ. زور كۆلەملىك تۇتقۇندىن تارتىپ تاكى ئىچكى ئەزالارنى ئوغرىلاشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياندا بۇلار تولۇق نامايان بولدى. يەنى ئۇلار كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتلەرگە ئورتاق ھالدا ھېچقاچان ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىنى قىلچىلىكمۇ قەدىرلەپ باققان ئەمەس.»

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى رامىزان مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرى ۋاشنىگتون شەھىرىدىكى «دولان ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ تاماقلىرى بىلەن ئىپتار قىلغاچ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە بىر مەيدان جانلىق دەرسكە شاھىت بولدى.