ياۋروپا پارلامېنتى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ئىنتايىن مۇھىم بىر قارارنامە ماقۇللىغان. قارارنامە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ قىلمىش «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ تەنقىد قىلىنغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ «ھالال ئىچكىي ئەزا» سودا ئېلانلىرىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان.
قارارنامىدە، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تىرىك مەھبۇسلار ياكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكىي ئەزاسىنى مەجبۇرىي ئېلىش خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ «رىم ئەھدىنامىسى» غا ئاساسلانغاندا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تەشكىل قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن، شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭغا دەرھال جاۋاپ بېرىشى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزىمىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىپ، پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئىچكىي ئەزا ئەتكەسچىلىكىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.
قارارنامىدە «ھالال ئىچكىي ئەزا» مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، خىتايدىكى ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈش مەركەزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە خىتايدىكى باشقا مۇسۇلمانلاردىن ئېلىنغان ئىچكىي ئەزالارنى پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرگە تونۇشتۇرىۋاتقانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تەلەپ قىلىنغان.
شىۋېتسىيەلىك سىياسىيون چارلېي ۋېيمېرس Charlie Weimers مەزكۇر قارارنامە لايىھەسىنى سۇنغان ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرى. ئۇ 11-ماي كۈنى بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ھەركىتىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ قارىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم قارار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
چارلېي ۋېيمېرس مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەتنىڭ قوللىشىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۈزلۈكسىز، سىستېمىلق مەجبۇرىي ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈشكە قارىتا جىددىي ئەندىشىسىنى ئىپادىلىشىدىن ئىنتايىن خوشال بولدۇم. ياۋروپا پارلامېنتى ھەقىقەتەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تىرىك مەھبۇسلارنىڭ، شۇنداقلا ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىشنى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ قارىشى مېنى تېخىمۇ خۇرسەن قىلدى. بۇ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىنياتىن مۇھىم بىر باياناتى.»
چارلېي ۋېيمېرس ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يوقۇرىقى قارارنامىنى ماقۇللىشىدا خىتايدىكى ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىنىڭ كۆلىمى، شۇنداقلا ئۇنىڭ «ھالال ئىچكىي ئەزا» سودا تەشۋىقاتى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. چارېي ۋېيمېرس مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قاتتىق ئەندىشىمىزنى قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈش ئۈچۈن ئوچرەت ساقلىمايسىز. خىتايدا سىز يېتەرلىك پۇل تۆلىسىڭىزلا، ئىچكىي ئەزانى بۇيرۇتۇپ، دەرھال ئېرىشەلەيسىز. ھەتتا سىز پارس قۇلتۇقى دۆلەتلىرىدە بولسىڭىز ‹ھالال ئىچكىي ئەزا› لارنىمۇ بۇيرۇتالايسىز. بۇ ئادەمنى قاتتىق بىئارام قىلىدىغان بىر بىشارەت. بۇ ئۇنىڭ كېڭىيىپ كەڭ كۆلەملىك ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى قارارنامىنى ماقۇللىشىمىزغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەقتىكى بايانلار ب د ت ۋە لوندون «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ دوكلاتلىرىدا قەيت قىلنىىپلا قالماي، بەلكى ئامېرىكا «ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈش» ژۇرنىلىنىڭ دوكلاتلىرىمۇ بۇ ھەقتىكى بايانلارنى كۈچەيتكەن.
بۇ قارارنامە 4-ماي كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا قاتتىق مۇنازىرە قىلىنغان بولۇپ، قارارنامە ئەتىسى، يەنى 5-ماي كۈنى ئاۋازغا قويۇلغان. پارلامېنتنىڭ 4-ماي كۈنىدىكى مۇنازىرىسىدە ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى، سلوۋاكىيەلىك سىياسىيون مىرىيام لېكسمان (Miriam Lexmann) ياۋروپا خەلقلەر پارتىيەسىگە ۋاكالەتەن سۆزگە چىقىپ، خىتاينىڭ ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈشتە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتىن پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مىرىيام لېكسمان: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىكتاتۇرلۇق ئاپپاراتلىرى ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىگە دەخلى تەرۇز قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش مەسىلىسىدىمۇ خۇددى مەجبۇرىي ئەمگەكتە بولغاندەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۈستىدىنمۇ پايدىغا ېرىشمەكتە،» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۈگۈن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ ۋاقتى كەلگەن بولۇپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى بۇ جىنايەتنى تەكشۈرۈشى كېرەك ئىكەن.
مىرىيام لېكسمان مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈنكى كۈندە خىتاي كومپارتىيەسى ئادەم ئىچكىي ئەزاسىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنىڭ ئۆكتىچىلىرىنى، ئۇيغۇر، تىبەت، مۇسۇلمان، خرىستىيان، سىياسى مەھبۇس ياكى فالۇنگوڭچىلارغا ئوخشاش ئېتنىك، دىنىي ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشانغا ئالماقتا. بۇ خىتايدىكى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش سىستېمىسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، خىتايدا ھېچكىم بىخەتەر ئەمەس. بىز ئۇزۇندىن بېرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جىنايەتلىرىگە سۈكۈت قىلىپ كەلدۇق. بۈگۈن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ بۇ جىنايەتنى تەكشۈرۈش، بىزنىڭ بارلىق كۈچىمىزنى ئىشلىتىپ، بۇ قورقۇنۇچلۇق سودىنى توختىتىش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بارلىق جىنايەتلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ۋاقتى كەلدى.»
يوقۇرىقى قارارنامىنى سۇنغان ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرى، فرانسىيەلىك سىياسىيون رافائېل گلۇكىسمان ياۋروپا پارلامېنتىدا سۆزگە چىققاندا، ئۆزىنىڭ 2020-يىلى «ھالال ئىچكىي ئەزا سودا ئېلانلىرى» نى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغاندا بەك ئىشەنمىگەنلىكى، بىراق پاكىتلار بۇنىڭ راستىلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى دوختۇرخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش، بۇ ئەتكەسچىلىكنىڭ مەسئۇللىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك ئىكەن.
رافائېل گلۇكىسمان مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ۋەھشىلىك ماڭا ئىشەنچىلىكتەك تۇيۇلمىغان ئىدى. بىراق بىز ئىچكىي ئەزا ئەتكەسچىلىك سىستېمىسى ھەققىدە سۆزلىشىۋاتاتتۇق. مەجبۇرىي ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈش تۇنجى قېتىم فالۇنگوچىلاردىن باشلانغان. ئاندىن ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا، ھازىر بولسا ئۇيغۇرلارغا كېڭەيگەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلىتىدە ھەممە نەرسىنى ساتقىلى ۋە سېتىۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا سېتىۋالغۇچىلار شىمالى ئافرىقا، ئوتتۇرا-شەرق ۋە ياۋروپادىن كەلگەن. ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەت تولۇق ئاشكارىلىنىشى لازىم. بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتىگە خاتىمە بېرىشىمىز، خىتايدىكى دوختۇرخانىلار بىلەن بولغان بارلىق ھەمكارلىقنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشمىز، بۇ ئەتكەسچىلىك قىلمىشىدا مەئۇلىيىتى بارلارنى جاۋاپكارلىققا تارتىشىمىز، بىز ئورنىمىزنى تاللىشىمىز كېرەك. مېنىڭ ئورنۇم تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسلىرى بىلەن بىللە.»
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارنامىسىدە لوندون «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئۆتكەن يىلى چىقارغان ھۆكۈمىدىكى بۇنىڭغا دائىر تەپسىلاتلار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. لوندون «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، ئەنگىلىيەلىك ئادۋۇكات ھامىد سابىنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارنامىسى ئىنتايىن ۋاقتىدا چىقىرىلغان بىر قارار ئىكەن. ھامىد سابى 11-ماي بۇ ھەقتىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، پارلامېنتنىڭ قارارنامىسى ناھايىتى ۋاقتىدا چىقىرىلغان قارار بولدى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشقا دۇنيا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەي كەلگەن. بۇ ئىشقا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن بەك خۇرسەن بولدۇم. بىز بۇنى تولۇق قوللايمىز، شۇنداقلا بۇنىڭ بىر نەتىجىسىنى كۆرۈشنى خالايمىز.»
ھامىد سابىنىڭ ئېيتىشىچە، لوندون «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتايدا مەجبۇرىي ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈش يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ئائىت دەلىللەرگە ئېرىشكەن. ھامىد سابى مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› دە مەجبۇرىي ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈش يۈز بېرىۋاتقانىقىغا ئائىت دەللىلىرىمىز بار. لاگېرلاردا 28 ۋە 30 ياشلىق ساغلام ئەركەكلەرگە قارىتا قاتتىق بەدەن تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ئۇلانىڭ غايىب بولۇشى ھەممە كىشىدە ئۇلارنىڭ ئىچكىي ئەزاسى كۆچۈرۈلىدۇ، دىگەن جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم. بۇ ناھايىتى جىددىي مەسىلە، بۇ ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىىيەسى› نىڭ قارارىدا ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ كىشىنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدىغان مۇھىم بىر خەۋەر. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايى قىلمىشنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
لېكىن ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى چارلېي ۋېيمېرسنىڭ 11-ماي مەخسۇس زىيارتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئىچكىي ئەزا ئەتكەسچىلىكىنى توختىتىشتا ئۇنىڭغا قاتناشقان شىركەتلەرگە نىشانلىق جازالاش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشى ۋە پارس قولتۇق دۆلەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك ئىكەن.
چارلىي ۋېيمېرس مۇنداق دەيدۇ: «مەن خىتايدا مەجبۇرىي ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈشكە قاتناشقان ھەرقانداق شىركەتنى ‹قارا تىزىمىلىك› كە ئېلىش تەرەپدارى. بۇ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى شىركەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مېنىڭچە، بۇ بۇ قىلمىشنى توختىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇ ساھەدىكى ھەرقانداق شەخس ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ‹يەر شارى ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى› جازا مېخانىزىمىنىڭ جازالاش نىشانى بولۇشى كېرەك، دەپ قارايمەن.»
ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى جۇتتا ئۇرپىلېينېن 4-ماي كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە، مەجبۇرىي ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈشنىڭ كۆپ ھاللاردا ئېتنىك، تىل ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەم ئاجىز كىشىلەرنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ جىنايى، غەيرىي ئەخلاقى ۋە غەيرىي ئىنسانى قىلمىشنى ئەڭ قاتتىق سۆزلەر بىلەن تەنقىد قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا قانداق كونكىرېت تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. كومىسسار ئۇرپىلېينېن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، «نۇرغۇن دوكلاتلار خىتايدىكى مەجبۇرىي ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈشكە ئائىت ئىشەنچىلىك دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەنسېرى، بۇ تېخىمۇ مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغان.»