مۇستەقىل تەكشۈرۈش كوللېگىيەسى: «خىتاي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشتە لاگېردىكى ئۇيغۇرلارغا يۈزلەنمەكتە»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.06.26
organ-ichki-eza-sodisi-2.jpg خىتايدا تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنىڭ تىجارەتكە ئايلاندۇرۇلۇشى قارشى نامايىشتا، دوختۇر ۋە زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ رولىنى ئالغان نامايىشچىلار. 2007-يىلى 1-ماي، چېخ.
REUTERS

خىتايدا تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى باشقا بىمارلارغا كۆچۈرۈپ، زور پايدىغا ئېرىشىلىۋاتقانلىقى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلە ھازىرغا قەدەر خەلقئارانىڭ يېتەرلىك دىققىتىنى قوزغىماي كەلگەنىدى. پەقەت لوندوندىكى غەيرىي رەسمىي خاراكتېرلىك بىر مۇستەقىل تەكشۈرۈش كوللېگىيەسىنىڭ يېقىندا كېسىم چىقىرىپ، خىتاينىڭ ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈشتە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشى، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. مەزكۇر كوللېگىيەنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 60 بەتلىك دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي فالۇنگوڭچىلارنى ئىچكى ئەزاسىنى مەجبۇرىي ئېلىپ، ئىچكى ئەزا يۆتكەشكە ئېھتىياجلىق بىمارلارغا سېتىپلا قالماي، ئۇ يەنە «ئورگان بانكىسى» قۇرۇپ، يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا يۈزلەنمەكتىكەن.

سابىق سېربىيە ئۇرۇش جىنايەتچىسى سلوبودان مىلوشىۋىچنىڭ دېلوسىدا باش تەپتىشلىكنى ئۈستىگە ئالغان سىر جېفرېي نايىس باشچىلىقىدىكى خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان بۇ كوللېگىيە ئىلگىرى كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، فالۇنگوڭچىلار، ئۇيغۇرلار ۋە شۇنىڭدەك ئورگان كۆچۈرۈش ئىشلىرىدا بەدەن تەكشۈرۈشكە ھەم ئورگان كۆچۈرۈشكە قاتناشقان شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى ئىشلەتكەنىدى. ئۇ 17‏-ئىيۇن كۈنى چىقارغان كېسىمىدە «خىتاينىڭ نۆۋەتتە فالۇنگوڭچىلارنى ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارغا قارىتا ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىشتىن باشقا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان كەڭ كۆلەملىك بەدەن تەكشۈرۈشلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر كېسىمنىڭ قانۇنى كۈچى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ مەسىلىدە ئىنتايىن مۇھىم خەلقئارا ئۆرنەك تەشكىل قىلىدىكەن. ئامېرىكادىكى ژۇرنالىست، يازغۇچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئېتان گۇتمان 26‏-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا كوللېگىيەنىڭ كېسىمى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ چۈشىنىشىمچە بۇ كوللېگىيەنىڭ كېسىمىنى بىر ئۆرنەك سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇنى قانۇنى بىر مىسال قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ناھايىتى جىددىي مەسىلە ئۇنىڭ بۇنىڭغا نەچچە يىل ۋاقتىنى سەرپ قىلدى. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ بۇ ساھەدە ئارقا كۆرۈنۈشى يوق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پەقەت بىر كىشى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، ئۈستىدىكى ئۇ كىشى تارىخشۇناس. بىر دوختۇرنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغانلىرىنىڭ ھېچقايسىسى بۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسى ئەمەس. لېكىن كوللېگىيە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قانۇن ساھەسىدە مۇتەخەسسىسلەشكەن ئىشەنچلىك كىشىلەر. شۇڭا، بۇ نەتىجە ئوتتۇرىغا چىقتى.»

ئامېرىكادىكى ماسساچۇسېتتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى غول ھۈجەيرە تەتقىقات ئورنىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور مايسەم مۇتەللىپوۋا تەكشۈرۈش كوللېگىيەسىدە گۇۋاھلىق بەرگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ كوللېگىيەدە DNA بىلەن ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن. مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىم 26‏-ئىيۇن كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ كوللېگىيەدە بەرگەن گۇۋاھلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سوتچى جېفرېي نايس مەندىن 10 سوئال سورىدى. ئۇ مەندىن قايتا-قايتا شۇ سوئال سورىدى، ‹دوكتور مۇتەللىپوۋا بىزگە DNA ئەۋرىشكىلىرىنى توپلاشنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىلىڭىز بارمۇ؟› دەپ، مەن ئۇنىڭغا؛ ‹ياق، بۇنىڭغا دەلىلىم يوق، بىراق مەن بۈگۈن بۇ سوتقا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش بىلەن DNA تەجرىبىسىنىڭ ناھايىتى زور مۇناسىۋىتى بارلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن قاتناشتىم› دەپ جاۋاب بەردىم.»

مايسەم مۇتەللىپوۋا بۇ سۆزلەرنى تەكشۈرۈش كوللېگىيەسىنىڭ بۇ يىل 7-ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا سۆزلىگەن. شۇ كۈنى ياپونىيەنىڭ كۇبې شەھىرىدە بىر خەلقئارا يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان مۇتەللىپوۋا، تور ئارقىلىق كامېرادا گۇۋاھلىق بەرگەنىدى. ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە يەنە DNA بىلەن ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنىڭ نېمە ئۈچۈن زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ: «چۈنكى، ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئورگىنى، مەسىلەن سىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئىچكى ئورگان تەقدىم قىلغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى سىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىڭىزغا توغرا كەلمىسە، بەدەن ئورگاننى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇنىڭدا قان تىپى ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن يالغۇز قان تىپى ماس كېلىشى كېرەك بولۇپلا قالماي، گېن كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا مەسئۇل بولغاچقا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىمۇ ماس كېلىشى كېرەك. مەسىلەن، سىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىڭىزدىكى HOA خەپۇتايت سىزگە ئورگان ئىئانە قىلغۇچىنىڭ HOA خەپۇتايت ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ماس كېلىشى كېرەك.» دېگەن.

مۇستەقىل تەكشۈرۈش كوللېگىيەسىنىڭ يۇقىرىقى كېسىمى پائالىيەتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي خەلق بەدەن تەكشۈرۈشى، DNA سانلىق ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكىشىگە باغلاۋاتقان مەزگىلدە چىقىرىلدى. ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئۈرۈمچى تۆمۈريول دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى ئەنۋەر توختى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتايدىكى ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكىنى تەكشۈرۈپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتىدا خىتايدا ھەر يىلى 10 نەچچە مىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈلىدىغانلىقى ئېيتىلسىمۇ، لېكىن دوختۇرخانىلار ھەر يىلى 100 مىڭدەك ئىچكى ئەزا كۆچۈرىدىكەن. ئۇ بۇنىڭ بۇ ئىچكى ئەزالار قانداق تەمىنلىنىۋاتىدۇ، دېگەن سوئال پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى ئەزاغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرۇشتا ئۇيغۇرلارغا يۈزلەنمەكتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئورگان نورمال گۆشكە ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، نورمال گۆشنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇپ 10 يىلدىن كېيىن يېسەك ھېچنېمە بولمايدۇ. لېكىن ئورگاننىڭ فۇنكسىيەسى ئوخشىمايدۇ. ئورگان ئادەمنىڭ بەدىنىدىن ئايرىلىپ جىق بولسا 8 سائەتتىن 10 سائەتكىچە فۇنكسىيەسىنى ساقلاپ ياشىيالايدۇ. ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتسە بىر پارچە گۆشكە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا خىتايلار 4 سائەت ئىچىدە، بىر ھەپتە ئىچىدە ئورگان تاپالايدۇ، دېگەن گەپنىڭ ئۆزى دېمەك ئۇلارنىڭ ئىسكىلاتىدا نۇرغۇن ئورگان، يەنى ئىچكى ئەزا بار، دېگەن گەپ.»

ئەنۋەر توختى، نۆۋەتتە ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش قىلمىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان قورقۇنچلۇق مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىچكى ئورگان ئۇزۇن ساقلىغىلى بولمايدىغان نەرسە، شۇنچىلىك جىق ئورگاننى ساقلاش ئۈچۈن ئادەملەرنى تىرىك ساقلايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ساناقسىز ئادەملەرنى سولاقخانىغا قامايدۇ ياكى ئۇلارنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈپ، بۇ ئادەملەرنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرىنى تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىرەرىگە يۈرەك لازىم بولسا، كومپيۇتېرغا كىرىپ ئىزدىسىلا بەلكىم قەشقەرنىڭ مەلۇم يېرىدىكى مەمەت ياكى سەمەتنىڭ ئىچكى ئەزاسى ماس كېلىدۇ، دەپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم يوقاپ كېتىدۇ. ھازىر بولۇۋاتقان ئىش بۇ».

ئامېرىكىدىكى ژۇرنالىست، يازغۇچى ۋە پائالىيەتچى ئېتان گۇتماننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش قىلمىشىغا خاتىمە بېرىش ۋاقتى كەلگەن. ئۇ، بۇنىڭغا خاتىمە بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى خىتاي بىلەن بولغان پۈتۈن تېببىي ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئېتان گۇتمان مۇنداق دەيدۇ: «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش قىلمىشىنى ئىشىنىش بىلەن توختاتقىلى بولمايدۇ. بۇ ناھايىتى قورقۇنچلۇق ۋە يىرگىنچلىك قىلمىش. ئۇلار دەل مۇشۇنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەرگىز دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ. مانا بۇ خىتاي بىلەن بولغان تېببىي ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى سەۋەبى. خىتاي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش دوختۇرلىرى خەلقئارا يىغىنغا تەكلىپ قىلىنماسلىقى، ژۇرنال، گېزىتلەر ئۇلارنى تەكلىپ قىلماسلىقى، ئۇلار تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا تەكلىپ قىلىنماسلىقى. ئۇلارغا تېببىي ئەسلىھەلەرنى سېتىپ بەرمەسلىك، گېرمانىيەدىكىدەك دۆلەتلەردىكى شىركەتلەر خىتايدا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش تەجرىبىسى ئېلىپ باسماسلىقى كېرەك.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014‏-يىلى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلىش سىستېمىسىغا كۆچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتايدىكى تاراتقۇلار تېخى يېقىندىلا خىتاينىڭ ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلىش سىستېمىسىنىڭ قانچىلىك «ئادالەتلىك» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ خەلقئارادا ماختاشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايلاردا ئادەم ئۆلسە، ئۇنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئىئانە قىلىش ئەنئەنىسى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلىش سىستېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.