خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياش ۋېيبو ھېسابىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆيىگە ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورناتقانلىقىنى بايان قىلغان.
«سەپەرجان» ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر ياش ۋېيبوغا يوللىغان ئۇچۇرلار ئامېرىكىدىكى خىتايشۇناس جەيمىس مىلىۋارد تەرىپىدىن تىۋتتېرغا چاپلانغان.
ئۇچۇرغا قارىغاندا، سەپەرجان مۇنداق يازغان: «ساقچىلار ئۆيۈمگە كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورناتقىنى كۆرگىنىڭىزدە مېنى بىرەر جىنايەت سادىر قىلغانمىدۇ، دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز تەبىئىي. ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، بۇ پەقەت مەن ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈنلا شۇنداق بولدى.»
ئۇ يەنە ئاپپارات ئورناتقان ساقچىلاردىن ئاغرىنمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ يۇقىرىنىڭ توغرا-خاتا سىياسىي قارارلىرىنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ قايتىشىدا «ئۆزلىرىدىمۇ ئامال يوقلۇقى، دۆلەتنىڭ سىياسىتى شۇنداق» لىقىنى ئېيتقانلىقىنى بايان قىلغان.
سەپەرجان يەنە بىر يازمىسىدا «ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كۆزىتىش ئاپپارات ئورنىتىلغان تۇنجى ياكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇر ئەمەس» لىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.
جەيمىس مىلىۋارد تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا بۇ «دۆلەت سىياسىتى» نىڭ ئىرقىي ۋە مىللىي پەرق ئاساسىدا يۈرگۈزۈلىدىغان ئۆيلەرنى كۆزىتىش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئۇ يەنە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت ترامپنىڭ كورونا ۋىرۇسىنى خىتايغا باغلىشىنى «ئىرقچىلىق» دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى، ئەمما خىتاي «كومپارتىيەسى شىنجاڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى» ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە تەقىبلەش سىياسىتىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كېڭەيتكەن ۋە 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى لاگېرلارغا تاشلىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر رايونىدا كۆلەملەشكەن كۆزىتىش سىستېمىسى ئارقىلىق ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلغان ئىدى.