ئىدىقۇتتىن ئىستانبۇلغىچە: ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە قوليازمىلار

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلغان قەدىمكى قوليازمىلارنىڭ سانى ۋە تۈرى ناھايىتى كۆپ. 20 گە يېقىن تىل ۋە يېزىقتىكى بۇ قىممەتلىك بايلىقلار 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىدىن باشلاپ دەسلەپ رۇسىيەگە، كېيىنچە ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، شۋېتسىيە، فرانسىيە، فىنلاندىيە، ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكە-شەھەرلىرىدىكى كۇتۇپخانا، مۇزېي ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ ئېنىق سانىنى ئېلىشمۇ قىيىن. ھازىرمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن ھەر يىلى دېگۈدەك يېڭى قوليازمىلار تېپىلماقتا. 1981-يىلى تۇرپان بېزەكلىكتىن تېپىلغان يەنە بىر توپ قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋە سوغدىچە ئەسەرلەر، 2006-يىلى قومۇلنىڭ نېرناسۇ دېگەن تاغلىق كەنتىدىن تېپىلغان بۇددىزم مەزمۇنىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە «مايىترى سىمىت» درامىسى ۋە «ئون توغرا يول» ناملىق بۇددىزم مەسەللىرىنىڭ كەمتۈك ياپراقلىرى بۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئايرىم شەخسلەر تەرىپىدىن باشقا دۆلەتلەرگە ئېلىپ بېرىلىپ، سېتىۋىتىلگەن ئەسەرلەرمۇ بار.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېلىپ كېلىنگەن، ئەمما ھازىرغىچە قانداق كەلگەنلىكى ئېنىق بولمىغان كىچىك تىپتىكى بىر قەدىمكى ئەسەرلەر توپلىمى ساقلانماقتا. بۇ توپلام 35 پارچە ئەسەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلار قەدىمكى ئۇيغۇر، سانسكرىت، موڭغۇل، ئەرەب ۋە خىتايچە يېزىقلاردا يېزىلغان. ئەسەرلەر مەزمۇن جەھەتتىن بۇددا دىنى، مانى دىنى ۋە باشقا مۇھىم تارىخىي تېمىدىكى مەزمۇنلارغا ئايرىلغان. بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇچىغا بىراھمى يېزىقىدا خەتلەر يېزىلغان 6 دانە كىچىك قوزۇقمۇ بار.

سۇلتان ئابدۇلھەمىد II تەرىپىدىن 1880-يىلى سېلىنغان مەشھۇر يىلدىز سارىيى كۇتۇپخانىسىدىن 1924-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىستانبۇل دارىلفۇنۇن كۇتۇپخانىسىغا، يەنى كېيىنكى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بىر بىرىدىن قىممەتلىك كىتابلار ئارىسىدا بۇ توپلاممۇ ئورۇن ئالغان.

1958-يىلى سۈھەيل ئۈنۋەر (Süheyl Ünver) توپلام ئىچىدىكى ئىككى كىچىك پارچىنىڭ رەسىمىنى نەشر قىلغان. تاكى 1962-يىلى ئوسمان نەدىم تۇنا (Osman Nedim Tuna) تەرىپىدىن كۇتۇپخانىدا تاسادىپىي بايقالغىچە بۇ توپلام ھەققىدە ھېچكىمنىڭ خەۋىرى بولمىغان. ئوسمان نەدىم تۇنا توپلامنى كۆرگەندىن كېيىن، شۇ زاماننىڭ مەشھۇر تۈركولوگلىرىدىن رەشىد رەھمەتى ئارات (Reshid Rahmati Arat) قا خەۋەر بەرگەن. ئارات دەرھال كۇتۇپخانىغا بېرىپ، توپلامدىكى ئەسەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىن يېپىشقان لاي ھەم توپا-چاڭلارنى تازىلاش ۋەدىسى بىلەن ئىشخانىسىغا ئېلىپ كەتكەن. ئۇ بۇرۇن بېرلىندا ئۆگەنگەن تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ھەر بىر ياپراقنى سۇ بىلەن تازىلىغاندىن كېيىن، ئۈستىگە دەزمال سېلىپ تۈزلىگەن ۋە قۇرۇتقان.

بۇ كۇتۇپخانىدا ئەسەرلەر بىلەن بىرلىكتە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىستانبۇلدا يېزىلغان يەنە بىر پارچە ئوسمانلىچە مەكتۇپمۇ تېپىلغان. يېزىلغان ۋاقتى خاتىرىلەنمىگەن بۇ مەكتۇپتا بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان 3 كىشىگە كۆرسىتىلگەن. مەكتۇپتا يەنە ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەندەرۈندىكى سۇلتانلىق مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئەزىز ئىسىملىك بىرىنىڭ خىتايچە تېكىستنى ئوقۇپ تەرجىمە قىلغانلىقى، ئەمما بېيجىڭدىن كەلگەن ئىسمايىل ھەققى ۋە سادىق ئىسىملىك ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇيالمىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر ھەققىدە ھېچنەرسە دېيىلمىگەن. تارىخچى دېيۋىد بروفي (David Brophy) نىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئوقۇتقۇچى ئەزىزنىڭ تولۇق ئىسمى ئابدۇلئ‍ەزىز غۇلجالى (Abdülaziz Kolcalı) بولۇپ 1900-يىلىدىن باشلاپ ئىستانبۇلدا ياشىغان.

توپلام بىلەن بىرلىكتە قويۇلغان ئوسمانلىچە خەت («ئايشەگۈل سەرتكايا خانىمنىڭ «تۇرپاندىن تېپىلغان ئەسەرلەر ئىستانبۇل كۇتۇپخانىسىغا قانداق ئېلىپ كېلىنگەن» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنىڭ 2- بېتىدىن ئېلىندى.)
توپلام بىلەن بىرلىكتە قويۇلغان ئوسمانلىچە خەت («ئايشەگۈل سەرتكايا خانىمنىڭ «تۇرپاندىن تېپىلغان ئەسەرلەر ئىستانبۇل كۇتۇپخانىسىغا قانداق ئېلىپ كېلىنگەن» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنىڭ 2- بېتىدىن ئېلىندى.)

1962-يىلى ئوسمان نەدىم تۇنا كەسپدىشى جېيمىس ئېۋېرت بوسسون (James Evert Bosson) بىلەن بىرلىكتە ئەسەرلەر ئارىسىدىكى پاشپا يېزىقىدا يېزىلغان موڭغۇل تىلىدىكى بىر پارچە ئەسەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى دۇنيا تۈركولوگلىرى ۋە موڭغۇلشۇناسلىرىنى تولىمۇ خوشال قىلغان. ئەپسۇسكى، يېڭىلا نېسىب بولغان بۇ خوشاللىق ئۇزۇن داۋاملاشمىغان. ئەسەرلەر ئارىسدىن 3 پارچە ئېلىم-بېرىم ۋەسىقىسىنى نەشرگە سۇنغان رەشىد رەھمەتى ئارات، 1965-يىلى ئېلان قىلىنغان ماقالىسىنىمۇ كۆرەلمەستىن، 1964-يىلى تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەن. بۇ قىممەتلىك توپلاممۇ شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم غايىب بولغان.

رەشىد رەھمەتى ئارات نەشىر قىلغان ۋەسىقىلەردىن بىرى («ئاراتنىڭ 1965- يىلى نەشىر قىلغان «ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر ئارىسىدا» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنىڭ 21- بېتىدىن ئېلىندى.)
رەشىد رەھمەتى ئارات نەشىر قىلغان ۋەسىقىلەردىن بىرى («ئاراتنىڭ 1965- يىلى نەشىر قىلغان «ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر ئارىسىدا» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنىڭ 21- بېتىدىن ئېلىندى.)

ئارىدىن 19 يىل ئۆتكەندە، ئوسمان نەدىم تۇنا يەنە بىر قېتىم مەيدانغا چىققان. ئۇ رەھمەتلىك رەشىد رەھمەتى ئارات ھايات ۋاقتىدا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرغان ئىش ئۈستىلى تارتمىلىرىنىڭ بىرىدىن توپلامنى يەنە تېپىۋالغان. ئوسمان نەدىم تۇنا بۇ قېتىم بۇ خوشخەۋەرنى تۈركولوگ ئوسمان فىكرى سەرتكاياغا يەتكۈزگەن. سەرتكايا تولىمۇ سۆيۈنگەن ۋە توپلامنى ئېلىپ چىقىپ تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. شۇنىڭدىن بېرى بۇ توپلامدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر ئۈستىدە سەرتكايانىڭ ئۆزى، ياپونىيەلىك كوگى كۇدارا (Kogi Kudara)، گېرمانىيەلىك مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس پېتېر زېمې (Peter Zieme)، كلائۇس رۆھربورن (Klaus Röhrborn) قاتارلىق ئالىملار تەتقىقات ئېلىپ بارغان. گېرمانىيەلىك كلائۇس ۋىللې (Klaus Wille) سانسكرىتچە ئەسەر ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى نەشر قىلغان. سەرتكايا، كۇدارا بىلەن بىرلىكتە توپلامنىڭ دەسلەپكى كاتالوگىنى تەييارلىغان.

ئۇنداقتا، كىم بۇ توپلامنى ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەن؟

بۇ توپلام بايقىلىش بىلەن تەڭلا، بىر قىسىم كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەت بېرلىندا ياشىغان ۋە تۇرپان تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان رەشىد رەھمەتى ئاراتتىن گۇمانلىنىشقان. ئۇلارنىڭ پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 1933-يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىغا پروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان ئاراتنىڭ توپلامنى ئۆزى بىلەن ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئارات توپلامدىكى ئەسەرلەر بىلەن بىرلىكتە ساقلىنىۋاتقان 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرى يېزىلغان ھېلىقى چاغاتايچە مەكتۇپنى ماقالىسىغا قوشۇپ نەشىر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ گۇماننىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئۇ يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ 1905-يىلىدىن 1914-يىلىغىچە، ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك قېدىرىپ-تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئالبېرت فون لېكوك (Albert von Le Coq) نىڭ شۇ كىشى بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ رەت قىلغان. بېرلىندىكى قوليازما ۋە تام رەسىملىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېلىپ كەلگەن لېكوك، بۇ خىزمىتى شەرىپىگە تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئالاھىدە مېدال بىلەن مۇكاپاتلانغانىدى. لېكوكمۇ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزى ئايرىم ساقلاۋاتقان بىر پارچە ئۇيغۇرچە قوليازمىنى تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرىگە سوغات قىلغانىدى.

2005-يىلى تۇرپاندا ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق خەلقئارا تۇرپانشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەنە بىر پروفېسسورى ئايشەگۈل سەرتكايا (Ayşegül Sertkaya) خانىم توپلامنىڭ ئىستانبۇلغا كېلىش جەريانى ھەققىدە يېڭى بىر كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ تەخمىنىچە، تۇرپاندىن ياۋروپاغا توشۇلغان ئاسارە-ئەتىقىلەر تۈركىيەدىن ئۆتۈۋاتقاندا، بۇ توپلام چېگرا تەكشۈرگۈچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ئۇ بۇ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا قايسى دەلىلگە ئاساسلانغانلىقىنى دېمىگەن.

ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمانلى سۇلتانلىرى بىلەن گېرمانىيە ئېمپراتورلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يېقىن مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان مۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تولىمۇ قىيىن. ئەگەر شۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن بولسا ئىدى، لېكوك يازغان خاتىرىلىرىدە بۇ ئەھۋالنى چوقۇم تىلغا ئالغان بولاتتى. لېكوكنى شەخسەن تونىغان ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن قوليازمىلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان رەشىد رەھمەتى ئاراتمۇ بۇ كېلىشمەسلىكتىن ئەلۋەتتە خەۋەردار بولغان بولاتتى.

تۆت قېتىملىق تۇرپان ئېكىسپېدىتسىيەسى جەريانىدا سېتىۋېلىنغان ياكى توپلانغان ھەر بىر ئەسەر، تام رەسىملىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن نەق مەيداندا ئارخىپلاشتۇرۇلغان. ئەگەردە يۇقىرىقى پەرەز توغرا بولسا ئىدى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان گېرمانىيەدە بۇ قوليازمىلارنى ئوقۇش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان گېرمان، تۈرك ۋە ئۇيغۇر تۈركولوگلار 9000 پارچىدىن ئارتۇق ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئارىسىدا شۇنداق بىر ھۆججەتنى چوقۇم ئۇچراتقان بولاتتى.

مەزكۇر توپلام ئىچىدە مەزمۇنى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى بىلەن باشقا ئەسەرلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئەسەر بار. بىر بەتلىك بۇ ئەسەرنىڭ ئالدى يۈزىدە ئەرەب، موڭغۇل پاگسپا (Phags-pa) ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تېكىستلەر ئورۇن ئالغان. دەسلەپكى قۇردا ئالتۇن ھەل بىلەن ئەرەب تىلى ۋە يېزىقىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «بۇ يېزىق خىتايدىكى خانلار ئارىسىدا قوللىنىلىدۇ ۋە ‹دۆربېلجىن› دەپ ئاتىلىدۇ». ئۇنىڭدىن كېيىنكى بەش قۇرغا پاگسپا يېزىقىدا يېزىلغان موڭغۇلچە بىر ئابزاس بولۇپ، ئۇنىڭدا مەشھۇر موڭغۇل خانى قۇبىلاينىڭ ئېيتقانلىقى قەيت قىلىنغان سۆزلەر بار.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى قۇر ئوتتۇرىسىغا يەنە ئەرەب تىلى ۋە يېزىقىدا ḫaṭṭu’l-uyġuruyya يەنى «ئۇيغۇر يېزىقىدا» دەپ يېزىلغان.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نومۇرلۇق ئەسەر - F 1423. (مەھمەت ئۆلمەز (Mehmet Ölmez)ۋە ئالېكساندېر ۋوۋىن (Alexander Vovin)نىڭ «ئىستانبۇلدىكى پاسپا ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرچە پارچىلار ئۈستىدە قايتا ئ‍ىزدىنىش» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنىڭ 153-بېتىدىن ئېلىندى.)
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نومۇرلۇق ئەسەر - F 1423. (مەھمەت ئۆلمەز (Mehmet Ölmez)ۋە ئالېكساندېر ۋوۋىن (Alexander Vovin)نىڭ «ئىستانبۇلدىكى پاسپا ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرچە پارچىلار ئۈستىدە قايتا ئ‍ىزدىنىش» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنىڭ 153-بېتىدىن ئېلىندى.)

ئ‍ۇنىڭدىن كېيىنكى توققۇز قۇرغا قۇبىلاي خاننىڭ يۇقىرىقى سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:

Ayshegul-sertkaya-turpandin-tepilghan-eserler-5.jpg

بۇ بەتنىڭ دەسلەپكى قۇرىدىكى ئەرەبچە خەتنىڭ مەزمۇنى ۋە زامان شەكلىدىن ئەسەرنىڭ موڭغۇل ئىمپېراتۇرلۇقى دەۋرىدىكى «دۆربىلجىن»، يەنى كۇۋادىرات شەكىللىك يېزىق قوللىنىلغان ۋاقىتتا يېزىلغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. 1206-يىلى قۇرۇلغان موڭغۇل ئىمپېراتۇرلۇقى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى دۆلەت يېزىقى قىلىپ قوللانغانىدى. قۇبىلاي خان دەۋرىگە كەلگەندە، كۇۋادىرات شەكىللىك پاگسپا يېزىقى ئىجات قىلىنغان ۋە بۇ يېزىق 1269-يىلىدىن 1350-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن. يۇقىرىقى ئەسەر پاگسپا يېزىقىنىڭ ئىمپېرىيە تەۋەلىكىدىكى ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىكى، كەڭ خەلق ئ‍ارىسىدا يەنىلا ئۇيغۇر يېزىقى قوللىنىلغانلىقىدەك ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدىكى ئەسەرلەر باشقا يەرلەردىكىدەك سان جەھەتتە ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن مەزمۇن ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قەدىمكى ئەسەرلەر تەتقىقاتى ساھەسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، ئىستانبۇلدا يەنە ھەر خىل يول ۋە سەۋەبلەر بىلەن كەلگەن، ھازىر توپقاپى سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرمۇ بار. بۇ قىممەتلىك ئەسەرلەر ئىستانبۇل مىللىي كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نىڭ ئەسلى نۇسخاسى بىلەن بىللە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پارلاق مەدەنىيەتىنى دۇنياغا نامايەن قىلماقتا.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.