ماراكەش مەھكىمىسىنىڭ ئىدرىس ھەسەن ھەققىدىكى قارارىغا بولغان ئەيىبلەشلەر كۈچەيمەكتە

0:00 / 0:00

ماراكەش كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش بىرلىكى (LMDHH) ئۆتكەن يىلى 19-ئىيۇل ماراكەشتە قولغا ئىلىنغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىدرىس ھەسەننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش قارارنامىسىگە قارىتا دۆلەت باشلىقى ئەزىز ئاھنۇشقا ئوچۇق خەت ئەۋەتكەن.

LMDHH-Marakesh-Xet.jpg
ماراكەش كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش بىرلىكى (LMDHH) نىڭ ماراكەش دۆلەت باشلىقى ئەزىز ئاھنۇشقا ئەۋەتكەن ئوچۇق خىتى.

ئوچۇق خەتتە ماراكەش كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش بىرلىكى مەزكۇر قارارنىڭ ماراكەشنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋە ئىدرىس ھەسەننىڭ قىيىن-قىستاققا ۋە ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچراش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقىنى ئېيتقان. تەشكىلات يەنە ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇش قارارىنىڭ ماراكەشنىڭ قانۇنلىرىغا ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ۋە ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلغان.

بىز مەزكۇر تەشكىلات بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىدۇق.

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىنىڭ ئىنسانلىققا ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا يات ئىكەنلىكىنى، ماراكەشنىڭ مەزكۇر خاتا قاراردىن دەرھال يېنىشى ۋە خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە شېرىك بولۇشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

15-دېكابىر كۈنى ماراكەش مەھكىمىسى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇش قارارىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى مەزكۇر قارارنىڭ قانۇنى بىر قارار ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئىدرىسنىڭ داۋاسىغا سىياسىي بىر ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. ماراكەش بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بەزى كېلىشىمنامىلەر ئىمزالانغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ھەر ئىككى دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چېكىنىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

5-يانۋار كۈنى ماراكەش خىتاي بىلەن ھەمكارلىق پىلانى ئىمزالاپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. نۆۋەتتە ماراكەش شىمالىي ئافرىقىدىكى تۇنجى بولۇپ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەمكارلىق پىلانى ئىمزالىغان دۆلەت بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئىدرىس ھەسەننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش قارارىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئەتراپىدا ماراكەش بىلەن ئورناتقان كېلىشىمنامىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇندىن بۇرۇن مىسىر، لىۋىيە، تۇنىس، ئالجىرىيە ۋە ماراكەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش شىمالىي ئافرىقا دۆلىتى «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسى توغرىسىدا ئورتاق كېلىشىمنامە ئىمزالىغان بولۇپ، ماراكەش مەزكۇر كېلىشىمنامىنى يولغا قويغان تۇنجى دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ماراكەش ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا توختالدى.

ماراكەش2016-يىلى ئىمزالانغان ماراكەش-خىتاي جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى بويىچە ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇشنى قارار قىلغانىدى. مەزكۇر قارار خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ئورگانلار تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە. نۆۋەتتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسىغا ئارىلىشىپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەردىكى ۋاقىتلىق تەدبىر قوللىنىش مېخانىزمىنى ئىشقا سالغان. ئىدارىسى ھەسەننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش جەريانى ۋاقىتلىق توختىتىلغان بولسىمۇ، ھەر ۋاقىت خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى مەۋجۇت ئىكەن.