بىخەتەر دۆلەتكە كېتىمەن دەپ ماراكەشتە تۇتۇلۇپ قالغان ئىدرىس ھەسەننىڭ تەقدىرى خەۋپ ئاستىدا قالغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.07.26
بىخەتەر دۆلەتكە كېتىمەن دەپ ماراكەشتە تۇتۇلۇپ قالغان ئىدرىس ھەسەننىڭ تەقدىرى خەۋپ ئاستىدا قالغان بىخەتەر بىر دۆلەتكە بېرىپ ئورۇنلىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئۇچۇپ كاسابلانكا خەلقئارالىق ئايرودرومىغا بارغاندا ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلغان ئىدرىس ھەسەن تۈركىيەدىكى ۋاقتىدا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى يىغىندا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن ئىدرىس ھەسەن بىخەتەر بىر دۆلەتكە بېرىپ ئورۇنلىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ماراكەشنىڭ كاسابلانكا شەھىرىگە ئۇچۇپ بارغان. ئەمما ماراكەش دائىرىلىرى 20-ئىيۇل كۈنى كېچە سائەت ئۈچكە سەككىز مىنۇت قالغاندا ئىدرىس ھەسەننى كاسابلانكا خەلقئارالىق ئايرودرومدا تۇتقۇن قىلغان. ئۇ، ئايرودرومغا چۈشۈپلا ئايالى بۇزاينۇر خانىمغا ئۇچۇر يوللاپ سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇرۇن تۈركىيەدە كۆپ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان ئىدرىس ھەسەن خىتايغا قايتۇرۇلسا ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇڭا ئۇ، بىخەتەر ياۋروپا دۆلىتىگە كېتىش مەقسىتىدە ئايروپىلان ئالمىشىش ئۈچۈن كاسابلانكا ئايرودرومىغا چۈشكەندە تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ، تۇتقۇن قىلىنىپ 80 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئايالى بۇزاينۇر خانىمغا تېلېفون قىلىپ، ھاياتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يول مېڭىشىنى تەلەپ قىلغان.

بىخەتەر بىر دۆلەتكە بېرىپ ئورۇنلىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئۇچۇپ كاسابلانكا خەلقئارالىق ئايرودرومىغا بارغاندا ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلغان ئىدرىس ھەسەن تۈركىيەدىكى ۋاقتىدا پەرزەنتلىرى بىلەن. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
بىخەتەر بىر دۆلەتكە بېرىپ ئورۇنلىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئۇچۇپ كاسابلانكا خەلقئارالىق ئايرودرومىغا بارغاندا ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلغان ئىدرىس ھەسەن تۈركىيەدىكى ۋاقتىدا پەرزەنتلىرى بىلەن. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزاينۇر خانىم بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «يولدىشىم ئىستانبۇلدىكى سەبىھا گۆكچەن ئايرودرومىدىن ماراكەشكە بارغاندا تۇتۇلۇپتۇ. ئايروپىلاندىن چۈشۈشىگىلا ئۇنى تۇتۇۋاپتۇ. ئۇ، ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ماڭا ‹ئايروپىلاندىن چۈشتۈم› دەپ بىر جۈملە خەتنى ئاران يازالاپتۇ. بۇنىڭدىن 80 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن يولدىشىم تۇيۇقسىز تېلېفون قىلىپ قالدى. تېلېفوندا ‹مەن ئايروپىلاندىن چۈشكەن ھامان مېنى باشقا بىر شەھەرگە ئاپىرىپ سولاپ قويدى. تېزرەك يول ماڭمىساڭلا خىتايغا قايتۇرۇۋېتىدىغان ئوخشايدۇ، خىتاي تەلەپ قىلغاچقا تۇتۇپتۇ› دېيىشىگىلا تېلېفون ئۈزۈلۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن يولدىشىمنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يول مېڭىشقا باشلىدىم».

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە تۈركىيەدىكى بەزى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىدرىس ھەسەن ئۇچرىغان بۇ ئاۋارىچىلىكتىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىخەتەر ئۈچىنچى دۆلەتكە بېرىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، بىخەتەر دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنسىز يوللار بىلەن باشقا دۆلەتلەرگە مېڭىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىدرىس ھەسەن ئەپەندى 2012-يىلى تۈركىيەگە كەلگەندىن بۇيان بەزى پايدىلىق خىزمەتلەرنى قىلغان. نورۋېگىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئىدرىس ھەسەن ئەپەندى 2012-يىلى تيەنجىن نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. شۇ يىلى 9-ئايدا تۈركىيەگە كەلگەن. ئۇ، 2012-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەدە كومپيۇتېر ئىنژېنېرى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلگەنىدى. ئايالىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بىخەتەر دۆلەتكە كېتىش ئۈچۈن ماراكەش ئارقىلىق گوللاندىيەگە قاراپ ئۇچقاندا كاسابلانكادا تۇتۇلۇپ قالغان. نۆۋەتتە 3 پەرزەنتى بىلەن بىلەن ئايالى ئۇنىڭ بالدۇرراق قۇتۇلۇپ چىقىشىنى كۈتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.