ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى جىددىي داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە بىخەتەرلىكىدىن تەشۋىشلەنگەن 33 ياشلىق كومپيۇتېر ئىنژېنېرى ئىدرىس ھەسەن ماراكەش ئارقىلىق ياۋروپاغا كېتىش ئۈچۈن 19-ئىيۇل ئىستانبۇلدىن كاسابلانكاغا بارغان بولۇپ، ماراكەش خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئىدرىس ھەسەننى قولغا ئالغان. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماراكەشكە بېسىم چۈشۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئىدرىس ھەسەننى قايتۇرۇۋېتىش خەۋپنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىدرىس ھەسەن قولغا ئېلىنغاندىن كىيىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن دەرھال ئالاقىلەشكەن. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتلار بۇ مەسىلىنى ئاخباراتنىڭ كۈچى ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتقان.

ئىستانبۇلدىن ئۇچۇپ كاسابلانكا خەلقئارالىق ئايرودرومىغا بارغاندا ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلغان ئىدرىس ھەسەن تۈركىيەدىكى ۋاقتىدا پەرزەنتلىرى بىلەن. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
ئىستانبۇلدىن ئۇچۇپ كاسابلانكا خەلقئارالىق ئايرودرومىغا بارغاندا ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلغان ئىدرىس ھەسەن تۈركىيەدىكى ۋاقتىدا پەرزەنتلىرى بىلەن. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)

كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى(Human rights safeguard) ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئامېرىكادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى، ماراكەشتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ماراكەش ھۆكۈمىتى بىلەن جىددىي ئالاقىلەشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلماقتىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قانۇنىي يوللار ئارقىلىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزاينۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئىدرىس ھەسەنگە ئادۋوكات تېپىش ئۈچۈن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى ماراكەشتە ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر ئادۋوكات تەكلىپ قىلغان. 28-ئىيۇل كۈنى ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتى ماراكەش تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن جىددىي ئالاقە ئورنىتىپ، 29-ئىيۇل كۈنى ئىدرىس ھەسەن بىلەن كۆرۈشكەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتى مەزكۇر دېلونى قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ھەل قىلىشنىڭ قىيىن مەسىلە ئەمەسلىكىنى، بىراق بۇ دېلوغا سىياسىي بىر مەسىلە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىپ سىياسىي بىر قارار چىقىرىلسا، ماراكەش ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «ئۆز ئارا جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمنامىسى» بويىچە قايتۇرۇۋېتىش خەۋپنىڭ تۇغۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىز ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتى مارىل كاندىل بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىدرىس ھەسەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق. مارىل كاندىل ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

ئىستانبۇلدىن ئۇچۇپ كاسابلانكا خەلقئارالىق ئايرودرومىغا بارغاندا ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلغان ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتى مارىل كاندىل. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
ئىستانبۇلدىن ئۇچۇپ كاسابلانكا خەلقئارالىق ئايرودرومىغا بارغاندا ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلغان ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتى مارىل كاندىل. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)

«مەن باش تەپتىشىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، 29-ئىيۇل كۈنى ئىدرىس ھەسەن بىلەن كۆرۈشتۈم. بىز دېلو توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق. ئىدرىس ئەپەندىم ماڭا ئۆزىنىڭ ھېچقانداق تېررورلوق تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ماڭا ‹ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن تېررورچى دەپ قارىلىدۇ› دېدى. ئۇ يەنە تۈرمە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، بىراق ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئىدرىس ئەپەندىمنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن تۈرمە باشلىقى بىلەن كۆرۈشتۇق. تۈرمە باشلىقى بىزگە ئىدرىس ھەسەن ئەپەندىنىڭ كارانتىن تۈزۈلمىسىگە بوي سۇنۇشىنىڭ كېرەكلىكىنى، بۇ جەرياندا تېلېفوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرىنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ پات يېقىندا ھەل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، ‹كارانتىن جەريانى ئاخىرلاشقاندا، ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈن تۈرمە تېلېفونىنى ئىشلىتەلەيدۇ› دېدى.

ئالاقىلىشىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ كورونا يۇقۇمىنى تۈرمە ئىچىگە كېڭەيتمەسلىك ئۈچۈن قوللانغان ئالدىنى ئېلىش

تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىز تېخى دېلو ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالمىدۇق. بىز دېلو ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان ھەسەن ئەپەندى بىلەن قايتا كۆرۈشىمىز. دېلونىڭ مەزمۇنى ۋە سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلىدىغان ئەرزى توغرىسىدا ئالاقىلىشىمىز. ئاۋۋال ھەسەن ئەپەندىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىك ئۈچۈن ئەرز قىلىمىز. ئىدرىس ھەسەننىڭ ماراكەشتە قېلىشىغا رۇخسەت قىلىش ياكى ئۇنى 9 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تۇرغان تۈركىيەگە قايتۇرۇۋېتىش ھەققىدە سۇنغان تەلىپىمىزنى ماراكەش سوتىنىڭ قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ ئىدرىس ھەسەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئۈچۈن ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالىدىن رۇخسەت ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزاينۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىدرىس ھەسەننىڭ تۈركىيەدە تۆت قېتىم تۇتۇلغانلىقىنى، بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە بېرىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى. بۇزاينۇر خانىم يەنە، يولدىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بارلىق خەلقئارا جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ يولدىشىمنى تىزدىن قۇتقۇزۇپ چىقىشىنى، يولدىشىمنىڭ ئەركىن دۆلەتلەردە ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

ئىدرىس ھەسەن دۇچ كەلگەن مەزكۇر خەتەرلىك ۋەزىيەت دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ھەر خىل تىللاردا، كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىگە مەركەزلەشكەن نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا، ماراكەشنىڭ ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇۋىتىشى چوڭ بىر سىياسىي سەتچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.