ئىدرىس ھەسەن 19-ئىيۇل كۈنى ماراكەشتە قولغا ئىلىنغان بولۇپ، ماراكەش دائىرىلىرى خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى بويىچە ئىدرىس ھەسەننى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئىدرىس ھەسەن ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشقانغا قەدەر، ئىدىرسنىڭ ئۈستىدىكى قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقىنى توڭلىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قارار خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ماراكەش ۋە خىتاي دائىرىلىرىگە بىلدۈرۈلگەن.
نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ياكى قىلماسلىق شۇ دۆلەتنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىكەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئالغان مەزكۇر قارارنىڭ ماراكەش دائىرىلىرى ئۈچۈن بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزاينۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى ۋە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر قارارىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ماراكەش جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تېخى ئىدرىس ھەسەن ھەققىدە دېلو تۇرغۇزمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىدرىس ھەسەن كورۇنا ۋىرۇسى تەدبىرلىرى سەۋەبلىك كارانتىن ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. ئىدرىس ھەسەن ھەققىدىكى قانۇنىي تەرتىپ ماراكەش دائىرىلىرى رەسمىي دېلو تۇرغۇزغاندىن كىيىن باشلىنىدىكەن. ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىگە ئىدرىس ھەسەن دېلوسىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئىدرىس ھەسەن ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ماراكەش دائىرىلىرىگە بىسىم چۈشۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت ئۇتقىنى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
نۆۋەتتە ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، كىشىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە چېتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ماراكەش دائىرىلەرنى ئاگاھلاندۇرماقتا.