ماراكەشتىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ماراكەش دائىرىلىرىنى ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

0:00 / 0:00

ئىدرىس ھەسەن ماراكەشتە قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئىدرىس ھەسەننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ماراكەش ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلماقتا.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئاۋغۇست خەۋىرىگە قارىغاندا، ماراكەشتىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ماراكەش دائىرىلىرىنى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىرغان.

ماراكەشتىكى AMDH ھوقۇق تەشكىلاتىدىن خەدىجە خانىم رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز ماراكەش ھۆكۈمىتىنى ئۆزلىرى ئىمزالىغان خەلقئارا قىيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە رىئايە قېلىشقا ۋە ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىمىز. خىتايدا ئىدرىس ھەسەننىڭ قىيناشقا ئۇچراش خەۋپى بار».

فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم ماراكەشتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىگە ئىدرىس ھەسەن مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ماراكەشتىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىدرىس ھەسەن دېلوسى ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ماراكەشتىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ۋە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ يولدىشىنى تېزرەك قويۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىدرىس ھەسەن 19-ئىيۇل كۈنى ماراكەش خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ماراكەش دائىرىلىرى ئىدرىس ھەسەننى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» سەۋەبلىك قولغا ئالغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغانىدى. 2-ئاۋغۇست كۈنى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئىدرىس ھەسەن دېلوسىغا قايتىدىن قاراپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» نى توڭلىتىپ قويغان.

ئىدرىس ھەسەن تۈركىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم قولغا ئىلىنغان بولسىمۇ، ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن. ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتى مارىل كاندىل رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئەيىبلىشىدە پاكىت يوق، تۈركىيە ئەدلىيە تارماقلىرى ئۇنى ئۈچ قېتىم ئاقلىدى ۋە تۈركىيە ئىدرىس ھەسەننى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى رەت قىلدى».

نۆۋەتتە ئىدرىس ھەسەن تېخىچە كارانتىن تەدبىرلىرى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى بىزگە ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسىنى ھەققىدە يېڭى بىر ئىلگىرىلەشنىڭ بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىدرىس ھەسەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغاندىن كىيىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى غەرب دۆلەتلىرى سىياسەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ماراكەش ھۆكۈمىتى ئىدرىس ھەسەن دېلوسى سەۋەبلىك قاتتىق بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالدا ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىش ئېھتىماللىقنى تۆۋەن دەپ قاراشقا بولىدىكەن.