خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن ماراكەشتە قولغا ئىلىنغان كومپيۇتېر ئىنژېنېرى ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.
ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەت ئەللىك دىپلوماتلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 12-ئاۋغۇست كۈنى راباتتا ئېچىلغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى ئەيىبنامىلەرنى ۋاقتىدا ئەۋەتىپ بەرمىگەنلىكى سەۋەپلىك سوت مەھكىمىسى ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتىنى 26-ئاۋغۇست كۈنىگە كېچىكتۈرگەن ئىدى.
ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋۇكاتىنىڭ «ئۇيغۇر يار فوندى» نىڭ مەسئۇللىرىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىدرىس ھەسەن ھەققىدىكى ئەيىبنامىلەرنى تېخىچە ماراكەش دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈپ بەرمىگەن.

ماراكەش تەپتىش دائىرىلىرى ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى ئەيىبنامىلەرنى چوقۇم 26-ئاۋغۇست كۈنىگىچە ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتلىرىغا تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن. تاپشۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا سوت مەھكىمىسى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىدىكەن. ئەگەر 26-ئاۋغۇست كۈنىگىچە خىتاي دائىرىلىرى ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى ئەيىبنامىلەرنى تاپشۇرسا، سوت مەھكىمىسى ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئەيىبنامىنى كۆرۈپ چىقىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىدىكەن. بۇ ئەھۋال ئاستىدا سوتنىڭ قايتا كېچىكتۈرۈلۈش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى ئەيىبنامىلەرنى ماراكەش تەپتىش ئورگانلىرىغا تېخىچە يەتكۈزۈپ بېرىلمىگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن مۇددەت توشقان ئەھۋال ئاستىدا سوت مەھكىمىسى مەۋجۇت ھۆججەتلەر بىلەن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدىكەن.
بىز ئىدرىس ھەسەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ماراكاش دائىرىلىرىنىڭ ئىدرىس ھەسەن دېلوسىغا بولغان پوزىتسىيەسى ئىگىلەش ئۈچۈن ماراكەشنىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا قايتا قايتا-قايتا تېلېفۇن قىلغان بولساقمۇ، تېلېفۇنىمىز ئېلىنمىدى.
ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئىدرىس ھەسەن نۆۋەتتە يالغۇز كىشىلىك كامېرغا سولانغان بولۇپ، پسىخىك جەھەتتىن ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.
بۇزەينۇر خانىم يەنە يولدىشىنىڭ ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى، 26-ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلىدىغان سوتتىن كىيىن يولدىشىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسى نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى سىياسەتچىلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا «خىتايغا قارشى خەلقئارالىق پارلامېنت ئەزالىرى بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ماراكەش دائىرىلىرىنى ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلغان.