ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان كومپۇتېر ئىنژېنېرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىدرىس ھەسەننىڭ 26-ئاۋغۇست كۈنىدىكى سوتى 1-سېنتەبىرگە كېچىكتۈرۈلگەن.
ماراكەش دائىرىلىرى ئىدرىس ھەسەننى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى سەۋەبلىك قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئىدرىس ھەسەن ھەققىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ماراكەش سوت مەھكىمىسى ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىشكە تېخىچە ھۆكۈم چىقارمىغان.
ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، سوتنىڭ مەزكۇر قارارى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
«ئەرەب خەۋەرلىرى»، «ئافرىقا خەۋەرلىرى» قاتارلىق ئىنگىلىزچە ۋە فىرانسۇزچە ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئىشلىگەن بولۇپ، خەۋەرلەردە ئىدرىس ھەسەننىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەن تەقدىردە ئېغىر تەن جازاسىغا ۋە قىيىن قىستاققا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى ئېيتىلغان.
«ئۇيغۇر يار فوندى» جىددىي قۇتقۇزۇش تۈرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى ئەيىبنامىلەرنى ماراكەش دائىرىلىرىگە تاپشۇرمىغان بولۇپ، ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتىنىڭ كېچىكىپ كېتىشى بۇ ئەھۋال بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتلىرى سوتنىڭ كېچىكىشىنى ئىدرىس ھەسەنگە پايدىلىق دەپ قارىماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر يار فوندى جىددىي قۇتقۇزۇش تۈرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن باتۇر قاراخان ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئىدرىس ھەسەننى دېلوسى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەردى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئىدرىس ھەسەن نۆۋەتتە ماراكەشتىن قويۇپ بېرىلگەن تەقدىردە تۈركىيىگە قايتۇرۋېتىلىشتىن ئەندىشە قىلماقتىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، يېقىندا ئاشكارىلانغان تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئائىت بىر مەخپىي ھۆججەتتە ئىدرىس ھەسەننىڭ ئىسمىنىڭ بولۇشىنى مىسالغا ئېلىپ، ئىدرىس ھەسەننىڭ ئەندىشسىنىڭ ئورۇنسىز ئەمەسلىكىنى ئېيتماقتا.