تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىخەتەرلىكنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى19-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئىدرىس ھەسەن دېلوسىغا ئائىت دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدە تەلەپ قىلغان «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» نىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىنتېرپول نىزامنامىسىنىڭ 2 (1) ۋە 3-ماددىلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكى سەۋەبلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، مەزكۇر تەپسىلاتنىڭ ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغانلىقى تىلغا ئىلىنغان.
خىتاينىڭ ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىن ئىنتېرپول ئارقىلىق «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىشى ئىنتېرپول نىزامنامىسىنىڭ تۆۋەندىكى ماددىلارغا خىلاپ ئىكەن. 2-ماددا (1): «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» روھىغا ماس بولۇش ۋە 3-ماددا: ئىنتېرپولنىڭ «سىياسىي، ھەربىي، دىنىي ۋە ئىرقىي خاراكتېردىكى پائالىيەت ياكى ھۇجۇم» مۇددىئاسىدا ئىشلىتىلىشىگە يول قويماسلىق.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۈستىدىن ئىنتېرپول ئارقىلىق «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىشىغا ئائىت تەپسىلاتلار ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئىنتېرپول بۇ ھەقتە ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتىغا ياكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. نۆۋەتتە ئىنتېرپولنىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر ئىنتېرپول نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا قارىتا كونكرېت جازا ياكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىدىغان ياكى قوللانمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ماراكەش دائىرىلىرى تەمىنلىگەن ئىدرىس ھەسەن ھەققىدىكى «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا ئائىت تەپسىلاتلار، ئىنتېرپولنىڭ خىتاينىڭ ئىنتېرپول نىزامنامىسىدىكى ئىككى ئاساسىي ماددىغا ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.
خەلقئارا ئورگانلار ۋە خەلقئارا ئاخباراتنىڭ ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسىغا دىققەت قىلىشى، ئىنتېرپولنىڭ ئىدرىسنىڭ ھۆججىتىنى قايتا تەكشۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان. بىراق، نۆۋەتتە ئىنتېرپولنىڭ قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىگە خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن ئىلىنغان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ تەكرار تەكشۈرۈلىدىغان ياكى تەكشۈرۈلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئىنتېرپولنىڭ «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» نى توختىتىشى ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ماراكەشنىڭ ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى قانۇنىي تەرتىپلىرىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. چۈنكى ماراكەش پادىشاھىنىڭ باش تەپتىشى دېلونى داۋاملاشتۇرۇشنى بۇيرۇغان. ئىنتېرپولنىڭ ئىدرىس ھەسەن ھەققىدىكى «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» نى تۆت يىلدىن بۇيان تەكشۈرۈپ دەلىللىمىگەنلىكى ئىنتېرپولنىڭ خەلقئارادىكى ئېتىبارىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بىخەتەرلىكنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى دوكلاتتا ئىنتېرپولنىڭ ئىدرىس ھەسەننىڭ تەقدىرىگە قارىتا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
2016-يىلى ئىنتېرپول باش كاتىبات باشقارمىسى مەخسۇس كۆپ تەرەپلىمىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھەر بىر قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى تەلىپىنىڭ ئىنتېرپولنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى (RPD) گە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خىتاينىڭ ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» تەلىپى 2017-يىلى 3-ئايدا تاپشۇرۇلغان بولۇپ، ئىنتېرپولنىڭ قانۇنىي تەرتىپى بويىچە، ئىدرىسنىڭ دېلوسى بۇ خىل تەكشۈرۈشتىن چوقۇم ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن. نۆۋەتتە ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» نىڭ ئىنتېرپول تەرىپىدىن ئىدرىس ھەسەن تۇتۇلغىچە تەكشۈرۈلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى تەلەپلىرىنىڭ ئىنتېرپول ئاساسىي نىزامنامىسىگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرگەن ياكى تەكشۈرمىگەنلىكىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
بىخەتەرلىكنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى لاۋرا ھارىف خانىم زىيارەت تەلىپىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ماراكەش دائىرىلىرىنىڭ 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ب د ت نىڭ تۆت ئالاھىدە مۇتەخەسىسىگە بەرگەن ئىنكاسى شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئىنتېرپول ئىدرىس ھەسەن ھەققىدىكى تۇتۇش قارارىنى ئىنتېرپول نىزامنامىسىنىڭ 2-ۋە 3-ماددىلىرىغا›ماس كەلمەيدۇ‹دەپ قارالغانلىقتىن بىكار قىلغان. بۇ ماددىلار تەشكىلاتنى كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى ئومۇمىي خىتابنامىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشقا، سىياسىي، دىنىي ۋە ئىرقىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىشقا يول قويماسلىققا مەجبۇرلايدۇ. ئەگەر ئىنتېرپول ئىدرىس قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى بۇ شەرتلەرنى ياخشى دەلىللىگەن بولسا بۇ خىل ئاقىۋەت كېلىپ چىقمايتتى. ئىدرىس ھەسەن ھەققىدىكى قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى 2017-يىلى تارقىتىلغان. ئىنتېرپول بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.»
لاۋرا خانىم يەنە مۇنداق دېدى:
«ئىنتېرپولغا ئەزا دۆلەتلەر كېلەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىتاينىڭ داۋاملىق سىياسىي زۇلۇم قىلىش ئۈچۈن ئىنتېرپولنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك. ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ۋە دۆلەتتىكى سىياسىي زىيانكەشلىكلەر توغرىسىدا كونكرېت بىر قارار ماقۇللىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئىنتېرپول نىزامنامىسىگە›ماس كەلمەيدىغان‹ئۇقتۇرۇشلارنىڭ تارقىتىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.»

ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسىغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، بىخەتەرلىكنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى قاتارلىق تەشكىلاتلار يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئاينىڭ بېشىدا ماراكەشتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۈچ ئادەم ئەۋەتىپ ئىدرىس ھەسەن بىلەن مەخسۇس كۆرۈشتۈرگەن. ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ «ئۇيغۇر يار فوندى» جىددىي قۇتقۇزۇش تۈرىنىڭ مەسئۇللىرىغا بىلدۈرۈشىچە، مەخسۇس كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ماراكەش دائىرىلىرىنىڭ ئىدرىس ھەسەنگە بولغان پوزىتسىيەسى خېلىلا ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئادۋوكات بۇ قېتىمقى سوتتا ئىدرىس ھەسەننىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئېيتقان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىي تەرتىپلىرى بويىچە بولغاندا، سوتنى ئۈچ قېتىمدىن ئوشۇق كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق سوتتا ئىدرىس ھەسەننىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.
«ئۇيغۇر يار فوندى» جىددىي قۇتقۇزۇش تۈرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن باتۇر قاراخانلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ماراكەش دائىرىلىرىگە چاقىرىق قىلدى.
ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ماراكەش دائىرىلىرىدىن يولدىشى ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
كومپيۇتېر ئىنژېنېرى ئىدرىس ھەسەن 19-ئىيۇل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن كاسابىلانكا ئايرودرومىدا ماراكەش دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىدرىس ھەسەننىڭ تۇنجى سوتى 12-ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك ئەيىبنامىلەرنى ماراكەش ئەدلىيە تارماقلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن سوت ئۈچ قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن بولۇپ، 27-ئۆكتەبىر كۈنى ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتى قايتا ئېچىلىدىكەن.