كومپيۇتېر ئىنژېنېرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىدرىس ھەسەن 19-ئىيۇل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن كاسابىلانكا ئايرودرومىدا ماراكەش دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئىدرىس ھەسەننىڭ تۇنجى سوتى 12-ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتى ماراكەش ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن 5-قىتىم كېچىكتۈرۈلگەن.
«بىخەتەرلىكنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالدىنقى قېتىم 27-ئۆكتەبىر كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەن ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتى، ماراكەش ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن يەنە 24-نويابىر كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەن.

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتى مىلاد كاندىل ئەپەندى ئىدرىس ھەسەن ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ، باش تەپتىشنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سوتقا بىر قىسىم ھۆججەتلەرنى بېرىش ئۈچۈن ئىدرىس ھەسەن دېلوسىنىڭ قايتىدىن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتنىڭ مەسئۇلى، دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ماراكەشنىڭ ئىدرىس ھەسەننى تۇتۇپ تۇرۇشىنىڭ تامامەن ماراكەش بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنىي كېلىشىمنامىلەر بويىچە بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ماراكەش دائىرىلىرىدىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنامە بويىچە ئىدرىس ھەسەننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىنتېرپول (خەلئارا ساقچى) ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى ‹قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى› نى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن بۇيانقى قانۇنىي جەرياننىڭ ھەممىسى تامامەن سىياسىي مەسىلە. ھېچقانداق جىنايەت بىلەن ئالاقىسى يوق. ماراكەش دائىرىلىرى ئىدرىس ھەسەننى قولىدا ھېچقانداق ئىسپات بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.»
ئىدرىس ھەسەن ئۈچ ئايدىن بۇيان ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئىدرىس ھەسەننىڭ ئۈچ بالىسى ۋە ئايالى نۆۋەتتە تۈركىيەدە بولۇپ، ئىدرىس ھەسەننىڭ ئائىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىللىرى ماراكەش دائىرىلىرىدىن ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۈچ كۈندىن بۇيان ماراكەشنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكتە. بۇزەينۇر خانىمنىڭ يولدىشى ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ يازغان ئىلتىماسى ماراكەش كونسۇلخانا خادىملىرى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنمىغان.
ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇرە خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ماراكەش ھۆكۈمىتىدىن يولدىشىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، بۇ خىل نامايىش پائالىيىتىنى ئىدرىس ھەسەن قۇيۇپ بېرىلگۈچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ماراكەشنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا ۋە ئەلچىخانىسىغا قايتا-قايتا تېلېفۇن قىلغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفۇنىمىز ئېلىنمىدى.
ئۈچ كۈندىن بۇيان مەزكۇر نامايىشقا ئىزچىل قاتنىشىپ كەلگەن پىداكارلاردىن ئىبراھىم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، نامايىش ھەققىدىكى كۆڭۈل سۆزلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە سۈيئىستىمال قىلىپ كەلمەكتىكەن. ئىدرىس ھەسەننىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرىقى» دا ئىسمى بولغانلىقى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقى مەلۇم. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقى ئەمەلدىن قالغان بولسىمۇ، ئەمما ماراكەش سوت مەھكىمىسى ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى سوتنى داۋاملىق كېچىكتۈرۈپ كەلمەكتە.