ماراكەش سوتى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش توغرىلىق قارار چىقارغان

0:00 / 0:00

بۇ يىل 19-ئىيۇل كۈنى كومپيۇتېر ئىنژېنېرى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىدرىس ھەسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن ماراكەش دۆلەت خەۋىپسىزلىكى خادىملىرى تەرىپىدىن كاسابىلانكا ئايرودرومىدا قولغا ئېلىنغان ئىدى.

ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتى ماراكەش ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن 5 قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن بولۇپ، بۈگۈن، يەنى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ماراكەش سوت مەھكىمىسى ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك ئاخىرىقى قارارىنى ئىلان قىلغان.

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئەھۋالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىخەتەرلىكنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى رەسمى ھېسابلىرىدا، ماراكەش ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئىدرىس ھەسەن ماراكەشكە مېڭىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىم. 2021-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.
ئىدرىس ھەسەن ماراكەشكە مېڭىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىم. 2021-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.

بۈگۈن بىخەتەرلىكنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاپ بېرىپ، ماراكەش سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىدرىس ھەسەن ھەققىدىكى يازمىچە قارارىنى تېخىچە تاپشۇرىۋالمىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ماراكەش سوتىنىڭ ئىدرىسنى نېمە سەۋەپتىن خىتايغا قايتۇرۋېتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلەلمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۋىتىلگەن تەغدىردە قىيىن-قىستاققا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ماراكەش سوتىنىڭ قاراردىن كىيىن، «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى»، يەنى «ئايپەك» ( IPAC) ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىللىرىدىكى رەسمىي ھېسابىدا ئىدرىس ھەسەن خىتايغا قايتۇرۋىتىلگەن تەغدىردە ئېغىر-قىيىن قىستاققا ئۇچراش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئېيتقان. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ماراكەش ھۆكۈمىتىنى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان.

بىز ماراكەش سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى قارارى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتى مىلاد كاندىل ئەپەندى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. ئادۋوكات مىلاد كاندىل ئەپەندى ماراكەش سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن سوت مەھكىمىسى ئىدرىس ھەسەن ئەپەندىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى قارار قىلدى. سوتنىڭ قارارىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئەھۋالنى خەلقئارا تەن جازاسىغا تۇرۇش كومىتېتىغا مەلۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئىدرىس ھەسەننى چېگرادىن قوغلاپ چىقارماسلىق ھەققىدە ماراكەشكە تەكلىپ بېرىشكە چاقىرغىلى بولىدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، ماراكەش ئەدلىيە سىستېمىسى بويىچە بولغاندا، ئىدرىس ھەسەن ماراكەش سوت مەھكىمىسىنىڭ مەزكۇر قارارىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنالمايدىكەن. نۆۋەتتە ئىدرىس ھەسەن دېلوسىدا ماراكەش دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنىي يول ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىدرىس ھەسەننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خەلقارالىق ئورگانلارنىڭ ئىدرىس ھەسەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ماراكەش ھۆكىمىتىگە بېسىم قىلىشى زۆرۈر ئىكەن.

بىخەتەرلىكنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى لاۋرا ھارىف خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ماراكەش سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىدرىس ھەسەن ھەققىدىكى قارارىنىڭ سەۋەبىنى ماراكەش بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. ماراكەشنىڭ ئەدلىيە سىستىمىسى بويىچە بولغاندا، قانۇنىي جەھەتتىن قىلىدىغان باشقا ئىش قالمىدى. سوت مەھكىمىسىنىڭ يازما قارارى چىققاندىن كىيىن، قارار دۆلەت باشلىقىغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. دۆلەت باشلىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇش قارارى ئەمەلىيلىشىدۇ. شۇڭا بىز بۇ قارارنى ئاڭلىغان ھامان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىغا نارازىلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. ماراكەش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ قارارى ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىنمۇ ئىجارە قىلىنىشى كېرەك.»

لاۋرا خانىم يەنە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنى ماراكەش ھۆكۈمىتىگە ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ماراكەش ئەلچىخانىلىرىغا جىددىي خەت يىزىپ، نارازلىقىنى بىلدۈرىشكە چاقىرىق قىلدى.

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ماراكەش ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ بۇ قارارىدىن ئىنتايىن نارازى ئىكەنلىكىنى، ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئەھۋالدا بىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىدىن قاتتىق چۆچىگەنلىكىنى، ئىدرىس ھەسەننىڭ تۇتۇلىشىدا جاۋابكارلىقى بولغان ئىنتېرپولنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، ئۆزىنىڭ يولدىشىنىڭ داۋاسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ھەرگىز توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ئىيتتى. بۇزەينۇر خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا ئورگانلارنى يولدىشى ئىدرىس ھەسەننىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ خەلقئارا ئورگانلارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى كۆلەملەشتۈرىۋاتقانلىقى ۋە ئۆز جىنايەتلىرىنى يېپىشقا ئۇرىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ماراكەش سوتىنىڭ ئىدرىس ھەسەن ھەققىدىكى قارارى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى خەلقئارا ئورگانلار ۋە سىياسىي كېلىشىمنامىلەر ئارقىلىق كۆلەملەشتۈرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارالماقتا.