12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىدرېس ھەسەننىڭ ئايالى ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن 200 ئەتراپىدا كىشى ماراكەشنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسى ئالدىغا جەم بولۇپ، ئىدرېس ھەسەننىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ۋە خىتايغا قايتۇرۇلماسىلىقىنى تەلەپ قىلىپ، نامايىش ئېلىپ باردى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە ئىدرىس ھەسەننىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا ماراكەشنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسى ئالدىغا جەم بولدى. ئۇلار «ئىدرىس ھەسەنگە ئەركىنلىك!»، «ئىدرېس ھەسەننى قۇتقۇزايلى!» دېگەندەك شۇئارلار توۋلىدى.

نامايىش جەرىيانىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دوكتۇر بۇرھان ئۇلۇغيول، جەۋلان شىرمۇھەممەد ۋە ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم قاتارلىقلار ماراكەش ھۆكۈمىتىگە خىتاپ قىلىپ، سۆز قىلدى. ئۇلار ئىدرىس ھەسەننىڭ ھېچقانداق جىنايىتىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇنى قويۇپ بېرىشنى، خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.
ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا خىتاپ قىلىپ، يولدىشى ئىدرېس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ يولدىشىم ئىدرىس ھەسەن ماراكەشتە تۇتقۇن قىلىندى، يولدىشىمنىڭ ھېچقانداق بىر جىنايىتى يوق. ئۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق خىزمەت قىلىپ كەلگەن كومپىيوتېر ئىنژېنېرى. خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى يولدىشىم توغرىلىق چىقارغان قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرىقىنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ماراكاش ھۆكۈمىتى ئۇنى قويۇپ بەرمەستىن خىتايغا قايتۇرۇش قارارىنى ئالدى. مەن سىزدىن يولدىشىمىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن. سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. يولدىشىمنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىنى تەلەپ قىلىمەن!»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتۇر بۇرھان ئۇلۇغيول ئەپەندى، بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇش مەخسىتى ۋە جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش ئاخىرىدا ماراكەشنىڭ كونسولخانا خادىملىرى ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم ۋە دوكتۇر بۇرھان ئۇلۇغيولنى قوبۇل قىلىپ، ئايرىم ئۇچراشقان. ئۇچرىشىشتا بۇزەينۇر خانىم يولدىشىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىلتىماسنى كونسۇلخانا خادىمىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
دوكتۇر بۇرھان ئۇلۇغيول، كونسۇلخانا خادىملىرىغا ئىدرىس ھەسەن توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، ئەگەر ئۇ خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە ئۆلۈم جازاسىغا ۋە ياكى جازا لاگېرلىرىدا قىيىن-قىستاققا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ماراكەش كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرىغا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن.
ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشتا كونسۇلخانا خادىمى ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم يولدىشىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىدرىس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.