12-ئاينىڭ 15-كۈنى ماراكەش سوتىنىڭ ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدىكى ئاخىرىقى قارارى چىققاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك شەكىللەردە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشكە باشلىغان.
بۈگۈن، يەنى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى پايتەخت ئوسلودىكى ماراكەش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرىۋەتمەسلىكىنى، ئۇنى شەرتسىز قۇيۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
تۈركىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان كومپيۇتېر ئېنجنېرى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك پائالىيەتچىسى ئىدرىس ھەسەن بۇ يىل 19-ئىيۇل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن ماراكەش دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى تەرىپىدىن كاسابىلانكا ئايرودۇرۇمىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسى نۆۋەتتە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. يېقىندا «خىتايغا قارشى خەلقئارالىق پارلامېنت ئەزالىرى بىرلەشمىسى» بايانات ئېلان قىلىپ، ماراكەش دائىرىلىرىنى ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلغان.
نورۋېگىيەدىكى نامايىش ئوسلو ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 15دە باشلانغان بولۇپ، رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى: «بۈگۈنكىدەك جىددىي ۋاقىتلاردا ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان قېرىنداشلارنى قۇتقۇزۇش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى،» دېدى.
نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى سەمەت ئابلا، ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەمەيلەننىڭ بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئىدرىس ھەسەننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن بۈگۈن نورۋېگىيەدىن باشقا تۈركىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ماراكەش ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلگەن. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ بىر قاتار نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ ماراكەش ھۆكۈمىتىگە مەلۇم دەرىجىدە بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.