ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ماراكەش سوت مەھكىمىسىنىڭ ماراكەشتە تۇتقۇندا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە يېشىل چىراغ يېقىشىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن. تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسىغا ئارىلىشىپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەردىكى ۋاقىتلىق تەدبىر قوللىنىش مېخانىزمىنى ئىشقا سالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ماراكەش ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىش توغرىسىدىكى تەلىپىگە 6 ئاي ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك ئىكەن.
تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى 16-دېكابىر ماراكەش دائىرلىرىغا يوللىغان تەلەپنامىسىدە «ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ھەرقانداق كىشىنى قايتۇرۇلىدىغان دۆلەتتە قىيىن-قىستاققا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىغا ئائىت ‹ماھىيەتلىك ئاساسى› بولغان ھامان، ئۆز زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىش، قايتۇرۇش ياكى باشقا شەكىللەردە يۆتكەشكە ھوقۇقى ھوقۇقى يوقلۇقى» ئەسكەرتىلگەن.
تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئېيتىشىچە، ماراكەشنىڭ ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇش قارارى «شەخسكە قارىتا ھەرقانداق شەكىلدىكى باھالاش ئېلىپ بارمىغان، خەۋپنى دەڭسەپ باقمىغان ئەھۋالدا ئېلىنغان» بولۇپ، بۇ «خەلقئارا ھوقۇق ۋە مۇساپىرلار قانۇنىدىكى مۇتلەق قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىققا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش» ھېسابلىنىدىكەن. ب د ت نىڭ تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ئۆزلىرىنىڭ ۋاقىتلىق تەدبىر ئېلىش مېخانىزمىنى «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى مۇداپىئە قىلىش تەشكىلاتى» بىلەن «ئوتتۇرا-شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىشقا سالغان.
«كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى مۇداپىئە قىلىش تەشكىلاتى» نىڭ پائالىيەت ئىشلىرى دىرېكتورى لاۋرا خارتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ماراكەشنىڭ ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە بۇ كومىتېتنىڭ تەلىپىگە ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن.
لاۋرا خارت 20-دېكابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ تەلەپنى تەن قازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىغا سۇنغان. ئەلۋەتتە، بىز بۇ كومىتېتنىڭ بۇ قارارغا كېلىشىدىن بەك خۇشال بولدۇق. بۇنىڭدا ب د ت دىكى باشقا مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئەگەر ئۇ خىتايغا قايتۇرۇلسا زور خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مانا ئەمدى ماراكەش قانۇنى جەھەتتىن تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ۋاقىتلىق تەدبىرىگە ئەمەل قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. شۇڭا بىز ماراكەشنىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، سوتنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىشنى، ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ دېلو ئۈستىدىن تولۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
بۇ يىل 7-ئايدا ماراكەشنىڭ كاسابىلانكا خەلقئارا ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان ئىدرىس ھەسەن، ماراكەش سوتىدا سوتلانغان. ئۇنىڭ سوتى يېقىنقى 5 ئاي ئىچىدە 5 قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن. ئىنتېرپول يەنى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئۇنىڭغا چىقارغان قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، بىراق ماراكەش ئەرزىيەت سوتى ئۆتكەن ھەپتە ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا يېشىل چىراغ ياققان. ئەرزىيەت سوتىنىڭ قارارى ئاخىرقى ھۆكۈم بولۇپ، بۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ماراكەش سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىش يولى ئېتىلگەن.
ئىدرىس ھەسەننىڭ ماراكەش-خىتاي ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئاساسەن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش خەۋپى ۋاقىت مەسىلىسىگە ئايلانغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ دېلودىكى بىردىن بىر ئۈمىد ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مىخانىزىمىدا قالغان. ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى بۇ ئەھۋالدا ۋاقىتلىق تەدبىر قوللانغان ئىدى. «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى مۇداپىئە قىلىش تەشكىلاتى» دىكى لاۋرا خارتنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ياكى دىپلوماتىك كاپالەتلەر بۇ دۆلەتلەرنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇساپىرلار قانۇنلىرىدا ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىدىن خالى قىلمايدىكەن.
لاۋرا خارت مۇنداق دەيدۇ: «ياق، مېنىڭ ياق دېگىنىم، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا كېلىشىملەر ئۇلارنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرىدىن خالى قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە 4 نەپەر ب د ت مۇستەقىل مۇتەخەسسىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى باياناتىنى ئوقۇسىڭىزمۇ نۇ نۇقتا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا مۇتەخەسسىسلەر دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ياكى دىپلوماتىك كاپالەتلەر بۇ دۆلەتلەرنى ئۇلارنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇساپىرلار قانۇنىدا ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرىدىن، بولۇپمۇ قايتۇرماسلىق پرىنسىپلىرىدىكى مەجبۇرىيىتىدىن خالى قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن».
بىز 20-دېكابىر ماراكەشنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ۋە ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، بىراق ماراكەش ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئىنكاس كەلمىدى. بىز يەنە ئىدرىس ھەسەننىڭ ماراكەشلىك ئادۋوكاتى ئالاقىلەشتۇق. ئادۋوكات مىلود كاندىل، ماراكەشنىڭ ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-بەرمەسلىكنى تېخى قارار قىلمىغانلىقى، لېكىن مەسىلىنىڭ «مۈشكۈل» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مىلود كاندىل تەرجىماننىڭ ۋاستىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «قارا تېخى ئېلىنمىدى. بىز ب د ت نىڭ تەلىپىگە قارىتا پىكىر بىلدۈرمەيمىز. بۇنىڭغا قارىتا بىزنىڭ ھېچقانداق جاۋابىمىز يوق. لېكىن مەسىلە مۈشكۈل».
ئۇ نېمە ئۈچۈن مەسىلىنى بۇنداق مۈشكۈل، دەپ قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا «چۈنكى، بۇنىڭغا قارىتا بىزنىڭ پىكىر بىلدۈرۈشىمىز ياكى جاۋاب بېرىشىمىز مۈشكۈل. يەنى بىز قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز» دەپ كۆرسەتتى.
نۆۋەتتە، ماراكەشنىڭ ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە قاچان ۋە قانداق قاۋاپ بېرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى مۇداپىئە قىلىش تەشكىلاتى» دىكى لاۋرا خارتنىڭ ئېيتىشىچە، ماراكەش ب د ت غا 6 ئاي ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ، ئىدرىس ھەسەننىڭ شۇنىڭغا قەدەر داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
لاۋرا خارت مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار(ماراكەشنىڭ) 6 ئاي ئىچىدە جاۋاب بېرىشىنى كۈتىدۇ. چۈنكى، ھازىر تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى تولۇق باھالاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. كومىتېت ئۇنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ بەزى جىددىي سوئاللىرىنى ئەۋەتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشى ئۈچۈن 6 ئاي ۋاقتى بار. بۇ 6 ئاي ئىچىدە كومىتېت بىر قارارغا كەلگۈچە ئىدرىس ۋە باشقا كىشىلەر داۋاملىق تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ. بىراق ھازىردىن تارتىپ بىز ھەل قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە، ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدىن ساقلاشتۇر».
ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىنىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاپ، خەلقئارالىق بىر دېلوغا ئايلانغان. ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتى بەزى غەرب ھۆكۈمەتلىرى. پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 20-دېكابىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ماراكەشنىڭ ئىدرىس ھەسەننى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. باياناتتا، «ماراكەش ھۆكۈمىتى بۇ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنىڭ سىياسىي مۇددىئاسىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدۇ. ئەگەر ئىدرىس ھەسەن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، جازالاشقا ئۇچرىسا، بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دېيىلگەن.