ئەرەب دۇنياسىدا ئىدرىس ھەسەننى قوتقۇزۈش چاقىرىقلىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان
2021.12.27

ئەرەب دۇنياسىدا ئىدرىس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا ئاۋازلار كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان.
ماراكەش كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يېقىندا ماراكەش ھۆكۈمىتىنى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىرىق قىلغان.
ماراكەش مەملىكەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، ماراكەش سوتىنىڭ ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇش قارارىغا قارشى يېزىق شەكىلدە بايانات ئېلان قىلغان. ماراكەش مەملىكەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئامىنە بۇئاياش، ماراكەشنىڭ ب د ت نىڭ قىيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقرىق قىلغان.
يەنە بىر تەرەپتىن يېقىندىن بۇيان ماراكەشلىك ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ئىدرىس ھەسەننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرىمىز» ناملىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ پائالىيىتى قوزغاپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
ماراكەش ئۆلىمالار بىرلىكىمۇ ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقرىق قىلغان. ئۇلار چاقىرىقىدا ئىسلامىي قېرىنداشلىق ۋە مۇسۇلمانلىق جەھەتتىن، بىر مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ ئىدرىس ھەسەندەك بىر مۇسۇلماننى خىتايدەك ئاتىئېست، كوممۇنىست دۆلەتكە قايتۇرۇپ بېرىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ھەققىدە پەتۋا چىقارغان.
25-دېكابىر كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «خەلقئارا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداش ۋە قوللاش جەمئىيىتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىدرىس ھەسەننى قوتقۇزۈش توغرىسىدا تور يىغىنى ئېچىلغان. تور يىغىنغا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى دوكتۇر مۇھەممەد ساغىر، ماراكەش ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن رىزۋان نافىئى، بىر قىسىم ئەرەب تەتقىقاتچىلار، پائالىيەتچىلەر ۋە ژۇرنالىستلار بولۇپ، 230 دىن ئارتۇق كىشى تور ئارقىلىق قاتناشقان.
تارىخچى، يازغۇچى مۇھەممەد ئىلھامىي تور يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «شەرقىي تۈركىستانلىق ئىدرىس ھەسەن ئەرەب دىيارىدىن، ئوتتۇرا-شەرق ۋە ماراكەشتىن بەك يىراق بىر يەردىن كەلگەن بىرى بولسىمۇ، بىز ئۇنى ياخشى كۆرىمىز. بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆكۈنىمىز ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنى تەلەپ قىلىمىز، چۈنكى بىز دىنى قېرىنداش ۋە بىر ئۈممەتنىڭ ئەزالىرىمىز.»
ماراكەش ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزالىرىدىن رىزۋان بىن نافىئى ئەلمەككى مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە كىلىپ پاناھلانغان بىر مۇسۇلماننى خىتايغا قايتۇرۋېتىش ھەقىقەتەنمۇ بىزنى چوڭقۇر قايغۇغا سالىدۇ. خۇسۇسەن ئۇ كىشى دۆلىتىمىزگە ۋىزا بىلەن كىردى. بىر كىشىگە ۋىزا بېرىش شۇ دۆلەت تەرەپتىن ئۇ كىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغانلىق بولىدۇ. بىراق ماراكەش ھۆكۈمىتى ئۇ كىشى (ئىدرىس ھەسەن) نى تۇتقۇن قىلدى. كېيىن خىتايغا قايتۇرۇش قارارىنى چىقاردى. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلمىشى ماراكەشنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى بۇزۇشقا ئورۇنغانلىق ھېسابلىنىدۇ. بىز ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خاتالىقنى تونۇپ، ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇش قاراردىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ھۆكۈمەت بۇ دېلودىكى خاتالىقىدا ھېچ بىر شەكىلدە ئۆزىنى ئاقلىيالمايدۇ.»
«خەلقئارا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداش ۋە قوللاش جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى مۇھەممەد ساغىر مۇنداق دېگەن: «بۇ مەسىلە مۇسۇلمان بىر كىشىنىڭ قانۇنلۇق ۋىزا بىلەن ماراكەشكە كىرگەنلىكىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ۋىزا بەرگەنلىك قانۇنىي جەھەتتىن ماراكەشكە كىرگەن كىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈستىگە ئالغانلىق بولىدۇ. بىز ماراكەش پادىشاھىنى ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھىمايسى ئاستىدىكى بۇ مۇسۇلمان (ئىدرىس ھەسەن) نى خىتايغا قايتۇرۋەتمەسلىكنى ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشنى تەلەپ قىلىمىز.»
ئەنگىلىيەدە ياشايدىغان ئەرەب يازغۇچى پروفېسسۇر ئەخمەت بىن راشىد بىن سەئىد، خەلق ئاممىسىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ماراكەش ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىدىغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ماراكەش ھۆكۈمىتىدىن قېرىندىشىمىز ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلىمىز. ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرماسلىقى توغرىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارساق، بۇ پائالىيەت ئاۋام خەلق تەرىپىدىن ھۆكۈمەتكە بېسىم پەيدا قىلىدۇ. بىز بۇ پائالىيەتنى مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاش بىلەن بىرگە، پائالىيەت ئۈچۈن كېتەرلىك ماددىي چىقىملارنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز.»
ئادۋوكات دوكتۇر بەسسام سەھيونى، ماراكەش دۆلىتىنىڭ قانۇنىدا دىنى ۋە ياكى سىياسىي مەسىلىگە چېتىشلىق كىشىلەرنى قايتۇرۋېتىشنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېگەن: «مەن ماراكەش دۆلىتىنىڭ قانۇنلىرى توغرىلىق ئىزدەندىم. دۆلەتلەر ئارىسدىكى كېلىشىملەردە ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى› مەۋجۇت، بىراق جىنايەتچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە ئەگەر ئۇ تېرورلۇق مەسىلىسىگە چېتىشلىق بولسا بۇ ئايرىم مەسىلە. ھالبۇكى، ماراكەش ئاساسىي قانۇنىنىڭ 721-ماددىسىغا ئاساسەن دىنىي ۋە ياكى سىياسىي مەسىلىسىگە چېتىشلىق كىشىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش ماراكەشنىڭ قانۇنىغا خىلاپتۇر. بىز بۇ قانۇننى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئىدرىس ھەسەننى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشىلتىشىمىز كېرەك.»
بۇ تور يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قوللاپ ئىدرىس ھەسەنگە كۆڭۈل بۆلگەن پۈتكۈل ئەرەب مۇسۇلمانلارغا ئۆز تەشەككۈرىنى بىلدۈرگەن.
ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالىمۇ سۆز قىلىپ، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئىدرىس ھەسەننىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن پۈتكۈل ئىنسانلارغا تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئۆتكەن ھەپتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلسا، قىيىن-قىستاققا ئۇچراش تەھدىتىگە دۈچ كېلىدىغانلىقى ئېنىق بولغان ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە چاقىرىق قىلغان ئىدى.
ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم ئۈچ پەرزەنتى بىلەن ئىككى ھەپتىن بۇيان ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىستانبۇلدىكى ماراكەش كونسولخانىسى ئالدىغا چىقىپ يولدىشىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كونسولخانا خادىملىرى بۇ مەسىلىدە جاۋاب بېرىشتىن باش تارتىپ كەلمەكتىكەن.
بىز ئىدرىس ھەسەن توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى ماراكاش كونسولخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلار تېلېفوننى ئالمىدى.
ئىدرىس ھەسەن 2012-يىلىدىن بۇيان ئائىلىسى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 19-ئىيۇل كۈنى ماراكەشكە بارغاندا، ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن كاسابىلانكا ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر ئىدرىس ھەسەن خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇنىڭ قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئۇچرايدىغانلىقى، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىدەك ئېھتىماللىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماراكەش دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.