ئىفتىخار ئ‍ارسالان بىلەن سۆھبەت: «ئۇيغۇرلار ھازىر يالغۇز ئەمەس!»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا خەلقئارا دىپلوماتىيە ساھەسىدە بارلىققا كېلىۋاتقان قارىمۇ-قارشىلىقلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنى ھېمايە قىلىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇملىرىنى ئەيىبلەش چۇقانلىرى بىلەن كەڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ، جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوخشىمىغان خەلقئارالىق سورۇنلاردا ئاشكارا ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىشىدا ئەكس ئېتىشكە باشلىدى.

ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ خىلدىكى «زۇلۇمنى ھېمايە قىلىشى» ھەر ساھەنىڭ كەسكىن تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، قانۇن پەنلىرى دوكتۇرى ئىفتىخار ئارسالان ئەنە شۇ خىل تەنقىدچىلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. خەلقئارا سىياسەت، ئىسلام ۋەھىمىسى، دىنىي توقۇنۇشلار قاتارلىق تېمىلار بويىچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئاخبارات ساھەسىگە بەرگەن زىيارەتلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىفتىخار يېقىنقى مەخسۇس سۆھبىتىمىزدە بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرگە يوشۇرۇنغان بىر قىسىم ئامىللار ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى.

ئىفتىخار ئارسالاننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئۈستۈنلۈكىنى كوزىر قىلىپ تۇرۇپ، دۇنيا مىقياسىدا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشىنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى ئىسلام دۇنياسىغا تەدبىقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. بۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتايغا زور ھاجىتى چۈشكەنلىكتەك رېئاللىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇملىرىنى «كۆرۈنمەس» قىلىپ قويماقتا ئىكەن.

«مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا بولغان ئېھتىياجى ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتايغا بولغان ئ‍ېھتىياجىدەك زور ئەمەس. يەنە كېلىپ ھازىر خىتاي تېخى دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قۇدرەت ساھىبى بولغان ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى بولغىنى يوق. ئۇ پەقەت ھازىرقى زاماندىكى قۇدرەتلىك بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، خالاس. خىتايدا ئ‍ەنە شۇ خىلدىكى ‹دەسمايە› بولغانىكەن، ئۇنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تەسىر كۈچىنى سېتىۋالالىشى تامامەن مۈمكىن. مەسىلەن، ئالىدىغان بولساق، ئافرىقانىڭ ئۆزىدە خىتاينىڭ تەسىرى ھازىر خېلى بىر يەرگە باردى. ئافرىقا دۆلەتلىرىگە مەنسۇپ ئون نەچچە خەلقئارالىق ئايرودروم ئەمەىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپ بولدى. خىتاينىڭ ھازىرقى تەسىر كۈچىنىڭ كېڭىيىشى پەقەت پۇلنىڭ كۈچىدىنلا بولۇۋاتقان ئىشلار. بۇنى ھەرگىزمۇ ئامېرىكانىڭ تەسىرى دۇنيا مىقياسىدا بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقتەك رېئاللىق بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا خىتاي ھازىر پۇلنى توپىدەك سورۇپ پاكىستان باش مىنىسىتىرىنى، تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرىنى، شۇنداقلا ئامېرىكالىق مۇخبىر جامال قوشۇقچىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن باش جىنايەتچى مۇھەممەد بىن سالمان دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالدى. بۇنداق ئەھۋالدا مىليونلارچە مۇسۇلمان لاگېرلارغا قامىلىپ، ئېتنىك تازىلاشقا، شۇنىڭدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مەھكۇم بولۇۋاتقاندا بۇ ئىسلام دۆلەتلىرى تەبىئىي ھالدا بىر كۆزىنى قىسىۋالىدۇ.»

ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىش مەسىلىسىدە ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرى رەھبەرلىرىگە بىر قىسىم ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ «ئاساسىي ئامىل بولغان ئۆز خەلقىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربانلىق قىلىنىشى ساقلانغىلى بولمايدىغان رېئاللىق» دېگەندەك مەنىدە پەتىۋالارنى بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىفتىخار ئارسالان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ راست-يالغان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئىسلام دىنىدىكى ھېچقانداق ئەھكامنىڭ بۇنداق ھۆكۈمگە ئاساس بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرقى رېئاللىقتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇنىڭدىكى «سىياسىي ھېساۋات» نىڭ ئاساسىي ئامىل ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

«دۇنيادا 57 ئىسلام دۆلىتى بولسىمۇ ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان بىرەرسىمۇ بۇ رېئاللىقنى تىلغا ئېلىپ باقمىدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىمۇ بۇ ھەقتە بىرەر ئەمەلىي خىزمەت ئوتتۇرىغا چىقمىدى. شۇڭا بۇ پۈتۈنلەي سىياسىي ھېساۋات ئاساسىدىكى سودا. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك پۈتۈن دۇنيا تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ بالايى-ئاپەتلىرىدىن ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتە 3-دۇنيا ئەللىرىگە مەنسۇپ بولغان بۇ ئىسلام دۆلەتلىرى ياكى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئوتتۇراھال سەۋىيىدىكى مەملىكەتلەر بولسۇن بىردەك ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى قەتئى ‹كۆرمەس› بولۇۋالىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدا ئۆلىمالارنىڭ رولى ئۇنچە چوڭ ئەمەس. چۈنكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن غەزەبنى تاللاش مەۋجۇت ئەمەس. ئۇنىڭ ئەقىدىسى قەيەردە زۇلۇم بولسا شۇنى ئەيىبلەشكە مەركەزلىشىشى لازىم. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قىيىن ئىشمۇ ئەمەس. چۈنكى ئىسلامدا ئاللاھنى سۆيۈش بىلەن قوشنىسىنى قەدىرلەش بىر قاتاردا تەكىتلىنىدىغان ئىشلارغا مەنسۇپ. بۇنداق بولغاندا زۇلۇم قىلغۇچى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ئەيىبلەش زۆرۈر. ئەمدى بۇ زۇلۇمنى قىلىۋاتقانلار زامانىمىزدىكى پۇل تاپقان دۆلەتلەردىن خىتاي بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىندىن تاندۇرماقچى بولۇشى، چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىشى، خىتاي ئەرلىرىنى ھېمايىسىز ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەينى ۋاقىتتا بوسنىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ئىدى. ئەمدى بىزنىڭ دەۋرىمىزدە مۇشۇنداق زۇلۇملار بولۇۋاتقاندا بۇ زۇلۇمنىڭ قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بىزنىڭ ئاشۇ كىشىلەر بىلەن قېرىنداش بولۇش سۈپىتىدە سۆز قىلىشىمىز بەكمۇ مۇھىم.»

ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشى ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئالاھىدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئوتتۇرا شەرق دۇنياسىدىكى «ئامېرىكا دۈشمەنلىكى» چۈشەنچىسى تەبىئىي ھالدا بۇ مەسىلىگە باغلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇنداقلا بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى غەرپ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باياناتلىرىنى «ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار جامائىتىنى پارچىلاش سۈيىقەستى» دەپ كۆرستكەنلىكىمۇ بۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىزدە يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىفتىخار ئارسالان نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاللىقاچان كۆپلىگەن ساھەگە تونۇش مەسىلىگە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنى ھېمايە قىلىش سېپىگە قوشۇلۇۋاتقانلارنىڭ سانىمۇ ماس ھالدا ئېشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«كەڭ مەنىدىكى ئىسلام دۇنياسىدا كۆزگە سىغمىغان ھەممىلا ئىشنى مۇشۇ خىلدىكى ‹سىياسىي ئارتىستلار› غا ۋە ئۇلار ئۇيۇشتۇرغان سۈيىقەستكە باغلاپ قويىدىغان ئەھۋال ھەقىقەتەن مەۋجۇت. ئەمما ھازىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ مەنبەسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان زۇلۇمدا ئىكەنلىكى كۆپ تەرەپلىمە يوللاردىن مەلۇم بولۇۋاتىدۇ. شۇڭىمۇ خىتايدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان ‹نايكى› قاتارلىق خەلقئارالىق توۋار ماركىلىرىنى مەنئىي قىلىش ھەركەتلىرى دۇنياغا يېيىلىۋاتىدۇ. خەلقئارانىڭ مۇشۇ خىلدىكى تۈرلۈك بېسىم ھەركەتلىرى ئىزچىل داۋام قىلسا ئېنىقكى بۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى بولىدۇ. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى پۇلغا تايىنىپ ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ھەمدە خەلقئارادىكى بىز دەۋاتقان خىتايغا قارشى بېسىم ھەركەتلىرىنى مەغلۇپ قىلىشنى كۆزلەۋاتىدۇ. ئەمما بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئادۋۇكاتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، ھەققانىيەت ھامان ئاشكارا بولىدۇ ۋە زۇلمەتكە قارشى ئۈستۈنلۈك قازىنىدۇ. بۇ-قانۇنىيەت. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا ھازىر ئۇيغۇرلار دۇنيا مىقياسىدا يالغۇز ئەمەس. مەن ياكى ماڭا ئوخشىغان كىشىلەرلا ئەمەس، باشقا نۇرغۇن كىشىلەرمۇ ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلار يالغۇز سۆزلەپ قويۇش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئاخىرقى مەنزىلگە يەتكۈچە داۋام قىلىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نۆۋەتتە ئىسلام دۇنياسىدا دەسلەپكى قەدەمدە تونۇلىۋاتقان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.