خىتاي تاراتقۇلىرىدىن بىڭتۇەن تورى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورى 25-فېۋرال خەۋەر بېرىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 22-كۈنى «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قانۇنىي ۋەكىللىرىنىڭ تىزىملاش كىنىشكىسى ۋە تامغىسىنى بىكار قىلىش ئۇقتۇرۇشى» نى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
بىكار قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان تىزىملىكتە 160 ئورۇننىڭ ئىسمى بار بولۇپ، بۇلاردىن «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتى»، «دولان دېھقان رەسساملار جەمئىيىتى»، «ئاتلان كەسپىي مەكتىپى»، «ئىنتىل تىل مەكتىپى»، «مىراج كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى دىققەت قوزغىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تەھلىلچىلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان جەمئىيەتلەر ۋە چەتئەل تىلى كەسپىي مەكتەپلىرىنىڭ قانۇنىي تىزىملاش گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى بىكار قىلىشى، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى›نىڭ ئەڭ روشەن ئىسپاتى» دەپ تەرىپلىدى.
تىزىملىكتە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان، «ئاتلان كەسپىي مەكتىپى» نىڭ قۇرغۇچىسى قاسىمجان ئابدۇرېھىم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەر بۇ تىزىملىكنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرىلا، ئۇ 2006-يىلى تىزىملىككە ئالدۇرغان «ئاتلان تىل مەكتىپى» ۋە 2013-يىلى تىزىملىككە ئالدۇرغان «ئاتلان كەسپىي مەكتىپى» نىڭ ئۇ 2017-يىلى ئائىلىسىنى ئېلىپ ئامېرىكىغا كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، دائىرىلەر تەرىپىدىن «مەكتەپنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى قايتىپ كەلمىدى» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن نورمال ئوقۇتۇشتىن توختىتىلغانلىقىنى، بۇ قېتىم تىزىملىككە ئېلان قىلىنىشى پەقەت رەسمىيەت يۈزىسىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
قاسىمجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى «چەتئەل تىلى»، «كومپيۇتېر كەسپىي بىلىملىرى» دە كۆپ تەرەپلىمە تەربىيەلىگەن «ئاتلان مەكتىپى» نىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە تارماقلىرى بار بولۇپ، 2006-يىلدىن 2017-يىلغىچە بۇ مەكتەپتە تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار سانى 100 مىڭدىن ئاشقانىكەن.
قاسىمجان ئابدۇرېھىم ئەپەندى يەنە، تىزىملىكتە ئىسمى ئېلىنغان ئىجتىمائىي جەمئىيەت، تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تىزىملىكتىكى ئىسمى ئېلان قىلىنغان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتى» مۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى يېقىنقى يىللاردا ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئۇيغۇر مۇقام-مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان سەنئەت ئۆمەكلىرىدىن بىرى.
مەزكۇر ئانسامبىلدىن گوللاندىيەدىكى كامىل ئابباس ئەپەندى ۋە شىۋېتسىيەدىكى مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتى» نىڭ تاقىلىشىنى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن ئىسپاتلىرىدىن بىرى» دەپ كۆرسەتتى.
كامىل ئابباس ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئۇيغۇر 12 مۇقامى» دەك خەلقئارادا قوغدىلىۋاتقان مەدەنىيەت مىراسىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مۇقام تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى.
كامىل ئابباس ئەپەندى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدا ئۈرۈمچىدىكى «ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمىكى» دە ئىشلىگەن مەزگىلىدە مۇقامچىلىق سەنئىتى ساھەسىدىمۇ بىر مەزگىل سازەندە بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مۇقام تەرەققىياتىغا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئەمگىكى ۋە قان-تەرى سىڭگەن. ئۇ يەنە ئەينى يىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپىدە بولغان تۆمۈر داۋامەتكە ئوخشاش ئۇيغۇرلاردىن چىققان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ «ئۇيغۇر 12 مۇقامى» نىڭ رەتلىنىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندى بولسا، ئۆزىنىڭ بىر مۇزىكا ھېرىسمىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇستازى ئابدۇرېھىم ھېيتتىن ئۇيغۇر كلاسسىك مۇقاملىرىنى يېقىندىن تونۇش، ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتى» گە ئوخشاش ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكا تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تاقىۋېتىلىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن بىر زور يوقىتىش دەپ ئەيىبلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.