12-نويابىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم تارىخىي بىر كۈندۇر. بۇ كۈندە ئۇيغۇر خەلقى ئىككى قېتىم ئۆز مۇستەقىللىقىنى دۇنياغا جاكارلاپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان ئىدى. ئەنە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن 12-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن مۇھىم خاتىرە كۈنى بولۇپ قالدى.
10-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1933- ۋە 1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىن «قۇرئان-كەرىم» تىلاۋىتى، شېھىتلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە «ئىستىقلال مارشى» نى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ساكارىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، دوكتور ئاسپىرانت نۇرىددىن ئىزباسار «1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەرىيانى، يىقىلىش سەۋەبلىرى ۋە تارىخىي پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىشى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى.
ئارقىدىن 15-نويابىر سىپروس (قىبرىس) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور شەۋكەت ناسىر «1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۇستەقىللىقنى يوقىتىپ قويۇشنىڭ سەۋەبلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 86 يىللىقى، 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 75-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنى تەبرىكلەيمەن. بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدا ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلغان شېھىتلىرىمىزغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن ۋە مۇھەببەت بىلەن ئەسلەيمەن. بۇ شېھىتلىرىمىزنىڭ روھلىرى شات، ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!»
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «گەرچە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۆمرى قىسقا بولغان بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي سەھنىسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى ۋە ئارزۇسىنى دۇنياغا جاكارلىغان مۇھىم بىر سىياسىي ھادىسەدۇر. بۇ جۇمھۇرىيەتلەر بۈگۈن داۋام قىلىۋاتقان مىللىي كۈرەشلىرىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىلھام مەنبەسىدۇر ۋە مەنىۋى تايانچىدۇر. بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ يولىنى يورۇتقۇچى ۋە يول كۆرسەتكۈچى ئىنتايىن مۇھىم مەنىۋى ئوزۇقتۇر. بۇ يولدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە ئۆلچەم ۋە پرىنسىپ بولىدىغان مۇھىم بىر سىياسىي ۋەقەدۇر. مانا شۇ سەۋەبتىن بۇ ئىككى ئالاھىدە كۈننى ھەر يىلى خاتىرىلىشىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا بىلدۈرۈشىمىز، بۇ ئىككى كۈننىڭ مەنىۋى ئۈلگىسىنى ئۇلارغا سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا كەلگۈسىدىكى سىياسىي نىشان ۋە پىلان يول خەرىتىسىنى ياشلىرىمىزغا يورۇتۇپ بېرىشىمىز كېرەك. بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنى ۋە كەلگۈسىدىكى نىشانىمىز ۋە يول خەرىتىمىزنى ئۆگىنىشتە بىزگە يول كۆرسەتكۈچ كومپاس ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق.»
يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور ئاسپىرانتى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىنىڭ 1931-يىلى باشلانغانلىقىنى ۋە قۇمۇلدا باشلانغان ئىنقىلابنىڭ تەسىرى بىلەن تۇرپان، ئاقسۇ ۋە قەشقەر قاتارلىق ھەر قايسى شەھەرلەردە ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىدە 1933-يىلى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا يەنە دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەرىيانى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.
شۇ كۈنىدىكى يىغىندا يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئۇيغۇرلاردا دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت «قۇتادغۇ بىلىكتە تەڭرى تەسەۋۋۇرى» دېگەن تېمىدا، دوكتور راھىلە قەشقەرى «يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ بىلىم ھەققىدىكى نەسىھەتلىرىنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەھمىيىتى» دېگەن تېمىدا، دوكتور مەغپىرەت كامال «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇ ياشىغان دەۋر» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» تىكى دۆلەتچىلىك ئىدىيەسى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتى.
ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى ئاخىرىدا بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرغان دۆلەتلەرنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە تارىختا كەتكەن خاتالىقلارنى يەكۈنلەش ھەمدە ساۋاقلاردىن دەرس ئېلىش بىزنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى پۇختا سېلىشىمىز ئۈچۈن زور ئەھمىيىتى بار دەپ قارايمەن»، دېدى.
0:00 / 0:00