12-نويابىردا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان «ئارزۇم» رېستورانىدا 1933-يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ 86 يىللىقى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ 75 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى ھەم بىر گۇرۇپپا ياشلار ئۇيۇشتۇردى.
مەلۇمكى، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ يۈرگۈزگەن ھەر خىل سىياسىي ئىسلاھاتلىرى، بولۇپمۇ سان-ساناقسىز تەقىبلەشلىرى نەتىجىسىدە كۆپلىگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت ئەزالىرى ھەمدە مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭچى-ئوفىتسېرلىرى باشقا مەملىكەتلەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى. ئۇلار ئاساسەن قوشنا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانغا ئورۇنلاشتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ھازىر ساناقلىق كىشىلەرلا قالدى. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى ئۆتىدىغان مۇراسىمدا ئەنە شۇ شەخسلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغانىدى. بۇ قېتىمدا ئۆتكەن مۇراسىمغا مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن پەقەت بىرلا كىشى قاتناشقان بولسا، قالغان تەكلىپ قىلىنغانلار سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقىدىن كېلەلمىگەن.
بۇ يىلى 12-نويابىردا ئۆتكەن خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيەلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر بولۇپ 150 تىن ئوشۇق ئادەم قاتناشقان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زىيالىيلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، يۇرت ئاكتىپلىرى، جامائەتچىلىك ۋە ياشلار بولدى.
مۇراسىمنى ئاچقان سەيدالىم ئامۇتوف مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئىككى جۇمھۇرىيەت بايرىمىغا بېغىشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، مۇراسىمگە كەلگۈچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئاندىن ئازادلىق، مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىرى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قىسقىچە قۇرۇلۇش تارىخى» تېمىسىدا دوكلات قىلغان تىلشۇناس ئالىمە زەينەپ ئىسلاموۋا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە يىمىرىلىش تارىخى ۋە سەۋەبلىرى، مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ تەقدىرىگە توختالدى.
ئاندىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى دۇنيا ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا يۈرگۈزگەن پائالىيەتلىرى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئالدىدا تۇرغان مەقسەت ۋە ۋەزىپىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
مۇراسىمدا نۆۋەتتىكى سۆز سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى 90 ياشلىق نۇرمۇھەممەت ئاكا سادىقوفقا بېرىلگەندە مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرى ئۇنى گۈلدۈرلىگەن ئالقىشلار بىلەن قارشى ئالدى ھەم ئۇنىڭ بوينىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق لېنتا ئاستى. نۇرمۇھەممەت ئاكىنىڭ نۇتقىغا بەش مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىلغان بولسىمۇ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرىنى 20 مىنۇت مابەينىدە سۈكۈت ساقلاپ تىڭشىدى. نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئۆزىنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى، مىللىي ئارمىيەنىڭ قەھرىمانلىق يۈرۈشلىرى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ پائالىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇراسىمدا سۆزلىگەن ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، پروفېسسور ئابدۇللام سامساقوف، «ئاخبارات» ژۇرنىلىنىڭ خادىمى نائىلەم ھەمرايېۋا ۋە باشقىلار مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت» دۆلەت بايرىمى بىلەن تەبرىكلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلار بېشىغا كەلگەن زۇلۇملار ھەم ئۇلارنىڭ كېلەچەك تەقدىرى ھەققىدە قاراشلىرىنىڭ بىلدۈردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئاخبارات» ژۇرنىلىنىڭ خادىمى نائىلەم ھەمرايېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «مەن دۇنياغا كەلگەندە خىتاي باسقۇنچىلىرى بىزنىڭ جۇمھۇرىيىتىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغىنىغا بىر يىل بولغان ئىكەن. مېنىڭ دادام تۇرسۇن بەشىرى مىللىي ئارمىيەگە قاتناشقان. دادام ھەرەمباغ ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ئازاد قىلغاندىن كېيىن، بۆرتالا، ئارىشاڭ دېگەن يەرلەردە ئۇرۇشقا قاتناشقان ئىكەن.»
نائىلەم ھەمرايېۋانىڭ ئېيتىشىچە، مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى قەھرىمانلىقنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسىتىپ، سان ۋە تېخنىكا جەھەتتىن خېلى ئۈستۈنلۈككە ئىگە خىتاينىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاھالىنى روھلاندۇرغان ئىكەن.
ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىدىن ۋەكىل بولۇپ كەلگەن سەيدالىم ئامۇتوف ئەپەندى بۈگۈنكى مۇراسىم ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ بايرامدىن ناھايىتى چوڭ تەسىرات ئالدىم. بىزدە داغدۇغىلىق، كەڭ دەرىجىدە ئۆتمىسىمۇ، 150-200 ئادەم قاتناشقان بۇ مۇراسىمدا جۇمھۇرىيەت قانداق قىلىپ قۇرۇلغان ۋە قانداق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىلىق دوكلاتلارنى ئاڭلىدۇق. ئانا ۋەتىنىمىزدە خەلقىمىزنىڭ لاگېردا قىينىلىۋاتقانلىقى، ئىچكى ئورگانلىرى سېتىلىۋاتقان ئىنسانلىرىمىزنىڭ ئېغىر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىغا ناھايىتى ئېچىنىمەن. بىزگە ھازىر ئەڭ ئاساسلىقى ئۆملۈك كېرەك. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىككى-ئىككى يېرىم يىل ئىچىدە پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ داۋاسىنى، ئىچكى دۇنياسىنى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتتى. ئۆملۈكتە بولىدىغان بولساق، ۋەتىنىمىز تېز ئارىدا ئازاد بولىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن».
ئالمۇتادا ئۆتكەن مۇراسىم ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، خاتىرە پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش ئورنى بەزى سەۋەبلەر بىلەن بۈگۈن چۈشكە يېقىن بىر نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىلگەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، كۆپلىگەن ئادەملەر مۇراسىم ئورنىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن خەۋەرسىز قالغان.
0:00 / 0:00