ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

1933-1944-يىللىرى 12-نويابىردا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

11-نويابىر تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە 1933-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ناھايىتى تەسىرلىك ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلارغا ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى.

بۇ مۇراسىمنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇراسىمغا ئەنقەرە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى، «ئىيى»، يەنى ياخشى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى، فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى رەئىسى مۇھىتتىن جانۇيغۇر، ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر قاتناشتى ھەم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

يىغىن چاقىرىلغان ئەنقەرە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ نەجىپ فازىل قىساكۈرەك يىغىن زالىنىڭ ھەر تەرىپىگە تۈركىيەنىڭ بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئېسىلغان.

يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى رەئىسى مۇھىتتىن جانۇيغۇر ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا كەلگەن ھەر قايسى پارتىيە مەسئۇللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مېھمانلارغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىزنى قوللاش ئۈچۈن كەلگەن ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىغا چىڭ كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بۈگۈن ئۇيغۇر تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. تارىختا پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇرلار بۈگۈن قېيىن بىر ۋەزىيەتتە. لېكىن ئۈمىدىمىزنى يوقاتمىدۇق».

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىدا مۇنداق دېدى: «مەن شۇنى تەكىتلىمەكچىمەنكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى، تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى بۇ ھەقتە ھېچ قانداق نەرسىنى باھانە قىلالمايدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالى داۋاملاشقان مۈددەتكىچە خىتاي بىلەن دوست بولالمايمىز. خىتاي دۆلىتى بىلەن خىتايلار بىلەن تۈرك دۆلىتى ۋە تۈرك مىللىتى دوست بولالمايدۇ. مېنىڭ قېرىنداشلىرىم خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرسا، خىتاي ئۇلارنىڭ دىنىغا، ئىپپەت-نومۇسىغا چېقىلىۋاتسا، خىتاي بىلەن دوست بولساق بولمايدۇ. خىتاي تۈرك دۆلىتىنىڭ ۋە تۈركلەرنىڭ دۈشمىنىدۇر. شۇڭا ھۆكۈمىتىمىز بۇنىڭغا قاراپ خىتايغا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك».

ئارقىدىن «ئىيى» يەنى ياخشى پارتىيە پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ ئۆزىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تەكلىپ سۇنغانلىقىنى، لېكىن تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاق پارتىيە بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ، ماڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا پارلامېنتقا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغۇزدى. مەزكۇر لايىھە توغرىسىدا تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغاندا، ئاق پارتىيە بىلەن ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى بىزنى قوللىمىدى. بۇ قانداق قېرىنداشلىق، بۇ قانداق دىنداشلىق؟».

چوڭ دادىسىنىڭ قەشقەردىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا، كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى دېگەن ياخشى پارتىيە پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ چوڭ دادام قەشقەردىن ئەرەبىستانغا، ئۇ يەردىن تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن. مېنىڭمۇ تېگىم ئۇيغۇر. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىچىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ناھايىتى زور زىيان ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى سانىمىز ئانچە كۆپ ئەمەس. بىرلىشىشىمىز كېرەك. مەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا پايدىلىق بولۇشىنى تىلەيمەن».

ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئۇيغۇرشۇناس سەما بارۇتجۇ ئۆزۆندەر رىياسەتچىلىك قىلغان ئىلمىي دوكلات بېرىش يىغىنى باشلاندى. ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى تارىخچى مەمەت ئۆز ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈرك دۇنياسى»، ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئىشغالى»، سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئالىمجان بوغدا ئەپەندى بولسا «1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندى بولسا «ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا تارىخىي ھەقىقەتلەر»، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بولسا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش ئالدىدا شېڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى» تېمىلىرىدا ئىلمىي دوكلاتلىرىنى سۇندى. دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى داڭلىق دۇتار ئۇستىسى ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ «ئۇچراشقاندا»، «نوزۇگۇم» قاتارلىق ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ يىغىن ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئارقىدىن كىچىك مۇجاھىت بىلەن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى كەسپى ئوقۇغۇچىسى ئاتابەي بارىش شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.

يىغىن ئاخىرىدا مىكروفونىمىزنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان ئەنقەرەلىق ئۇيغۇرلارغا ئۇزاتتۇق. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپى ئوقۇغۇچىسى ئايشەمگۈل، بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار 20-ئەسىردە قۇرغان 2 جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا كۆپ يېڭى مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتتى.