12-نويابىر كۈنى دەنخاگ شەھىرىدىكى گوللاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىدا گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تارىختىكى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش ۋە 2022-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش مەقسىتىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر نامايىش گوللاندىيە ۋاقتى سائەت 10 باشلاندى. نامايىشقا قاتناشقۇچىلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى لەپىلدىتىپ، ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ئۇلۇغ تارىخىي كۈندە، ئۆزلىرىنىڭ ئازادلىققا بولغان ئارزۇسى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. نامايىش ناھايىتى قىزغىن داۋاملاشقان بولۇپ، نامايىشچىلار جاراڭلىق ئاۋازدا شۇئار توۋلاپ، خىتاي كونسۇلخانىسىغا پىيادە يۈرۈش قىلغان، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نەپرىتى ۋە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان خاتىرە كۈننى ئەھمىيەتلىك رەۋىشتە خاتىرىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشتا 2022-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بىز بۇ قېتىملىق نامايىش ھەققىدە گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئابلىز ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ تارىختىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ئۇيغۇرلار 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قانلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىپ، 1933-يىلى قەشقەردە ۋە 1944-يىلى غۇلجادا ئىككى قېتىم مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىىنى جاكارلىغان ئىدى.
تارىختىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى گەرچە ئىچكىي-تاشقىي كۈچلەرنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە ئۇزۇنغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ تارىخىي كۈننى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل خاتىرىلەپ، مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن قان تۆككەن قەھرىمانلارنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
ئابدۇسالام نىياز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، گوللاندىيەدە بۇ نامايىشتىن باشقا يەنە «جۇمھۇرىيەت بايرىمى» نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بىر قانچە پائالىيەتلەرمۇ ئۆتكۈزۈلىدىكەن.