ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش نورۋېگىيەدە كۆپ دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراكىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردە، بۇنىڭدىن 90 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن 79 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بۇ يىل باشقىچە قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار بولسا، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش بىلەن «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، پائالىيەتنىڭ كەيپىياتىنى ئەۋجىگە چىقاردى.

ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە تون كىيدۈرۈلدى. 2023-يىلى 11-نويابىر، ئوسلو.
ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە تون كىيدۈرۈلدى. 2023-يىلى 11-نويابىر، ئوسلو. (RFA/Ekrem)

«نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 11-نويابىر نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە نورۋېگىيەدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار قاتناشقاندىن سىرت، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، شىۋېتسىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىن تەكلىپكە بىنائەن كەلگەن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتنىشىپ، پائالىيەتنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان. پائالىيەتنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن.

ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 11-نويابىر، ئوسلو.
ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 11-نويابىر، ئوسلو. (RFA/Ekrem)

«نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ تەكلىپى بىلەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق نىڭ بىر گۇرۇپپا ۋەكىللىرىمۇ مەزكۇر پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پائالىيەتتە نۇتۇق سۆزلەپ، تارىختىكى بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيەتلىرى تىلغا ئالغان. ئۇ بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ پائالىيەتنىڭ ناھايىتى تەسىرلىك، ھاياجانلىق ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئورۇنلىشىدا مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىل. 2023-يىلى 11-نويابىر، ئوسلو.
ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئورۇنلىشىدا مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىل. 2023-يىلى 11-نويابىر، ئوسلو. (RFA/Ekrem)

ئوسلودىكى بۇ پائالىيەتكە «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى بەختىنۇر خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇمۇ بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. بەختىيار ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، پائالىيەتتە ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئورۇنلىشىدا مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىپ، پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولغان. پائالىيەت خاتىمىسىدە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىلەرگە مىللىي دەۋا يولىدا ياراتقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن تون كەيدۈرۈلگەن.

ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 11-نويابىر، ئوسلو.