قىرغىزىستاندا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

20-ئەسىردە ئۇيغۇر خەلقى مىللىي كۈرەش قىلىپ، ئىككى قېتىم ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرغانىدى. شۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت 1933-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە، 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغانىدى.

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە ئۆز ئارا ھەر خىل شەكىللەردە بۇ بايرامنى غۇرۇر ۋە ئۈمىد بىلەن خاتىرىلىگەن بولۇپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ 12-نويابىر كۈنى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان «ئالامېدىن-1» مەھەللىسىنىڭ مەدەنىيەت ئۆيىدە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمغا، 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىسى، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ئابلىمىت بەكرى ۋە ئابدۇرېشىت سەلىموفلار قاتناشتى، شۇنداقلا بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىدىن بولۇپ 300-غا يېقىن كىشى قاتناشتى. مەزكۇر پائالىيەت قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى.

ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى قىرغىزىستان دۆلەت مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى بىلەن ئېچىلىپ، ئارقىدىن ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلارغا ئاتاپ قۇران تىلاۋەت قىلىندى. رىياسەتچى ئەسقەر قاسىموف ئۇيغۇر ئەھلىنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 86-يىللىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەپ، ئاساسىي دوكلات قىلىشقا «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوفنى تەكلىپ قىلدى. ئەكبەرجان بائۇدۇنوف ئۆز دوكلاتىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مانجۇ-خىتايلارغا قارشى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۈرەش قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئاخىرى 1933-يىلى قەشقەر شەھىرىدە ۋە 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات ئوقۇدى.

مۇراسىم داۋامىدا سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئابلىمىت بەكرىيېف ئەپەندى ئۆز ئەسلىمىلىرىدىن بىر پارچىسىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ، ئۆز ئەسلىمىسىدە 1944-چى مىللىي ئارمىيە پارتىزانلىق كۈرەش باشلىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزى مىللىي ئارمىيەنىڭ ئىككىنچى پولكىدا ماناس دەرىياسىدا ئوكوپلاردا بولغانلىقلىرىنى، پوست تۇرغانلىقلىرىنى ۋە قانچىلىك قىيىنچىلىقلار بولغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن جەڭ قىلغانلىقلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى، شۇنداقلا ئابلىمىت بەكرىيېف ئەپەندى بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر ۋەزىيەتتىن قايغۇرۇپ، قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىققا چاقىردى ھەم «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنى ۋە «ئىتتىپاق» گېزىتىنى قوغداشنى تەكىتلىدى.

يىغىن داۋامىدا «ئىنسان ھوقۇقلىرىنى قوغداش» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرسۇن ئىسلام قوشۇمچە دوكلات قىلدى. ئۇ ئۆز دوكلاتىدا مىللىي ئارمىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرىگە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى.

ئىختىيارىي سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقى جامائەتچىلىكنى ۋەتەن ئازادلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا، ئويغىنىشقا ۋە ئۆزلىرىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى.

ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى يەنە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالال-ئاباد ۋە ئۆزگەن شەھەرلىرىدىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلدى. جالال-ئاباد شەھىرىدە ئەلىشىر ناسىراخۇنوفنىڭ تەشەببۇسكارلىقىدا شەھەرلىك «دوستلۇق ئۆيى» دە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ئۆزگەن شەھىرىدە بولسا، بۇ يىلى شەھەرنىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسى بىرىنچى قېتىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي كۈنلىرىگە ئائىت مەخسۇس يىغىن ئۇيۇشتۇردى.

12-چى نويابىر كۈنى يەنە قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى تەرىپىدىن جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى خاتىرىلەپ مەۋلۇت مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇلدى، شۇنداقلا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە تۇرسۇناي ئىسلام خانىم سايلاندى. مەۋلۇت مۇراسىمىنى قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ رەئىسى چەشمەم مۇختاروۋا خانىم ئاچتى. ئۇ ئۆز نۇقتىدا كۆپچىلىكنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى بىلەن تەبرىكلەپ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇرسۇناي ئىسلام خانىم بىلەن تونۇشتۇردى.

ئاياللار بىرلىكىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى ھەجەربۈۋى خانىم، رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ ئۇلۇغ كۈنلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمى بىرگە كېلىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەۋلۇت ۋە قۇرئان-تىلاۋەتلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىگە ۋە لاگېرلاردىكى ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلارغا ئاتاپ قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ رەئىسى چەشمەم مۇختاروۋا خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشىدا ئاياللار مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا ناھىيەلەردىمۇ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە ھەر خىل يىغىن-مۇراسىملىرىغا كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ كېلىپ قاتنىشىۋاتقانلىقى، بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە ئالاھىدە دىققەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.