ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى تۈركىيە بۇرسا شەھەرىدىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

1933- ۋە 1944-يىللىرى 12-نويابىردا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكىگە ئوخشاش بۇرسا شەھىرىدىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

12-نويابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ شەھەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان بۇرسا شەھىرىدە 1933-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلانغان.

بۇ دوكلات بېرىش يىغىنى بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەت، بۇرسا تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. تەييارە يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت، ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى، ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ بۇرسىدىكى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 600 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتىقىنى بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان 120 ئوقۇغۇچىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئابدۇلكېرىم سۆزلىگەن. ئۇ، ئېچىلىش نۇتىقىدا ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا شۇنداقلا ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئىگە چىقىۋاتقان شەھەرلىك ھۆكۈمەت، ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرىگە، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا ۋە بۇرسا خەلقىگە رەھمەت ئېيتقان. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا پايدىلىق بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر رىياسەتچىلىك قىلغان ئىلمىي دوكلات بېرىش يىغىنىدا، ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى، ئادۋوكات ئوسمان مەستەن ئەپەندى، بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى مۇدىرى پروفېسسور مەھمەت يۈجە ئەپەندى، «يۈسۈپ يۈزلۈكلەر جەمئىيىتى» رەئىسى ۋەيسەل ئاشقىن ئەپەندىلەر دوكلات بەرگەن.

يىغىندا ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە دوكلات بەرگەن ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

بۇ يىل تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى خاتىرىلەنمەكتە. خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدە 1933-1944-يىللىرى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت ئاڭلىتىلىپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئېغىر ۋەزىيىتى شۇنداقلا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يىغىندا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدىمۇ توختالغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ يىل بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە تۈركىيەدىكى كۆپلىگەن تەشكىلاتلار ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكتە. بۇلاردىن سىرت تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن باياناتلار ئېلان قىلىپ، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ ھازىرقى بېسىم سىياسىتى ئەيىبلىمەكتە. بۇرسادىكى پائالىيەتكىمۇ كۆپ ساندا ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغان. پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان بۇرسا تۈركىيەنىڭ سانائەت شەرھى بولۇپ، بۇرۇن ئۇيغۇرلار كۆپ تونۇلمايتتى. كېيىنكى يىللاردا بۇرسادا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كۆپلەپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىشقا باشلاندى. دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى بۇ يىغىن توغرىسىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «500 كىشىلىك زال تولۇپ تاشتى. بۇ قېتىم بۇرسا خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسەلەلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى كۆردۇق. نۇرغۇن ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەتتا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتناشتى».

دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى داڭلىق دۇتار ئۇستىسى ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ «ئۇچراشقاندا»، «نۇزۇگۇم» قاتارلىق ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ يىغىن ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم پائالىيەتنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى زەھرا بۇرسادا دەۋا كېيىن باشلانغان بولسىمۇ ھازىر ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇرسادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى توغرىسىدىكى خەۋەر بۈگۈن، يەنى 13-نويابىر كۈنى «تىمەتۈرك»، «پىلوس 49»، «كون خابەر»، «مەملىكەت» ۋە «پۇسۇلا خابەر» قاتارلىق ئونغا يېقىن تور گېزىتىدا ئېلان قىلىندى.