1936-يىللىق بېرلىن يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىلەن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى ئوخشاشلىقلار

0:00 / 0:00

تارىختىكى ئەڭ چوڭ تالاش-تارتىشقا، نۇرغۇن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىغان 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى بۈگۈن يەنى، 4-فېۋرال كۈنى باشلاندى.

كۆزەتكۈچىلەر، ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭمۇ 1936-يىلىدىكى بېرلىن يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقى، ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە. بۇ يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان جىنايەتلىرى سەۋەبلىك ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا، ئاۋستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە، دانىيە، لىتۋا، ئېستونىيە، لاتۋىيە، شىۋېتسىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر دىپلوماتىك بايقۇت قىلىنغانىدى، ئەمما خىتاي يەنىلا بۇ يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلماقتا.

مۇتەخەسسىسىلەر، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى 1936-يىلى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قايتا تەكرارلىنىشى، دەپ قارىماقتا. «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇتەخەسسىسلەر «ئادولف گىتلېر ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا موھتاج بولغاندا، دۇنيانىڭ نەزەرىنى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاراتقان. نۆۋەتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانى شى جىنپىڭمۇ شۇنداق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ،» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكادىكى «دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى سېرىنا ئوبېرستېين خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشىنىڭ، يەھۇدىيلارغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ 1936-يىلىدىكى ئولىمپىكقا ساھىبخانىلىق قىلغانلىقى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئېنىقلا ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينىڭ باستۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق ئىكەنلىكنى ئېلان قىلدى ۋە بىز ھەممىمىز خىتاينىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. ناتسىستلار گېرمانىيەسى بىلەن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى سىلىشتۇرساق، بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن بىلدۇق، ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ نېمە بولىدىقىنى ئېنىق بىلىمىز. دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ چاچلىرى چۈشۈرۈلگەن، پۇت-قوللىرى كىشەنلەنگەن، كۆزلىرى تېڭىلغان ھالدا لاگېرلارغا سولانغانلىقى، سىستېمىلىق ھالدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن تارتىۋېلىنىشى، يەھۇدىي جامائىتىگە تولىمۇ تونۇشلۇق. يەھۇدىي بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش، ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، شۇنداقلا ئىنسانىي بۇرچىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.»

سېرىنا ئوبېرستېين خانىم بېيجىڭ بىلەن بېرلىننى سېلىشتۇرۇپ، 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلانغان ھىتلېرنىڭ فاشىستتىك ھاكىمىيىتىنىڭ يەھۇدىيلار توپىغا بولغان ئۆچمەنلىك مۇئامىلىسىنىڭ بارغانسېرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، ھىتلېرنىڭ فاشىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ۋە قارشى ئىنكاسلىرىنىڭمۇ ئاجىزلاپ ماڭغانلىقىنى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ 1936-يىلى بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى توسۇپ قالالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مۇتۇخەسسىلەر يەنە خىتاينى «رەزىل ھاكىمىيەت» دەپ ئاتاشنىڭ خىتاينىڭ مۇستەبىتلىكىنى تەسۋىرلەشكە يەتمەيدىغانلىقىنى، ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە ئوخشاش خىتاينى «فاشىست ھاكىمىيەت» دەپ ئاتاشىنىڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

«مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابىنىڭ ئاپتورى، رېجىم ئاستىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلغان سىياسىي ئانالىزچى جېففرېي كەين ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۆنىلىشى ‹سوتسىيالىزم› دىن بەكرەك ‹فاشىزىم› بىلەن ئوخشاش. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ‹فاشىست ھاكىمىيەت› دەپ ئاتاش لازىم.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۇنياغا بولغان خەتىرىنى كۆرمەسكە ۋە ئاڭلىماسقا سېلىۋاتىدۇ. مەن ئەڭ دىققەت قىلغان بىر نۇقتا شۇكى، بىز توغرا بولغان ھەقىقەتنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى ئەمەس، بەلكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان فاشىستتىك بىر كۈچ بىلەن ھەمكارلىشىشنى تاللاۋاتىمىز.»

جېففرېي كەين ئەپەندى ئېيتقاندەك، خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەردە، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ دۇنياغا «بىز ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۈچلەرنىڭ بىرى» دەپ سىگنال بەرمەكچى بولغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

سېرىنا ئوبېرستېين خانىم ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن سۆز ئەمەلىيلىشىشى كېرەك ئىدى. بىز يەھۇدىي جامائىتى ئارىسىدا دائىم بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن قورقۇنچلۇق تراگېدىيەنىڭ باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلمەسلىكى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە كۈچەيدىغانلىقىمزنى دېيىشىمىز. ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› سۆزى پەقەت خەشتەگلەردىلا قالسا بولمايدۇ. بىز چوقۇم ئەمەلىي بىر ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشىمىز، بۇ مەسىلىگە ھەتتا شەخس سۈپىتىمىزدە ئارىلىشىشىمىز كېرەك، مەسىلەن، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يانتاياق بولۇۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ماللىرىنى ئالماسلىقىمىز كېرەك.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللىغان شىركەتلەرنى بايقۇت قىلىش دولقۇنى خىلى بۇرۇن قوزغالغان بولسىمۇ، بىر قىسىم شىركەتلەر يەنىلا خىتاينى قوللاشنى داۋاملاشتۇرماقچتىكەن.

جېففرېي كەين ئەپەندى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىز ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە بارغان بولسىڭىز، سىزنى خىتايلار ئەلۋەتتە ياخشى تاماقلار ۋە قىزغىن مۇئامىلە بىلەن كۈتىدۇ. سىز پەقەتلا خىتاي سىزنىڭ كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن ئالدىن تەييارلاپ قويغان سەھنىلەرنىلا كۆرىسىز. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرەلمەيسىز. بۇ دەل 1936-يىلى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى. بىزنىڭ نۆۋەتتە يۈزلىنىۋاتقان ئەڭ قورقۇنۇچلۇق تىراگېدىيەمىز شۇكى، بىز تارىختىكى ئاشۇ تىراگېدىيەنى قايتا ياشاۋاتىمىز ۋە ئوخشاش خاتالىقنى قايتا ئۆتكۈزۈۋاتىمىز.»