شەكىللەنگۈسى ئىككى قۇتۇپ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ئانالىز
2022.04.19

ئانالىزچىلار رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى قۇتۇپنى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدا ئۆزگىرىش ياسايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» سەھنىسىگە ۋاقتىنچە پەردە يېپىپ قويدى. دۇنيانىڭ دىققىتى بۇ ئۇرۇش ۋە ئۇنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتىگە مەركەزلەشتى. رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبلىك پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا زور بېسىملار ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ ياۋروپالىقلار ئۆزلىرىنى يەنە بىر قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالغاندەك تەشۋىش ھېس قىلىشقا باشلىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا بىۋاسىتە قاتناشمىغان بولسىمۇ، رۇسىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇكرائىنانى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ ئۇرۇشقا ئاللىقاچان كىرىشىپ بولغاندەك ئىدى. ئۇلار مىلياردلاپ پۇل، يۈكسەك تېخنولوگىيەلىك قوراللىرىنى ئۇكرائىناغا ئۈزلۈكسىز ئەۋەتىپ، رۇسىيەنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ قىلىشقا بەل باغلىغاندەك قىلاتتى. دۇنيا گويا خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن بىرگە، پۈتۈن كۈچى بىلەن يەنە رۇسىيەگە قارشى كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر قالىدىغان بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندەك ئىدى.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ سەۋەبتىنمۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ھەر كۈنى يۈزلەرچە ماقالىلەر، مىڭلارچە خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىپ، مەزكۇر ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى مۇلاھىزە قىلىنماقتا. بۇلاردىن بىرى، گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «رايىنفالىز گېزىتى» 15-ئاپرېل ئېلان قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىيات ياردىمى: خىتاينىڭ يېڭى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش» ناملىق ماقالىدۇر. ماقالىدا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىدە دۇنيادا ئامېرىكا ۋە ياۋروپانى مەركەز قىلغان بىر قۇتۇپ بىلەن رۇسىيە ۋە خىتاينى مەركەز قىلغان يەنە بىر قۇتۇپ شەكىللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پات ئارىدا رەسمىي توقۇنۇش يۈز بېرىدىغانلىقىدىن بېشارەتلەر بېرىلگەن. «ئەينەك» ژۇرنىلى 17-ئاپرېل ئېلان قىلغان «مىللەتچىلىك بۇ دۇنيانى ئاخىرەتكە ئېلىپ بارىدۇ» ناملىق ماقالىدىمۇ ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى) نىڭ يېقىندا يىغىن چاقىرىپ ئۆز سېپىنى جىددىي رەۋىشتە كېڭەيتىشكە باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ كەلگۈسىدە شەكىللەنگۈسى ئىككى قۇتۇپنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ: «دۇنيادا پەقەت بىرلا ئۈمىد قالدى. ئۇ بولسىمۇ كۆپ قاتلاملىق خەلقئارالىق ھەمكارلىق. ياۋروپادىكى بىر ئۇرۇش ئافرىقىدا ئاچارچىلىق پەيدا قىلىدىغان، يۇقۇملۇق بىر كېسەل بىرقانچە كۈن ئىچىدىلا پۈتۈن ئالەمگە يامراپ، يىللارچە داۋام قىلىدىغان، بىر يەردىن قويۇپ بېرىلگەن بۇلغىما پۈتكۈل دېڭىزنى قاپلايدىغان بۇ دۇنيادا، دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلاشماقتىن باشقا تاللىشى يوق».
ماقالىلەردە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇشىدىكى ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ ئۇرۇش قوزغاش ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئارقا پەردىسىگە يېڭى بىر تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، بۇ ئۇرۇشنىڭ دۇنيانىڭ قۇتۇپلارغا ئايرىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاينى رۇسىيەگە، ياۋروپانى ئامېرىكاغا تېخىمۇ چىڭ باغلايدىكەن. خىتاينىڭ باشقا تاللىشى قالمايدىكەن. چۈنكى خىتاي ئامېرىكاغا دۈشمەن بولۇپلا قالماي، يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىمۇ دۈشمەنلىك نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتىكەن. ئەكسىچە ياۋروپانىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قايتىدىن كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئاقىۋەتتە دۇنيادا ئامېرىكا ۋە ياۋروپانى مەركەز قىلغان بىر قۇتۇپ بىلەن رۇسىيە ۋە خىتاينى مەركەز قىلغان يەنە بىر قۇتۇپ شەكىللىنىدىكەن. بۇ ئىككى قۇتۇپ ئارىسىدا پات ئارىدا يا ئىسسىق ياكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پارتلايدىكەن. ئەگەر راستىنىلا شۇنداق بولۇپ قالسا، بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟
تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، دۇنيادا بۇنداق ئىككى قۇتۇپ شەكىللەنگەن تەقدىردە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى دۇنيا سىياسىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە ئۇزاقلىشىشى مۇمكىن ئىكەن. مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنىڭ بايان قىلىشىچە، كەلگۈسىدە دەل شۇنداق ئىككى قۇتۇپنىڭ شەكىللىنىش ئېھتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ناتو نىڭ سېپىنى كېڭەيتىشكە جىددىي رەۋىشتە كىرىشمەكتىكەن.
بىراق، بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ كىرىمى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 20 پىرسەنتىنى، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ كىرىمى بولسا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى قۇتۇپ ئارىسىدا مەيلى ئىسسىق ياكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پارتلىسۇن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانى مەركەز قىلغان قۇتۇپ بۇ ئۇرۇشتا غالىپ كېلىدىكەن. چۈنكى ئۇلار ئىقتىسادىي جەھەتتىلا ئەمەس، ھەربىي قۇۋۋەت، يۇقىرى تېخنولوگىيە ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىمۇ رەقىبلىرىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىكەن. مۇبادا بۇ قۇتۇپ راستىنىلا رۇسىيە ۋە خىتاي ئۈستىدىن غالىپ كەلسە، ئۇرۇشنىڭ بۇ غەلىبىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟
د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان بۇ ھەقتە توختالغاندا، شۇنداق بىر غەلىبە ۋۇجۇدقا چىققان ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرىنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرى ئازادلىققا ئېرىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى خېلىدىن بۇيان غەرب قىممەت قارىشىنىڭ خىرىسقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ تەھدىتكە يولۇقۇۋاتقانلىقىنى، بۇ خىرىس ھەم تەھدىتنىڭ ئاساسلىقى خىتاي ۋە رۇسىيەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى تەرغىب قىلىپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ ئىدىيەسىدە بەلگىلىك ھازىرلىقلارنى ياراتقانىدى. خىتاي ھەم رۇسىيەگە قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تۈرلۈك ئىقتىسادىي جازالار، خىتاينى نىشان قىلغان تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنلىرىنىڭ كۈچىيىشى، پۈتۈن غەربنىڭ ئېنېرگىيە ھەم خام ئەشيادا خىتاي ۋە رۇسىيەگە يۆلىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتىشى، بەلكىم شەكىللەنگۈسى ئىككى قۇتۇپنىڭ مۇقەددىمىسىدىكى ئىشلار بولسا كېرەك.