ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياستىدىكى مۇھىم نۇقتىغا ئايلىنىپ، خىتاي ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ جازالىشىغا ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە، خىتاينىڭ 2 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارنى «بۆلگۈنچىلىك»، «تېرورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھوكۇم قىلىشى خەلقارانى تاڭ قالدۇرۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قاراتتى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 6-ئاپرىل چاقىرغان ئاخبارات يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئەدلىيە نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى شىرزات باۋۇدۇن بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇتقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. سوت يەنە ھەر ئىككىلىسىگە سىياسى ھوقۇقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قىلىش، بارلىق مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بەرگەن.
بۇ خىتاينىڭ 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇنى باشلانغان 4 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك 2 نەپەر ئۇيغۇر ئەمەلدارىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىشىدۇر. يۇقىرى سوت بۇ ھۆكۈمنى 6-ئاپرىل ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق سوتنىڭ قاچان ئېچىلغانلىقى، سوت جەريانى، ھۆكۈمنىڭ قاچان بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆلۈم جازاسى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ قانچىلىك قورقۇنچلىق ئىكەنلىكى، رايوندا سوتنىڭ قانداق سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى سوفىيە رىچاردسون 7-ئاپرىل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئادىل سوت دەيدىغان بىر نەرسىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ بەك قورقۇنچلۇق. مەن شۇنى ئېنىق ئېيتىمەنكى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ئۈزۈل-كېسىل ۋە تامامەن قارشى تۇرىدۇ. چۈنكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ تۈپ نېگىزى رەھىمسىزلىك ۋە بىنورماللىقتۇر. شۇنىڭدەك بىز يەنە شىنجاڭدىكى مۇتلەق كۆپچىلىك خەلقنىڭ ھېچقاچان، ھەتتا ئادەتتىكى دەۋالاردىمۇ ئادىل سوتلانمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىمىز.»
سوفىيە رىچاردسوننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ ئىككەيلەنگە قارشى سۇنغان دەلىل-ئىسپلاتلىرىنى ئېلان قىلىشى زۆرۈر ئىكەن. ئۇ: «13 يىل بۇرۇن نەشر قىلىنغان دەرسلىك كىتاب ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئۆمۈرلۇك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى بىر ئەسەبىيلىك. بۇنى تەسۋىرلەيدىغان بىر سۆزلۈك يوق. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇشى تولىمۇ زۆرۈر. مەن بۇ ئىككىسىنىڭ ئۆزلىرى خالىغان ئادۋوكاتنى تاللىيالىغان-تاللىيالمىغانلىقى، ئۇلارغا قارشى سۇنۇلغان دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكى ياكى ئەيىبلەشكە قارشى تۇرالىغان-تۇرالمىغانلىقىنى بىلىشنى خالايمەن،» دېدى.
يۇقىرى سوتنىڭ قارارىدا، شىرزات باۋۇدۇن پارتىيەنىڭ رەھبىرى كادىرى بولۇشتەك سالاھىيەتنى قالقان قىلىپ، «ئۇزۇن مەزگىل دۆلەتنى پارچىلاشنى پىلانلاش»، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتىگە قاتنىشىپ، خەلق ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ساتقۇنلۇق قىلىش»، «چېگرا سىرتىدىكىلەرنى قانۇنسىز ئىستاخبارات بىلەن تەمىنلەش» بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇ «ئۇزۇن مەزگىل ھالقىلىق ئورۇنغا يوشۇرنىۋالغان ‹ئىككى يۈزلىمىچى›» دەپ كۆرسىتىلگەن.
ساتتار ساۋۇت بولسا مائارىپ نازارىتىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزۈش، نەشر قىلىش خىزمىتىگە مەسۇل بولۇش جەريانىدا «يەرلىك ئالاھىدىلىك، مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆز مىللەتنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىش» نامىدا دەرسلىككە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك»، «زوراۋانلىق»، «تېرورلۇق»، «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ئىدىيەسى تەرغىپ قىلىنغان مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ، «خىتايسىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇش» بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋنىڭ ئېيتىشىچە، «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» خىتاينىڭ ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قورالى ئىكەن. لېكىن بۇ قورال بۇ قېتىم ھاكىمىيەت سىستېمىسى ئىچىدىكى كادىرلارغا ئىشلىتىلگەن. ئۇ 7-ئاپرىل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى ناھايىتى ئېنىق بولغان بىر سىياسىي جىنايەت. خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم دۆلەتنى پارچىلاش ياكى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ۋە ياكى ئۇنىڭغا قۇتراتقۇلۇق قىلىش دىگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ۋاستىلارنى ئىشلىتىلىتىدۇ. بۇ خىل ۋاستىلار بۇرۇن ئۆكتىچىلەرگە، يەنى سىياسىي مەقسىتى بولغان ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىپ كەلگەن.»
تېڭ بياۋنىڭ ئېيتىشىچە، شىرزات باۋۇدۇن، ساتتار ساۋۇت ئىلگىرى خىتاي ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ پارچىسى بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى ئەھۋالدا ئۇيغۇر بولۇشنىڭ بەدىلىنى ئۆتىگەن.
تېڭ بياۋ يەنە مۇنداق دىدى: «ئۇلار بىر تەرەپتىن كومپارتىيە تۈزۈلمىسىنىڭ ئىچىدىكى سىياسى-قانۇن كادىرى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىدە بۇ مىللەتنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇيدۇ. بۇ جەھەتتىكى توقۇنۇش ئۇلاردا ئىنتايىن كونكىرېت ئەكس ئېتىپ تۇرغان. ئۇلاردا ئازراق ۋىجدان بولسا بۇ ئىككى ئامىل ئۇلاردا چوقۇم توقۇنىشىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئىنتايىن ئازابلىق. بۇ ئەھۋالدا كومپارتىيە ئۇلارنىڭ بەزى ھەرىكىتى، پىكىرى ۋە قاراشلىرىنى ‹دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى ئارتىشنىڭ باھانىسى قىلدى.»
خىتاي ھۆكۈمىتى «تېرورلۇق»، «بۆلگۈنچىلىك» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، «ياش ئەۋلاتلارنى زەھەرلىدى» دەپ ئەيىبلىگەن ئۇيغۇر تىلى-ئەدىبىيات دەرسلىكى 2003-يىلى تۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر دەرسلىك 2016-يىلغا قەدەر رايوندىكى مەكتەپلەردە نورمال ئوقۇتۇلۇپ كېلىنگەن. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئاتاقلىق ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ ئوغلى كامالتۈرك يالقۇننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر بۇ كىتابلاردا بىرەر مەسىلە بولغان بولسا، ھەر يىلقى قاتلاممۇ-قاتلام تەكشۈرۈشلەردە ئوتتۇرىغا چىققان بولاتتىكەن.
مائارىپ نەشرىياتىنىڭ مەسئۇل تەھرىرى، ئاتاقلىق ئوبزورچى يالقۇن روزى مەزكۇر دەرسلىك كىتابىنى تۈزۈشكە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بىرى. يالقۇن روزىمۇ بۇ دەرسلىك كىتابى سەۋەبلىك 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، 15 يىللىق كېسىلگەن ئىدى. كامالتۈرك يالقۇننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق چوڭ سىياسى ھەرىكەتنى قوزغاپ، دەرسلىك كىتاب تۈزگەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىشىدىكى مەقسىتى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقۇتۇش ئىكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفىيە رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، ئۆلۈم جازاسى خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رېئاللىقىنى ئېچىپ بەرگەن. سوفىيە رىچاردسون مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ ‹شىنجاڭدىكى ھەممە كىشى خوشال-خورام ياشۋاتىدۇ› دېيىشى، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ۋىدېيولارنى ئېلان قىلىشىغا نىسبەتەن ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى بۇ ئېغىر جازا، بۇ خىل تەشۋىقاتلارنى تۈپ يىلتىزىدىن تەۋرىتىپ، سىزگە تەشۋىقات ماشىنىلىرىنىڭ رېئاللىقى بىلەن رايوندا يۈز بېرىۋاتقان رېئاللىقنى كۆرسىتىپ بەردى،» دېدى. بۇ ئىككەيلەنگە ئۆلۈم جازاسى 6-ئاپرىل ئېلان قىلىنىشنىڭ بىر قانچە كۈن ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى «تېرورلۇقنىڭ كۆلەڭگۈسى» ناملىق بىر تەشۋىقات ۋىدېيوسى تارقىتىپ، شىرزات باۋۇدۇن، ساتتار ساۋۇتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش «تېرورلۇق»، «بۆلگۈنچىلىك»، «ئاشقۇنلۇق» قا چېتىشلىق «ئىككى يۈزلىمىچى» ئەمەلدارلارنى سۆزلەتكەن.
تەشۋىقات ۋىدېيوسىدا شىرزات باۋۇدۇن ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان تېرورلۇق تەشكىلاتى» بىلەن قانداق تىل بىرىكتۈرگەنلىكى، ئۇلارغا قانداق ياردەم قىلغانلىقى، ساتتار ساۋۇت ئۇيغۇر دەرسلىك كىتاپلىرىغا ئاتالمىش «تېرورلۇق»، «بۆلگۈنچىلىك»، «ئاشقۇنلۇق» ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈپ، ياش ئەۋلاتلارنى قانداق «زەھەرلىگەن» لىكلىرىنى ئىقرار قىلغان. خىتاينىڭ CGTN تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ۋىدېيو خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ئىدى.