يېقىندىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي مىقياسىدا قوزغاۋاتقان بىر قاتار سىياسىي دولقۇنلىرى چەت ئەللەردە مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى.
بۇ ھەقتىكى ئانالىزلاردا، شى جىنپىڭنىڭ بۇ سىياسىي ھەرىكەتلىرى خىتايدا 2-قېتىملىق «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» يۈز بېرىشىنىڭ سىگنالى دەپ قارالماقتا.
ئۇنداقتا، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكىنى يادرو قىلغان بۇ سىياسىي ھەركەتلىرى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد رەھبىرى ماۋ زېدوڭ 1960-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا قوزغىغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ قايتا تەكرارلىنىشىمۇ؟
ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بەزىلەر ھازىر خىتايدا 2-قېتىملىق ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› دولقۇنى قوزغالدى دېيىشىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى 1949-يىلى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان خىتايدا بىر پارتىيەلىك مۇستەبىت ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى داۋاملىشىپ كەلدى. كومپارتىيە ئارمىيەنى، ھۆكۈمەتنى، پۈتۈن جەمئىيەتنى كونترول قىلىپ كەلدى. دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىياسەتلىرىدە مەلۇم دەرىجىدە يۇمشاش ۋەزيىتى كۆرۈلگەن، بەزى ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلغان، ئاۋامنىڭ سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكىدە مەلۇم بوشلۇق شەكىللەنگەن ئىدى. ئەمما شى جىنپىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى قىلدى. ئۇ ھازىر خىتاينى كەينىگە چېكىندۈرۈپ، ماۋ زېدوڭ دەۋرىگە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ.»
تېڭ بياۋ، گەرچە شى جىنپىڭ ماۋ زىدوڭ قوزغىغان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى ئاممىۋى ھەركەت ئۇسۇلىدىن پايدىلنىشنى كۆزلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسىىڭ ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› نىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئاممىۋى ھەركەت قوزغاش بولغان ئىدى. شى جىنپىڭ ھەقىقەتتەنمۇ ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ئاممىۋى ھەركەت قوزغاش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ئارزۇسىغا يەتمەكچى بولىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي جەمئىيىتى ھازىر تەرەققىي قىلدى، ھازىر ئاممىۋى ھەركەت قوزغىغان بىلەنمۇ، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكىدەك سىياسىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ھازىر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەھۋلىدىن قارىغاندىمۇ، خىتاينىڭ ۋەزىيىتى ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› دەۋرىدىكىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىق.»
تېڭ بياۋ شى جىنپىڭنىڭ خىتاي مىللەتچىكىنى يادرو قىلغان مىللىي سىياسەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى كونتروللۇقى ماۋزېدوڭ دەۋرىگە ئوخشاپ قالىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەرەك ۋە قىزىل تېرورلۇق تۈسىنى ئالدى دېسەك بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بۇ يەردىكى ئومۇمىييۈزلۈك كونتروللۇقىدا، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۇنى ئەسەبىيلەرچە ھىمايە قىلغان ئەھۋال زادى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ يەردىكىلەرنىڭ شى جىنپىڭغا ساداقىتىنى ئىپادىلىشىمۇ، ئەلۋەتتە ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكىدىن خېلى پەرقلىق.»
تېڭ بياۋ يەنە شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتە ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكىنى قوزغاپ، خىتاي خەلقىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە قارشى خەلق ھەركىتى قوزغاش ئارقىلىق، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتكە بولغان دىققەتنى بۇرىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە خىتايدا مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان خىتاي بايلىرىدىن ما يۈن، تونۇلغان ئارتىست جاۋ ۋېي، فەن بىڭبىڭ قاتارلىقلارنى غەرپ دۆلەتلىرىگە باغلاپ قارىلاش ھەركەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتىكەن. تېڭ بياۋنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىگە قارشى چىققان تەسىرى بار شەخسلەرنى يوقىتىش، بۇ ئارقىلىق باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئىكەن.
خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» بىلەن شى جىنپىڭ قوزغىغان سىياسىي ھەركەتلەر ئوتتۇرسىدا قانداق ئوخشاشلىقلىقلار ۋە پەرقلەرنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى.
خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ مەقسىتى ماۋغا ئوخشاشلا شەخسنى پۈتۈن دۆلەت ۋە خەلقىنىڭ ئۈستىگە قويغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتى چەكلىمىسىز ھوقۇققا ئىگە بولۇشتۇر. ئۇ پارتىيە ئىچىدىكى مەسلەكداشلىرىدىن تارتىپ، ئاددىي پۇقرالارغىچە ئومۇمىييۈزلۈك كونترول قىلىش مەقسىتىگە يېتىشنى ئويلايدۇ. شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈنكى بۇ قىلمىشلىرى ئەينى يىللاردىكى ماۋزېدوڭنىڭ قىلمىشلىرى بىلەن تامامەن ئوخشاش. ئاتالمىش ‹شى جىنپىڭ ئىدىيەسى› پارتىيە نىزامنامىسىغا ۋە ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلدى. ھازىر ئۇ ‹شى جىڭپىڭ ئىدىيەسى› دېگەن نام بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشلاپ پۈتۈن دۆلەت خەلقىگە سىڭدۈرۈلمەكچى. مانا بۇنى شەخسكە چوقۇنۇشنىڭ يۇقۇرى پەللىسى دېسەك بولىدۇ.»
خۇپىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ ئىككى سىياسىي ھەرىكەتنىڭ پەرقلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. ماۋ زېدوڭ ھەركەت قوزغىغاندا خەلق، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر ئۇنىڭغا ئىشىنەتتى. ئەمما ھازىر كىشىلەر شى جىنپىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ مەنپەئەتنى كۆزلىگەنلەردۇر. شۇڭا دورامچىلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەركەتلەر كىشىلەرگە سەلبىي تەسىر بېرىۋاتىدۇ.»
خۇ پىڭ يەنە شى جىڭپىڭنىڭ ماۋزېدوڭدىن پەرقلىق يېرى، ئۇنىڭ ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكىنى قوزغاپ، خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىۋېتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇ پىڭ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ يىللاردىكى مىللىي سىياسىتى تېخىمۇ قاتتىققوللۇق بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە ئېلىپ بېرىش سىياسىتى بولدى. يەنى ئۇ ‹جوڭخۇا بىرلىكى› دېگەننى باھانە قىلىپ، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى كۆزلەۋاتىدۇ. ھازىر ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن تارتىپ مەدەنىيىتىگىچە، ھەتتا دىنىي ئېتىقادىغىچە ھەممە نەرسىنى ئەڭ قاتتىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ يوقاتماقچى بولىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ نەزەرىدە ئۇلارنى يوقاتقاندىلا ئاندىن خىتايدا مىللىي مەسىلە تۈگىگەن بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى كەلگۈسىدە ئۆزلىرىنىڭ قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭ ھازىر خىتايدا قىلىۋاتقان ئىشلاردۇر.»
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ شى جىنپىڭنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكىنى يادرو قىلغان نۆۋەتتىكى سىياسىي ھەركەتلىرىنىڭ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد رەھبىرى ماۋزېدوڭ قوزغىغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا خۇ پىڭ ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىي ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتايدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتىكى بۇ سىياسىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى ماۋ دەۋرىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەردىكىدە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.