12-يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومېتىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۇر بايانات خىتاي ئىشلىرى كومېتىتىنىڭ تىۋېتتېردىكى تور ھىسابىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، باياناتتا مۇنداق دىيىلگەن: «بۇندىن 7 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر بىلىم ئادىمى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىندى ۋە كېيىنرەك ‹بۆلگۈنچىلىك› بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇ تىنچلىق يولى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرسىدا دىيالوگ باشلىغان ئىدى. ئۇ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەك.»
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومېتىتىنىڭ تور ئۇلىنىشىدا يەنە ئىلھام توختىنىڭ تەرجىمىھالى تولۇق بېرىلگەن. مەزكۇر باياناتتا يەنە ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە بەرگەن باياناتلىرى، ئۇنىڭغا 2014-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىدە سوت ئېچىلىپ، «جىنايەت» بېكىتىلگەن جەريانلار ئاي-كۈنلىرى بىلەن تەپسىلىي بېرىلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومېتىتىنىڭ مەزكۇر باياناتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ بايانات ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
خىزمەت ئالدىراشلىقى ئىچىدىكى جەۋھەر 13-يانۋار رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېكست ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دادىسى ھەققىدىكى باياناتىغا بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.
جەۋھەر مۇنداق يازغان: «مەن ئامېرىكا خىتاي ئىشلىرى كومىسسىيەسىنىڭ دادامنىڭ ئىشىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن مىننەتدارمەن. دادامنىڭ 7 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە قېلىشى مېنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ. مەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دادامنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن داۋاملىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
جەۋھەر خېتىدە ئۆز ئۈمىدىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: «مەن بۇنىڭ مەن ھەم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئاخىرقى قېتىم دادامنى ۋە قانۇنسىز تۈرمىگە سولانغان باشقا بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان دادام ۋە تۇتقۇندىكى بارلىق بىگۇناھ ئۇيغۇر خەلقى شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەك، دەپ قارايمەن.»
گېرمانيەدىكى «ئىلھام توختى ئىنىستىتوتى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەر جان ئەپەندى زىيارتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بۇ باياناتنى ئېلان قىلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەنۋەر جان ئەپەندى يەنە ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خەلقئارادا تۇتقۇن ئورنى ھەققىدە توختالدى. ئۇ ئىلھام توختىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەشكەن جاسارىتى ئۈچۈن «ئەركىنلىك جەڭچىسى» دەپ تەرىپلەنگەنلىكىنى، 7 يىلدىن بۇيان خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى باراۋەرلىكى ۋە قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇ 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» دىگەندەك ئاتالمىش «جىنايەت» لەر بىلەن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. يېقىنقى 7 يىلدىن بۇيان خەلقئرادا ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش سادالىرى بارغانچە كۈچەيدى. بۇ يىللاردا ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە كۆپلىگەن نوپۇزلۇق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى. ھازىرغا قەدەر ئىلھام توختى ئەپەندى «مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ساخوروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرى بىلەن مۇكاپاتلاندى.