ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا 10 يىل بولغاندىمۇ ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسى نازارەتتىن قۇتۇلالمىغان

0:00 / 0:00

بۇ يىل ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا 10 يىل بولدى. ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا دوتسېنت بولۇپ ئىشلىگەن، شۇنداقلا ئۇزۇن مەزگىل ئائىلىسى بىلەن بېيجىڭدا ياشىغان ئىدى. ئۇ، 2014-يىلى 15-يانۋار بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 22-23- كۈنلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوتى تەرىپىدىن «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ھەمدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى گۈزەلنۇر بىلەن ئىككى ئوغلىنىڭمۇ بېيجىڭدا تەقىب ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھامنىڭ 16-يانۋار رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دادىسى ئىلھام توختى 2014-يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، دەسلەپكى 3 يىل جەريانىدا بېيجىڭدىكى ئائىلىسىنىڭ ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئۈرۈمچى 1-تۈرمىسىگە بېرىپ، ئىلھام توختىنى يوقلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان ئىكەن. ھالبۇكى، 2017-يىلىدىن كېيىن، ئامېرىكادا ياشاۋاتقان جەۋھەرنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسى ۋە ئاتۇشتىكى تۇغقانلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىلىرى ئۈزۈلگەن. ئۇ، دادىسى ئىلھام توختىنىڭ 2017- يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.

جەۋھەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلدىن كېيىن ئۇ بېيجىڭدىكى خىتاي تونۇشلىرى ئارقىلىق دادىسى ۋە ئائىلىسى ھەققىدە ۋاسىتىلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن. ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسى ۋە ئاتۇشتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتتىق تەقىب ئاستىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىلگىرىكى تونۇش-بىلىشلىرى بۇ ئائىلە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەن.

جەۋھەرنىڭ بېيجىڭدىكى خىتاي تونۇشلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر گەرچە ھازىرمۇ بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ چوڭ ئىنىسى «بېيجىڭدا نوپۇسى يوق» دېگەن باھانە بىلەن يۇرتىغا قايتۇرۇلۇپ، ئاتۇشتىكى ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ئىكەن.

بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، 2008-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى خۇ جيا ئەپەندى، ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى دوستلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ كەلگەن ئىدى.

17-يانۋار كۈنى بىز ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن، خۇ جىيانىڭ قول تېلېفونىغا تېلېفون قىلدۇق.

تېلېفونىمىز خۇ جيا ئەپەندىگە ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تېلېفوندىكى كاشىلا تۈپەيلى ئاۋازنى ياخشى ئاڭلىيالمىغانلىقىنى ئېيتتى. تېلېفونىمىز قايتا ئۇلانغاندا، ئۇ 2017-يىلدىن بۇيان ئىلھام توختى ھەققىدە ھېچقانداق يېڭى ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

خۇ جيانىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆزى بېيجىڭدىكى ئۆيىدە نەزەربەندتە بولغىنى ئۈچۈن، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر ۋە بالىلىرىنى يوقلاپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان ئىكەن.

ئۇ، باشقىلار ئارقىلىق ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇرنىڭ ھەر ۋاقىت ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدىغانلىقى، بۇ ئۆيگە سىرتتىن ئۇرۇلغان تېلېفونلارنىڭ كىرمەيدىغانلىقى ۋە ئىلھام توختىنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئاتۇشتىكى ياتاقلىق مەكتەپكە ئاپىرىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئىكەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.