ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

4-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا «ياۋروپا بىلەن ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىكى ئورتاق ئەندىشىسى »تېمىسىدا مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ قارمىقىدىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىش بېجىرىش ئورنى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر يىغىن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلگەن خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ شەرىپىگە بېغىشلانغان.

يىغىنغا ئىلھام توختىنىڭ ئامېركادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغاندىن سىرت يىغىنغا ئاساسلىقى كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر قىسىم مۇھىم ئەزالىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاشنگتوندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ خادىملىرى ھەمدە ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاشنگتوندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ دىرېكتورى جوسېف دان 2014-يىلى « دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مۇكاپات ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتىنى ئىلھام توختىنىڭ ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇۋېلىشى مۇمكىن بولمىغاندىن سىرت يەنە 2017- يىلىدىن بۇيان ئۇنىڭ ھېچ قانداق خەۋىرى يوقلۇقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى جەيمس رىچ سۆزىدە ئىلھام توختى ئەينى چاغدا تەشەببۇس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى قوللىنىش ھوقۇقلىرىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازدىن ئۆتكەن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن يېڭى نۇسخىسىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى ۋە بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن بوب مەنېندېز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «خىتايدىكى ماندالا » دەپ تەرىپلەنگەن ئىلھام توختىدەك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ گۈزەل مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى چوڭقۇر سۆيگەن شۇنىڭدەك ئۇنى قوغداش، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەقەللى كىشىلىك ھوقۇقلىرى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا زور پىداكارلىق كۆرسەتكەن بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىغا «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تەقدىم ئەتكەنلىكىدىن بەكمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، يەنە 2020 -يىلىدەك بۈگۈنكى بىر مەدەنىيەتلىك دەۋردە خىتاي تەرىپىدىن بىگۇناھ ھالدا جازالانغان ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالى نامەلۇم بولغاندىن سىرت مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ئاستىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ھالدا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ:« مەيلى ئىلھام توختى بولسۇن ۋە ياكى باشقا مىليوندىن ئارتۇق شۇنىڭغا ئوخشاش بىگۇناھ ھالدا لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچ قانداق بىرى بۇنداق زۇلۇم كۆرۈشكە لايىق ئەمەس، شۇڭا بىز ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنىڭ بالدۇرراق ماقۇللىنىشىنى دەۋەت قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زۇلۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ئەمدى قاراپ تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىدىن ھەم بۇنى توختىتىش ئۈچۈن چوقۇم جىددىي ۋە ئەمەلىي تەدبىر ئېلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىدىن سىگنال بېرىۋاتىمىز»دېدى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئۆزى ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئىلھام توختىنىڭ ۋەزىيىتىگىلا ئەمەس پۈتۈن ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان ۋەزىيەتكە تارتىشنى مەقسەت قىلىپ، بۇلتۇر ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇ يىل ئۇنىڭ ساخاروف مۇكاپاتى ئالغانلىقىنىڭ بۇ مەسىلىنىڭ يەرشارىلاشقان ،ھەممە ئورتا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋەقە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ماركو رۇبىيو ئاخىرىدا سۆزىنى « كىشىلىك ھوقۇققا ئالاھىدە قىممەت بەرگەن ۋە شۇ قىممەت ھەم پرىنسىپلارنى ساقلاشنى ئۆزىگە ئەھدە قىلغان دۆلەت، جەمئىيەت ۋە كىشىلەر قاچانكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ خىل ئەقەللىي ئىنسان ھوقۇقلىرىغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارشى تۇرمىسا، دېمەك بۇنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ، نەتىجىدە، بىز ياشاۋاتقان بۇ جەمئىيەت ۋە بۇ دۇنيا، بىر-بىرىگە تۈپتىن قارمۇ- قارشى بولغان قىممەت ۋە پرىنسىپلار ھۆكۈم سۈرگەن ھالغا كېلىپ قالىدۇ. ئەمدى پۈتۈن دۇنيا بىرلىكتە ئەمەلىي تەدبىر ئالىدىغان پەيت كەلدى» دېگەنلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

يىغىن داۋامىدا يەنە ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ ياشۇئې تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ئىلھام توختى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

ياۋروپا پارلامېنتى 2019-يىلى، 18‏-دېكابىر كۈنى تۈرمىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن 2019‏-يىللىق «ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مۇكاپاتنى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام دادىسىغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالغانىدى.

فىلىمدىن كېيىن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام سەھنىگە چىقىپ، بۇ فىلىمنى نەچچە قېتىم تەكرار -تەكرار كۆرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھەر كۆرگىنىدە ئۇنى خۇددى يېڭىدىن كۆرگەندەك ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دادىسىنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ، مەزكۇر يىغىننى ئۆتكۈزگەنلىكىگە تەشەككۈر بىلدۈردى. ئۇ، ئۆزىنىڭ 2017- يىلىدىن ئېتىبارەن دادىسى ھەققىدە ھېچقانداق بىر خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتىكىدەك ھەممە ئۇيغۇر لاگېرلارغا كورونا ۋىرۇسى تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆزىنىڭمۇ دادىسىنىڭ ئەھۋالىدىن چوڭقۇر قايغۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

جەۋھەر يەنە يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇقلارنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇشى، بولۇپمۇ لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا خەلقئارادىكى كۆپلىگەن داڭلىق شىركەتلەرنىڭ چېتىلىپ قېلىشىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ شىركەت ۋە كارخانىلارنى ھەمدە ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتماسلىققا چاقىردى.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە جىنايەتلىرىنى توختىتىش پەقەت ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭلا مەسئۇلىيىتى ئەمەسلىكىنى، بۇ ھەم بارلىق ھۆكۈمەت ۋە ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئىنسانىي مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: « ئۇلار تۈرمىلەردە زۇلۇم چەكمەكتە، ئۇلار سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇشۇڭلارغا مۇھتاج» دەپ تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ دىرېكتورى جوسېف دان يىغىندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىلھام توختىغا بۇ مۇكاپاتنى لايىق كۆرگەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىلھام توختىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىگۇناھ ھالدا لاگېر ھەم تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، «بۇ خىل ئورتاق ۋە ماس قەدەمدىكى تەدبىرلەر ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە خاتىمە بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم ۋە زۆرۈر ھەمكارلىق »دەپ كۆرسەتتى. جوسېف دان ئەپەندى بۇنىڭ ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش ياسىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.