مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، 2015-يىلى 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئۇ ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا مەھكۇم قىلىنغان ئىدى.
18-ئاپرىل كۈنى ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام CNN قانىلىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بولغان خەلقئارا شىركەتلەرنى ئۇيغۇر «مەجبۇرىي ئەمگىكى» بەدىلىگە ئېرىشىۋاتقان پايدا-مەنپەئەتلەردىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان.
جەۋھەر مەزكۇر ئوبزورىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى چەكلەۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ مۇھىم پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىنمۇ بۇنى كۆرۈش مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش› ۋە ‹تېرورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش› دەپ ئاتىماقتا. ئۇلار تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنى ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلەيدىغان ‹كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى› دەپ تەسۋىرلىمەكتە. رايوندا ئىقتىسادىي جەھەتتە گۈللىنىش بارلىققا كەلدى دەپ داۋراڭ سالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاق تاشلىق كىتابىدا، 2014-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر رايونىدا تەخمىنەن 1 مىليون 290 مىڭ كىشىنى ‹كەسپىي تەربىيەلەش› تىن ئۆتكۈزدى، دىيىلگەن.»
جەۋھەر ئوبزورىدا يەنە دادىسى ئىلھام توختى ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىدىكى تەڭ-باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇيغۇرلارنى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» تەشەببۇسى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«دادام ئىقتىسادشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا نامراتلىقنى ھەقىقىي يوسۇندا تۈگىتىش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئەركىنلىكنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇنىڭ تەشەببۇس قىلغىنى، ھەممە كىشى مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىغا ئىگە بولۇش، باراۋەر خىزمەت پۇرسىتى بولۇش ۋە ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى بولۇش ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ‹قايتا تەربىيە›لىدۇق دېگىنى، ئەمەلىيەتتە مەدەنىيىتىمىزنىڭ يوقىتىلىشى ۋە بىزنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقىمىزنىڭ رەت قىلىنىشىدۇر. خىتاينىڭ ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› نى قۇرۇشى، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كەچكۈزۈپ، ئۇلارنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان.»
جەۋھەر ئوبزورىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن ئالغان پايدىسى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «دادام تۈرمىگە تاشلانغان بىر نەچچە يىلدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن زور پايدا ئالدى. دۇنيادىكى پاختانىڭ تەخمىنەن 20 پىرسەنتى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئۇيغۇرلار پاختانى قولدا تېرىشقا مەجبۇر. دېمەك، دۇنيا بازىرىدىكى پاختا كىيىم-كېچەكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەن. دادام ‹خىتاينىڭ شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەقەت خىتايلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە باغلىق بولۇشى، مېنى قايغۇغا سالىدۇ› دېگەن ئىدى. دادام ئۇ چاغدا ئۇيغۇر رايونىدىكى يەر ۋە تەبىئىي بايلىقلارنىلا كۆزدە تۇتقان ئىدى. ئەمما ھازىر رايوندىكى يەرلىك خەلق ئۇيغۇرلار ‹مەجبۇرى ئەمگەك كۈچلىرى› گە ئايلاندۇرۇلدى.»
جەۋھەر ئىلھام ئوبزورىدا يەنە بىر قىسىم خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر «مەجبۇرىي ئەمگىكى» بەدىلىگە پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تەنقىتلىگەن. ئۇ بۇ شىركەتلەرنى بۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان: «ئەگەر داڭلىق ماركىلار ۋە پارچە سېتىش شېركەتلىرى ئۇيغۇر رايونىدىن مال سېتىۋېلىشنى توختاتسا، بۇنىڭ رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ياردىمى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن دادامنىڭ ھېكايىسىنى ھەمبەھىرلەپ، شىركەتلەردىن توغرا ئىش قىلىشىنى ئۆتۈندۈم. بۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر قانداق نۇقتىلاردىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈشكە قوشۇلغان شىركەتلەرنىڭ تىجارىتىنى ۋە خېرىدارلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلىپ قېلىشتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىر قەدىمى. بۇ ئىتتىپاقنىڭ ھەرىكەتكە چاقىرىشى، داڭلىق ماركىلاردىن بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇلار ASOS، Eileen Fisher، Marks & Spencer قاتارلىق شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى يۆتكەش ۋە ئۇيغۇر رايونىنى تەمىنلەش زەنجىرىدىن چىقىرىۋېتىش ئۇنچە ئاسان بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكىنى ئىشلەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان بىردىن-بىر يولدۇر. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بۇ رايونلاردا چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ھازىر خىتايدىكى بازار پايدىسىنى ساقلاپ قېلىش كويىدا بولۇۋاتقان شىركەتلەر، يەنى بۇ ۋەدىگە ئەمەل قىلىشنى رەت قىلىۋاتقان شىركەتلەر، بىزنىڭ خەلقىمىزنى نومۇسسىزلارچە ۋەيران قىلىپ، پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ پايدىسىنى قوغلاشماقتا.»
20-ئاپرىل راديومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جەھۋەر ئىلھام، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىگىنىڭ كۆپ ساھەلەرگە باغلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «دۇنيا ھازىر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر بىرىگە تېخىمۇ باغلىنىپ كەتتى. ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا، ئەرزان ئەمگەك كۈچى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە تايىنىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر كىيىم-كېچەك كەسپىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلانغان بىردىن-بىر ساھە دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كىيىم-كېچەك ساھەسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلانغان بىردىن-بىر ساھە ئەمەس. مەيلى قۇياش ئېنېرگىيە سانائىتى، چاچ مەھسۇلاتلىرى، شوخلا ياكى يوقىرى تېخنىكا بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم جەھەتتىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقتۇر.»
جەۋھەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «گەپنى ئالدى بىلەن كىيىم-كېچەك كەسپىدىن باشلايلى. كىيىم-كېچەك سانائىتى نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟ چۈنكى مەيلى باي ياكى كەمبەغەل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممە كىشى كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىشى كېرەك. كىشىلەر كىيىم-كېچەك سېتىۋالغاندا دائىم پاختىدىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ئىزدەيدۇ، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە راھەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما بىز پاختا ماتېرىيالنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. خىتاينىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 84 پىرسەنتى مېنىڭ ۋەتىنىم-ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدۇ. بۇ يەر شارى پاختا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 22 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ تەخمىنەن قىلىپ ئېيتقاندا، دۇنيا بازىرىغا كىرگەن بەش پاختا كىيىمدىن بىرى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە كېلىپ بۇ كىيىملەرنىڭ ياسىلىشىغا بەلكىم ئۇ يەردىكى نەۋرە تۇغقانلىرىڭىز، تاغىلىرىڭىز، دوستلىرىڭىز ياكى سىز تونۇيدىغان بىرىنىڭ قولى تەككەن بولۇشى ئېنىق.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جەۋھەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىگىنىڭ تېخمۇ كۆپ ساھەلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ خەلقئارا شىركەتلەرنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن پايدا ئېلىشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى: «شۇنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، پاختا ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بىردىن-بىر ماتېرىيال ئەمەس. مەيلى يۇڭ، پولېستېر ياكى ھەر خىل بىرىكمە تالالاردىن سۆز ئاچساق، ۋەتىنىمدە ئىشلەپچىقىرىلغان بۇنداق مەھسۇلاتلار خېلى كۆپ. مەسىلەن، يەر شارىدىكى كۆپ قۇتۇپلۇق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 45 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارىيەسى ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم ماتېرىيال ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدۇ. دېمەك، يەر شارى قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى سانائىتىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بچېتىلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقىمۇ بىز بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، يەنى بەك كېچىكمەسلىكىمىز كېرەك.»
جەۋھەر ئىلھام ئوبزورىدا يەنە دادىسى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «دادامغا جازا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان، خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلاشتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان بىزنى نامرات ھالەتتە قالدۇرۇش ۋە جەمئىيەتتە يەكلەش داۋام قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە باستۇرۇشنى تېخىمۇ تېزلەتتى. ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئۈزلۈكسىز نازارەت قىلىش ۋە باشقا تۈرلۈك خورلاشلار داۋاملاشتى. بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەتلا خىتاي بەلگىلەپ بەرگەن تەرەققىيات پىلانىغا بويسۇنۇشى ياكى ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشتىن باشقا ئىشلارنى قىلالماسلىقىدەك ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدىن ئەھۋال ئىگىلەش ۋە خەۋەر بېرىشكە ئۇرۇنغان مۇخبىرلارغا قاتتىق چەكلىمىلەر قويدى. خىتاي دائىرىلىرى ھەتتا رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىمۇ قەتئىي رەت قىلدى.»
جەۋھەر مەزكۇر ئوبزوردا يەنە ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە ئىشلەۋاتقان خىزمىتى ھەققىدە توختىلىپ: «مەن ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز يوقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماركىلارنى ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ماتېرىياللارنى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىن چىقىرىۋېتىشكە چاقىرىشتۇر،» دېگەن.
جەۋھەر ئىلھام دادىسى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:
«دادامنى ئاخىرقى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىم، مېنىڭ ئامېرىكاغا ماڭغان كۈنۈم ئىدى. ئايرودرومدا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار ۋە دادامنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەن دادام ئېيتقان سۆزلەردىكى ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلارنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاۋاتىمەن. چۈنكى 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى مېنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگەرتكەن كۈن ئىدى. نەگىلا باراي، مەن باشقىلارغا دادامنىڭ مەن بىلەن قانداق خوشلاشقانلىقى، مېنىڭ چوقۇم خىتايدىن كېتىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىمەن. ئۇ مېنى ئامېرىكاغا يولغا سالغان ئەشۇ كۈنى، ئەگەر مەن بېيجىڭ ئايرودرومىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە قالغان بولسام، مېنىڭ بۈگۈنكى ھاياتىم بولمىغان بولاتتى. مەن ئېرىشكەن بۇ ئەركىن ھاياتنى دادام ئارزۇ قىلغان، بارلىق ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئارزۇ قىلغان، ئەمما ئۇلار ئەزەلدىن بۇنىڭغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.»
ئۇ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى: «2013-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى مېنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگەرتكەن بىر كۈن بولدى. گەرچە بۇ كۈننىڭ ماڭا بەرگەن جاراھەتلىرى ئېغىر بولسىمۇ، مەن يەنىلا ھازىرقى ھاياتىمدىن مىننەتدار. ئەگەر دادام مېنى شۇ كۈنى ئۇ يەردىن ئايرىلىشقا ئىتتىرمىگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مەن ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا سۆزلىيەلمىگەن بولاتتىم. ھازىر قىلىۋاتقان بارلىق خىزمەتلىرىمنى-ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى، دادامنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشىنى، شۇنىڭدەك قاماقتىكى مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىپ سۆزلىيەلمىگەن بولاتتىم. . .»