8-ئاينىڭ 30-كۈنى «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خاتىرە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە مەخسۇس كۆرگەزمە ئېچىپ، تۈرمىگە تاشلانغان ۋە ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن 30 ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ رەسىمىنى كۆرگەزمە قىلىپ غايىبلارنى خاتىرىلىدى.
بىرقىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەتلىرى زورلۇق كۈچى ئارقىلىق ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋەتكەن كىشىلەرنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2010-يىلى ھەر يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنىنى «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خاتىرە كۈنى» قىلىپ بېكىتكەنىدى. بۇ يىللىق خاتىرە كۈنىدە «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» تەشكىلاتى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى مەريەم ئانا مەيدانىدا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىپ، بۇ خىل مەجبۇرىي غايىبلىقنىڭ قۇربانلىرىنى ئەسلەش بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» تەشكىلاتى رەئىسى ئەنۋەر جان ئەپەندى پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خاتىرە كۈنىنى خاتىرىلەش، مىڭلىغان زىيالىيلىرىمىز تۇتقۇن قىلىنغان، مىليونلاپ ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان، مىڭلىغان ئەزىمەتلىرىمىز زالىم خىتاي تەرىپىدىن ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەن پەيتتە ناھايىتى مۇھىم دەپ ئويلايمىز. بىز بۇلارنى نەزەردە تۇتقان ھالدا قولغا ئېلىنغان، تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەن ئۈچ يۈزدىن كۆپ زىيالىيلىرىمىزدىن ئىلھام توختى، گۈلشەن ئابباس، راھىلە داۋۇت، جەمىلە ساقى، ئارسلان ئابدۇللا، ئابدۇلىتىپ ئابدۇرەھىم، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى ۋە ئەختەم ئۆمەر قاتارلىق 30 كىشىنىڭ رەسىمىنى رامكىغا ئالدۇرۇپ، رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدۇق. مەقسىتىمىز بۇ ئارقىلىق جامائەتچىلىكنىڭ مەتبۇئاتنىڭ ۋە گېرمان خەلقىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تارتىشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت».

ئەنۋەر جان ئەپەندى ميۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تارتقانلىقىنى، بۇنى گېرمانىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ميۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەريەم ئانا مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن، تۆت سائەت داۋاملاشقان پائالىيەتتە نېمىسچە ۋە ئىنگلىزچە يېزىلغان ۋاراقچىلارنى تارقاتتۇق. گېرمانىيە ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاۋاز چوڭايتقۇچلار ئارقىلىق ئوقۇدۇق ۋە قىزىققانلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشتۇق. بۇ، گېرمانىيە خەلقىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. پايدىلىق بىر پائالىيەت بولدى دەپ ئويلايمەن. بىز›ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى‹تەشكىلاتى بۇ پائالىيىتىمىزنى گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدىمۇ كېڭەيتىپ ئاچماقچى».

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلغان. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى پائالىيەتنىڭ پايدىلىق بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«ئىلھام توختى قوللاش گۇرۇپپىسى» تەشكىلاتى2016-يىلى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئىلھام توختىنى ئاساس قىلغان ھالدا، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشماقتا.