23-سېنتەبىر ئېچىلغان «ئىلھام توختى خىتاي تۈرمىسىگە مەھكۇم قىلىنغانلىقىنىڭ 6-يىلىدا» ناملىق ئىنگلىز تىلىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان تور سۆھبەت يىغىندا ئىلھام توختىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش ئاساسىي تېما بولدى.
يىغىنغا نورۋېگىيەدىن قاتناشقان پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئاۋۋال ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۇتقۇندىكى ئەھۋالىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئىلھام توختى بىلەن بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بايلىقلارنى ئىگىلىۋېلىشى، ئۇيغۇرلاردىكى ئېغىر ئىشسىزلىق مەسىلىسى قاتارلىقلار ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆپ قېتىم سۆھبەتتە بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەندەك: «زىددىيەت پەيدا قىلغۇچى» ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زىديەتلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشقان شەخس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىندىن كېيىن ئابدۇۋېلى ئەپەندى ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 1992-يىلى بېيجىڭغا ئوقۇشقا بارغان چېغىدا ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن تونۇشقانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم پىكىرلەشكەنلىكىنى، شۇنداقلا بەزى پائالىيەتلەردە بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
بۇ قېتىملىق تور سۆھبەت يىغىنىدا يەنە 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى بىلەن بىر مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنغان 7 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشمۇ تىلغا ئالاھىدە ئېلىندى. بۇ مەسىلە مارىي ھولىسمان خانىم تەرىپىدىن يىغىن ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب باسقۇچىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مارىي ھولسمەن خانىم ئەينى چاغدا خەلقئارادا ئىلھام توختى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە ھازىر قانداق يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ بارلىقىنى سورىدى.
مارى ھولسمەن خانىمنىڭ بۇ سوئالىغا ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ۋە ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر جاۋاب بەردى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن مۇتەللىپ ئىمىن، ئاتىكەم ئەمەت، ئەكبەر ئىمىن قاتارلىقلارنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە باشقا مەلۇماتلارنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
جەۋھەر ئىلھام دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئابدۇقېيۇم ۋە يىزۇ مىللىتىدىن بولغان لو فامىلىلىك ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ بەزى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندا، ئۇنىڭ 2004-يىلى قۇرغان «ئۇيغۇربىز» تورىدا خالىسانە تور باشقۇرۇش خىزمىتىدە بولغان ۋە بۇ توردا ئاكتىپ ماقالە ئېلان قىلغان 7 نەپەر ئوقۇغۇچىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىلدە تۇتۇن قىلىنغان ئىدى.
شۇ ۋاقىتتا بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن پەرھات خالمۇرات، شۆھرەت نىجات، ئەكبەر ئىمىن، ئابدۇقېيۇم، لاۋ يۈ ۋېي(يىزۇ مىللىتىدىن) قاتارلىق 5 ئوقۇغۇچى بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇربىز» تورىدا كۆپ قېتىم ماقالە ئېلان قىلغان مۇتەللىپ ئىمىن ۋە ئۇنىڭ قىز دوستى ئاتىكەم روزى ئىككىيلەن خوتەن ۋە ئاقسۇدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئەمما بۇ ئوقۇغۇچىلار سوتلانغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.
يىغىندىن كېيىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە 2016-يىلى ئۆزى ئىگىلىگەن بەزى ئەھۋاللارنى ئاڭلىتىپ ئۆتتى.
ئەينى چاغدا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن مۇتەللىپ ئىمىن 2013-يىلى تۈركىيە ئىستانبۇلدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ قىز دوستى ئاتىكەم روزىغا پاسپورت بېجىرىپ بەرمىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز دوستىنى كۆرۈش ۋە يۇرتى خوتەنگە تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن كەلگەن. ئۇ شۇ قېتىم ئىستانبۇلغا قايتىش سەپىرىدە بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ دەسلەپ 79 كۈن قاماقتا ياتقاندىن كېيىن، بىر مەزگىل قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما دائىرىلەر ئۇنىڭ تۈركىيەگە قايتىپ داۋاملىق ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان. 2014-يىلى15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى بېيجىڭدىن تۇتقۇن قىلىنغان كۈنى مۇتەللىپ ئىمىنمۇ يۇرتى خوتەندە، ئۇنىڭ قىز دوستى ئاتىكەم روزى ئاقسۇدا تۇتقۇن قىلىنغان.
2014-يىلى 23-سېنتەبىردىكى ئىلھام توختىنى سوتلاش يىغىنىدا ئىلھام توختى بىلەن بىر كۈندە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرمىدىكى مەجبۇرىي ئىقرارى دەلىل-ئىسپات سۈپىتىدە سوتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. سوتتىن كېيىن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى پەرھات خالمۇرات، شۆھرەت نىجات قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىلەن لو يۈۋېي ئىسىملىك بىر يىزۇ ئوقۇغۇچى تېلېۋىزىيە ئېكرانىغا چىقىرىلىپ، ئىلھام توختىنى ئەيىبلەشكە مەجبۇرلانغان.
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىلھام توختى ئۈستىدىن سوت ئېچىلغاندىن كېيىن، بۇ 7 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۈستىدىنمۇ ئىلگىرى-كېيىن تۈرمە ئىچىدىلا يېپىق سوت ئېچىلغان. 2014-يىلى 12-ئايدا ئۇلارنىڭ تۆۋىنى 7 يىللىق، يۇقىرىسى 10 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ ئۇچۇرلار ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ۋە ليۇ شاۋيۈەن قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئىدى.
0:00 / 0:00